«شىنجاڭ مىجيې» رەڭدار مېۋە - كۆكتات چۆپىنى تونۇتتى

日期:2023年03月19日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى

«بۇ مەن ئىشلەپچىقارغان مېۋە - كۆكتات چۆپى، ئوخشاش بولمىغان مېۋە، كۆكتاتلارنى قوشۇپ خېمىر يۇغۇرۇپ، ئاندىن پىششىقلاپ كېپىنەكسىمان ھالەتكە كەلتۈردۈم، بۇ ھەر خىل رەڭدىكى كېپىنەككە ئوخشايدۇ» دېدى 2 - ئاينىڭ 17 - كۈنى شىنجاڭ مىجيې قارا ھەرە چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ليۇ خۇيفاڭ مۇخبىرغا.

ليۇ خۇيفاڭ ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ كۆكيار بازىرى ياڭاق يېڭى كەنتىدە چوڭ بولغان بولۇپ، «90 - يىللاردا تۇغۇلغان». داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇ ئالدى بىلەن ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ يۇرتىنىڭ قەغەز ياڭىقى ۋە بىڭتاڭشىن ئالمىسىنى ساتتى، ئارقىدىن ئىلى قاتارلىق جايلاردا ئىشلەپچىقىرىلغان ھەسەلنى ساتتى. كىچىككىنە تور دۇكىنى ئارقىلىق، ئەلا سۈپەتلىك شىنجاڭ ھەسىلى بازار تاپتى، ئۇمۇ بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق مال ساتىدىغان ۋاڭخۇڭغا ئايلىنىپ، تورداشلار تەرىپىدىن «شىنجاڭ مىجيې» دەپ ئاتالدى.

بۇ بىرنەچچە يىلدا، ليۇ خۇيفاڭنىڭ شىركىتى، زاۋۇت ئۆيى ۋە ماركىسى بار بولدى، «ھەسەلدەك ئىشلار» بارغانسېرى روناق تاپتى. ھەسەل ھەرىسى بېقىشتىن ھەسەل مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، پىششىقلاشقىچە، ئاندىن شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توردا ۋە تور سىرتىدا سېتىشقىچە، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئىشلەيدىغان ياشلارنىڭ سانى 60 تىن ئاشتى.

قانداق قىلغاندا «ھەسەلدەك ئىشلار»نى يەنىمۇ كېڭەيتىپ تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ؟ ليۇ خۇيفاڭ نەزەرىنى كىشىلەر كۈندە يەيدىغان ئۇندىن ياسالغان يېمەكلىكلەر قاراتتى.

«شىنجاڭنىڭ مېۋە - كۆكتاتلىرىنىڭ سۈپىتى ياخشى، بۇلغانمىغان، ئوزۇقلۇق تەركىبى مول، ئۇلارنى چۆپكە قوشقاندا، ئىستېمالچىلارنى تېخىمۇ مول ئۆزگىچە ئۇندىن ياسالغان يېمەكلىكلەر بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، يەنە شىنجاڭنىڭ مېۋە - كۆكتاتلىرى ۋە ئاشلىقىنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ» دېدى ليۇ خۇيفاڭ.

بۇ يىل باھار بايرىمى تېخى ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا، ليۇ خۇيفاڭ ئاقسۇ شەھىرىدە قۇرغان پىششىقلاش زاۋۇتى سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتى. تېخنىك خادىملار ئۇنغا ئايرىم - ئايرىم ھالدا شۇ جايدىن چىقىدىغان جىغان، پىچەكگۈل، چامغۇر، سەۋزە، پالەك، كاۋا قاتارلىق مېۋە - كۆكتاتلارنى ئارىلاشتۇرۇپ، ئاندىن ماشىنىدا پىششىقلاپ چۆپ، خۇديېميەن، خەيلوميەن، كۇڭشىنگۇەنميەن قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقاردى، بۇ، ئۇندىن ياسالغان يېمەكلىكلەرگە گۈزەل تەبىئىي رەڭ كىرگۈزدى، شۇنداقلا ئوخشاش بولمىغان ئوزۇقلۇق تەركىبلىرىنى قوشتى.

ھازىر ليۇ خۇيفاڭ مېۋە - كۆكتات چۆپى مەھسۇلاتلىرىنى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاپىرىپ بەردى، تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىشقا بولىدۇ.

مەھسۇلات تېخى بازارغا سېلىنماي تۇرۇپلا، بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان بەزى تورداشلار ئۇنىڭدىن ئالدىن مال زاكاز قىلىشقا باشلىدى. مۆلچەرلىنىشىچە، ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ھەر كۈنى ئىشلەپچىقىرىلىدىغان 200 كىلوگىرامدىن 300 كىلوگىرامغىچە بولغان مېۋە - كۆكتات چۆپى ئېھتىياجنى قاندۇرالمايدىغان بولۇپ، ليۇ خۇيفاڭ كېيىنكى يېرىم يىلدا يەنە بىر ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى كۆپەيتىشنى پىلانلىدى.

«يۇرتۇمدىكى تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشنى، يۇرتداشلارنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىشنى ئويلىساملا، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم غەيرەتكە تولغاندەك ھېس قىلىمەن» دېدى ليۇ خۇيفاڭ. باھار كېلىپ گۈللەر ئېچىلغاندىن كېيىن، ئۇ يەنە ئېتىزغا بېرىپ يالپۇز، جىسەي قاتارلىقلارنى يىغىپ، يۇرتىنىڭ بۇ مول بايلىقىنى مېۋە - كۆكتات چۆپىگە سىڭدۈرىدۇ.