تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى «دېڭىز»لارنى كۆرۈپ كېلىڭ

日期:2023年03月17日
来源:天山网
【字体:

ھەممىگە مەلۇم

شىنجاڭ دېڭىزدىن ئەڭ يىراق جاي

لېكىن بۈگۈن

مەن سىزنى شىنجاڭغا كېلىپ

«دېڭىز» كۆرۈشكە تەكلىپ قىلىمەن

دۇنيادا بىر خىل كۆك رەڭ بار

ئۇ بولسىمۇ سايرام كۆلىنىڭ كۆك رەڭگى

دولقۇنلار جىمىرلاپ تۇرغان كۆل يۈزى

ئوخشاشلا كۆك رەڭدە بولغان كۆك ئاسمان بىلەن تۇتىشىپ كەتكەن بولۇپ

يىراقتىكى تاغلارنىڭ سايىسى سۇ يۈزىدە ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ

جاھاندىكى پاكىز تۇپراق

شەرقتىكى شىۋېيتسارىيە

جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل كۆل

...

كىشىلەرنىڭ قاناسقا بولغانمەدھىيەلىرىنى

ئېيتىپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ

ھەر قېتىم قۇياش كۆتۈرۈلگەندە، قۇياش پاتقاندا

شەپەق نۇرى كۆل يۈزىگە چۈشۈپ

سۇ يۈزىدىكى تۇمانلار بىلەن گىرەلىشىپ

بەئەينى خىيالىي دۇنياغا ئوخشاش

ئىنتايىن گۈزەل تۈسكە كىرىدۇ

تىيانشان بوغدا كۆلى

بۇنىڭدىن ئىككى مىليون يىل ئىلگىرىكى

4-ئېرا چوڭ مۇزلۇق ھەرىكىتىنىڭ بوغدا چوققىسىدا

قالدۇرغان ئەسىرىدۇر

كۆلىنىڭ ئەتراپىنى شەمشادلار ئوراپ تۇرىدىغان بولۇپ

قارلىق چوققا بىلەن بىر-بىرىگە ھۆسىن قوشۇپ تۇرىدۇ

سۈرەت مەنبەسى: ۋەنجۇەن تىيانشان بوغدا كۆلى

تەبىئەت ۋە مەدەنىيەت بۇ يەردە ئۆزئارا گىرەلىشىدۇ

بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە

ئوخشىمىغان مەنزىرىلەر كۆز ئالدىڭىزدا نامايان بولىدۇ

بۇ، پامىر ئېگىزلىكى تەۋەسىگە كىرگەندىكى

تۇنجى مەنزىرە لىنىيەسىدۇر

بەيشاخۇ كۆلى ئېگىزلىكتىكى قۇم-بوراننىڭ ئۇپرىتىشىدىن شەكىللەنگەن

كۈمۈش رەڭلىك قۇمتاغلار ئارىسىدا

بەيشاخۇ كۆلى بەئەينى

كۈمۈش رەڭلىك تاجغا نەقىشلەنگەن كۆك ياقۇتقا ئوخشايدۇ

بەيشاخۇ كۆلى. جاڭ زېخۇەن فوتوسى

بۇ، جۇڭگودىكىسۇ كىرىپ-چىقىپ تۇرىدىغانئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق تاتلىق سۇ كۆلىدۇر

مەنزىرىسى ئىنتايىنگۈزەل بولۇپ

قۇملۇقتىكىسېرىق قۇم بىلەن سۇ يۇرتىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن

سۈرەت مەنبەسى: باغراش كۆلى

باغراش كۆلى داخېكوۋ مەنزىرە رايونى

بېلىقچىلىق مەدەنىيىتىۋە خەلقنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئۆزىنىڭ خاسلىقى قىلغان

باغراش كۆلى ليەنخەي دۇنيا مەنزىرە رايونىدا

دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ياۋا نېلۇپەر توپى بار

ياۋا نېلۇپەر توپى بىلەن تەبىئىي قومۇشلار سۇغا ياندىشىپ ئۆسكەن

«باغراش كۆلىدىكى مەرۋايىتمارجان» دەپ تەرىپلەنگەن

بۇ، ئۇيسۇن قەدىمىي يولىدىكى

ئېگىزلىكتىكى دېڭىز

شۇنداقلا شىنجاڭدا ئاز ئۇچرايدىغان چوڭ تىپتىكى ئېگىز تاغ كۆلى

سۈرەت مەنبەسى: مافېڭۋو بېيجىشىڭ گۇڭلۆ (马蜂窝北极星攻略)

ھەر يىلى 6-ئايدىن 9-ئايغىچە

نۇرغۇن ساياھەتچى دوستلار

ئۇيسۇن قەدىمىي يولىنى كېسىپ ئۆتىدۇ

لېكىن يول بويى خەتەرلىك بولغاچقا

بۇ گۈزەل مەنزىرىنى ھەقىقىي كۆرۈپ باققانلار

ساناقلىقلا

ئەگەر بۇلارنىشىنجاڭدىكى «دېڭىز»لار دېسەك،سىزنى جەلپ قىلالامدىكەن؟

«شىنجاڭ ياخشى جاي» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

(مەريەمگۈل يۇنۇس، ھەلىمە قۇربان تەرجىمە قىلغان، رەتلىگەن)