شىنجاڭدا 2-ئايدا ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھاسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.5 ئاشتى

日期:2023年03月17日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر گاۋ فېڭ)3-ئاينىڭ 11-كۈنى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى شىنجاڭ تەكشۈرۈش باش ئەترىتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 2-ئايدا، شىنجاڭ ئاھالىلىرىنىڭ ئىستېمال باھاسى(CPI)بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.5 ئاشقان، ئېشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.5 پىرسەنت پوئىنت تۆۋەنلىگەن؛ سېلىشتۇرما نىسبىتى %0.4 تۆۋەنلىگەن، ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.5 پىرسەنت پوئىنت چۈشكەن. 1-،2-ئايدا تەكشى بولغان، شىنجاڭ ئاھالىلىرىنىڭ ئىستېمال باھاسى ئالدىنقى يىلدىكىئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.8 ئاشقان.

2-ئاينىڭ 24-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)نىڭ غەربىي چوڭ دەرۋازىسىدىكى باجدىن خالىي بىۋاسىتە سېتىۋېلىش مەركىزىدە تاۋارتاللىماقتا.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى

بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگەقارىغاندا، يېمەكلىك باھاسى %2.9 ئۆسكەن، يېمەكلىكتىن باشقا بۇيۇملارنىڭ باھاسى%1.1 ئۆسكەن؛ ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ باھاسى %1.8 ئۆسكەن، مۇلازىمەت باھاسى %1.0 ئۆسكەن. يېمەكلىك ئىچىدە، يېڭى مېۋىلەرنىڭ باھاسى %15.2 ئۆسكەن، كۆكتات باھاسى %2.6 تۆۋەنلىگەن، چارۋا گۆشباھاسى %1.4 تۆۋەنلىگەن. باشقا يەتتە چوڭ تۈرنىڭ باھاسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئالتىسىنىڭ ئۆسۈپ، بىرىنىڭ چۈشكەن، باشقا بۇيۇملار ۋە مۇلازىمەت باھاسى %3.7 ئۆسكەن، كىيىم-كېچەك باھاسى %2.9 ئۆسكەن، قاتناش، خەۋەرلىشىش باھاسى %1.9 ئۆسكەن، تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە مۇلازىمەت باھاسى %1.4 ئۆسكەن، مائارىپ، مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش باھاسى % 0.7 ئۆسكەن، تۇرالغۇ باھاسى% 0.5 ئۆسكەن؛ داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش باھاسى %0.1 تۆۋەنلىگەن.

سېلىشتۇرما نىسبىتىدىن قارىغاندا، يېمەكلىك باھاسى %0.8 تۆۋەنلىگەن، يېمەكلىكتىن باشقا بۇيۇملارنىڭ باھاسى %0.3 تۆۋەنلىگەن؛ ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ باھاسى %0.2 تۆۋەنلىگەن، مۇلازىمەت باھاسى %0.7 تۆۋەنلىگەن. يېمەكلىكلەرنىڭ ئىچىدە كۆكتات باھاسى %2.5 تۆۋەنلىگەن، چارۋا گۆشنىڭ باھاسى %1.4 تۆۋەنلىگەن، يېڭى مېۋە باھاسى%0.4 تۆۋەنلىگەن. باشقا يەتتە چوڭ تۈرنىڭ باھا سېلىشتۇرما نىسبىتى ئىككىسىنىڭ ئۆسۈپ، بەشىنىڭ تۆۋەنلىگەن، تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە مۇلازىمەت باھاسى %0.2 ئۆسكەن، داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش باھاسى %0.1 ئۆسكەن؛ تۇرالغۇ، باشقا لازىمەتلىكلەر ۋە مۇلازىمەت باھاسى بىردەك %0.1 تۆۋەنلىگەن، كىيىم-كېچەك، مائارىپ، مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش باھاسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %0.3 تۆۋەنلىگەن، قاتناش، خەۋەرلىشىش باھاسى % 1.1 تۆۋەنلىگەن.