شىنجاڭدىكى تاشيوللارنىڭ يېقىندا قۇرۇلۇش قىلىنىدىغان بۆلەكلىرى توغرىسىدا ئەسكەرتىش! سەپەر لىنىيەسىنى ۋاقتىدا تەڭشەڭ

日期:2023年03月17日
来源:天山网
【字体:

يول ئەھۋالى ئەسكەرتىشى

يېقىندا قۇرۇلۇش قىلىنىدىغان بىر قىسىم يول بۆلەكلىرى

↓↓↓

G312 لىنىيەسىنىڭK4836 + 700-K4840 (61-تۇەن ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىدىن 62-تۇەن 10-ليەنگىچە بولغان) يول بۆلىكى

يول يۈزىنى تۈزەش قۇرۇلۇشى قىلىنغاچقا، 3-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ بۇ يول بۆلىكىدە قوش يۆنىلىشتە يېپىق ھالەتتە قۇرۇلۇش قىلىش پىلانلاندى، جەمئىيەتتىكى ئاپتوموبىللار كۆرسەتمە تاختىسىغا ئاساسەن ئايلىنىپ ماڭىدۇ،پىلاندا 3-ئاينىڭ 19-كۈنى قاتناشئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ.

G218 لىنىيەسىنىڭ (قورغاس-چاقىلىق لىنىيەسى) K812-K1058 (لوپنۇر ناھىيەسىدىن ئالاغانغىچە بولغان) يول بۆلىكى

خەتەرلىك كۆۋرۈكنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلغاچقا، 3-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 0دىن باشلاپ، بۇ يول بۆلىكىدە قوش يۆنىلىشتە يېپىق ھالەتتە قۇرۇلۇش قىلىش پىلانلاندى، قۇرۇلۇش مەزگىلىدە رايون ئىچىدىكى كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىللار ۋە يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوموبىللار كۆۋرۈك ئورنىنىڭ سول تەرىپىگە تەسىس قىلىنغان ۋاقىتلىق يول ۋە ۋاقىتلىق كۆۋرۈكتىنقاتنايدۇ، چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللار لوپنۇر ناھىيەسىدىن چاقىلىق ناھىيەسىگە قاراپ ماڭغاندا، G218 لىنىيەسىنىڭ K812 + 100 كىلومېتىرلىق جايىدىن سولغا بۇرۇلۇپ، G0711 لىنىيەسىنىڭ K323 + 500 لوپنۇر ھەق ئېلىش پونكىتىغا كىرىدۇ، چاقىلىقتىن لوپنۇرغا قاراپ ماڭغاندا، G218 لىنىيەسىنىڭ K1058 + 400 كىلومېتىرلىق جايىدىن سولغا بۇرۇلۇپ، G0711 لىنىيەسىنىڭ K552 + 000 ئالاغان ھەق ئېلىش پونكىتىغا كىرىدۇ،5-ئاينىڭ 15-كۈنى قاتناشئەسلىگە كەلتۈرۈش مۆلچەرلەندى.

S226 لىنىيەسىنىڭ (كۆكتوقاي-قەشقەر لىنىيەسى) K6-K7 (كۆكتوقاي تونېلى) يول بۆلىكى

تونېلدا ماشىنا-ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىدە قۇرۇلۇش قىلىش، ئاسراش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىلغاچقا، 3-ئاينىڭ 13-كۈنى سائەت 10دىن باشلاپ، بۇ تونېلدا تاق يۆنىلىشتە نۆۋەت بىلەن قۇرۇلۇش قىلىنىدۇ، 3-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 14تە قاتناشئەسلىگە كەلتۈرۈش مۆلچەرلەندى.

S234 لىنىيەسىنىڭ (مەكىت ناھىيەسى-قاغىلىق ناھىيەسى) K0-K30 + 360 (مەكىت ناھىيەسىدىن قىزىلئاۋات يېزىسىغىچە بولغان) يول بۆلىكى

بۇ يول بۆلىكىنىڭ يول يۈزى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغان بولۇپ، بۇ يول بۆلىكىدە قوش يۆنىلىشتە يېپىق ھالەتتە قۇرۇلۇش قىلىنىدۇ، يولدىن ئۆتكەن ئاپتوموبىللار S13 لىنىيەسى، G217 لىنىيەسى بىلەن ئايلىنىپ ماڭسا بولىدۇ،5-ئاينىڭ 30-كۈنى قاتناشئەسلىگە كەلتۈرۈش مۆلچەرلەندى.

G3012 لىنىيەسىنىڭ (تۇرپان-خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى) K741-K742 (يانتاققۇدۇق مۇلازىمەت رايونى ئەتراپى) يول بۆلىكى

ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش سەۋەبىدىن، 3-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 11:30دىن باشلاپ بۇ يول بۆلىكىدىكى يۈرۈش يولىنىڭ يېرىمىدا (كورلىدىن ئاقسۇغا قاراپ ماڭغان يۆنىلىشتە)يېپىق ھالەتتە قۇرۇلۇش قىلىنىدۇ، بارلىق ئاپتوموبىللار يانداپ ئۆتۈشيولىدا ماڭىدۇ،3-ئاينىڭ 25-كۈنى قاتناشئەسلىگە كەلتۈرۈش مۆلچەرلەندى.

يۇقىرىقى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن سەپەرگە چىقىش لىنىيەسى ۋە ۋاقتىنى ۋاقتىدا تەڭشەپ، يول يۈرۈش بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىڭ.

ئەگەر شىنجاڭنىڭ ئەڭ يېڭى ياكى تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي يول ئەھۋالى ۋە تاشيول ھاۋا رايى قاتارلىق مۇھىم ئۇچۇرلارغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، شىنجاڭ قاتناش ئاممىۋى سەپەرگە چىقىش ئۇچۇر مۇلازىمەت تور بېكىتىگە چىقىپ ياكى «شىنجاڭ يول تورى» ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرىغا دىققەت قىلىپ تەكشۈرۈپ ئىگىلىسىڭىز بولىدۇ.