A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكامنى قانداق داۋالاش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟

日期:2023年03月17日
来源:天山网
【字体:

خەلق گېزىتى مۇخبىرى شېن شاۋتيې

«خەلق گېزىتى» (2023-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى نەشرى، 13-بەت)

ھەر يىلى ئەتىياز پەسلى A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام كۆپ يۈز بېرىدىغان پەسىل بولۇپ، يېقىندا بەزى جايلاردا تارقاق ئاغرىق مىساللىرى كۆرۈلدى. A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام دېگەن نېمە؟ ئۇنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟ ئۇنى قانداق داۋالاش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش كېرەك؟ ياشانغانلار ۋە بالىلار نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟ دۆلەت سەھىيە ساغلاملىق كومىتېتى مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ بۇ توغرىسىدا جاۋاب بەردى.

«A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىققان جىددىي خاراكتېرلىك نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكىنى كۆرسىتىدۇ.» بېيجىڭ داشۆ1-دوختۇرخانىسى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ گۈيچياڭ مۇنداق دېدى: A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام ئاساسلىقى ھاۋادىكى چاچراندىلار ئارقىلىق تارقىلىدۇ. A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام بولغاندا ئاساسلىقى قىزىش، باش ئاغرىش، مۇسكۇل، بوغۇملار ئاغرىش، پۈتۈن بەدەن بىئارام بولۇشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، بەدەن تېمپېراتۇرىسى 39-40 سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىدۇ؛ يەنە بىر قىسىم يۇقۇملانغۇچىلاردا بۇرۇن-يۇتقۇنچاق ئىششىپ ئاغرىيدۇ، بۇرۇندىن سۇ ئاقىدۇ، ئايرىم يۇقۇملانغۇچىلاردا يەنە ئاشقازان-ئۈچەي تىپىدىكى يۇقۇملىنىش كۆرۈلىدۇ، بۇنىڭدا ياندۇرۇش، ئىچى سۈرۈشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؛ ئېغىر بولغاندا ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى پەيدا بولۇشى مۇمكىن، ئاساسىي كېسىلى بار ياشانغانلار يۇقۇملانغاندىن كېيىن ئاساسىي كېسىلى ئېغىرلىشىپ كېتىشى مۇمكىن.

A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام بىلەن ئادەتتىكى زۇكامنىڭ قانداق پەرقى بار؟ ۋاڭ گۈيچياڭ مۇنداق تەھلىل قىلدى: A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشقا تەۋە، يۇقۇشچانلىقى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ، زۇكام باشقا بىر قىسىم ۋىرۇسلار، مەسىلەن: بۇرۇن ۋىرۇسى، بەز ۋىرۇسى قاتارلىق ۋىرۇسلار بىلەن يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىقىدىغان بولۇپ، يۇقۇشچانلىقى تۆۋەن. A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكامنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى تېخىمۇ ئېغىر، كېسەللىك جەريانى ئۇزاق، زۇكامنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى بىر قەدەر يېنىك، كېسەللىك جەريانى تېخىمۇ قىسقا بولۇپ، ئۈچ كۈندىن بەش كۈنگىچە ساقىيىپ كېتىدۇ. داۋالاش ئۇسۇلىدىن قارىغاندا، A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكامنى داۋالاشتا ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ، زۇكامنى داۋالاشتا ئادەتتە ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ھاجەتسىز، كېسەلگە قاراپ داۋالاش قىلسا، كۆپرەك سۇ ئىچىپ بەرسە، دەم ئېلىشقا دىققەت قىلسا بولىدۇ، شۇنداق قىلغاندىلا سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ. كېسەلنىڭ ئاقىۋىتى ۋە ئەگەشمە كېسەل نۇقتىسىدىن قارىغاندا، A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكامنىڭ خەتىرى بىر قەدەر چوڭ بولىدۇ، مەسىلەن:ئۆپكە ياللۇغلىنىدۇ، ئاساسىي كېسەللىكلەرنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى قوزغايدۇ، زۇكامدا ئەگەشمە كېسەللىكلەر كۆرۈلمەيدۇ.

بىر قىسىم كىشىلەر A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن كېسەللىك ئالامەتلىرى بىر قەدەر ئېغىر بولىدۇ، بۇ نورمالمۇ؟ ۋاڭ گۈيچياڭ مۇنداق تەھلىل قىلدى: ئىلگىرى ھەر يىلى تارقىلىشچان زۇكام تارقالغان، بۇنىڭدىن نۇرغۇن كىشى يۇقۇملىنىپ باققان، بەدىنىدە بەلگىلىك ئىممۇنىتېت كۈچى بولغاچقا، كېيىن يەنە يۇقۇملانغاندىن كېيىن كېسەللىك ئالامەتلىرى يېنىك بولغان. تارقىلىشچان زۇكام بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، بەدەندە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئانتىتېلا ھاسىل بولۇپ، بەلگىلىك ئىممۇنىتېت توسۇقى شەكىللىنىدۇ. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى تارقالغان ئۈچ يىلدىن بۇيان، مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر مۇداپىئەنى ياخشى ئىشلىگەچكە، A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام بىلەن يۇقۇملانمىدى، ھەممىسى A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام بىلەن ئاسان يۇقۇملىنىدىغان كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ.

A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، قانداق ئەھۋالدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك؟ پايتەخت تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى بېيجىڭ چاۋياڭ دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى، بېيجىڭ شەھەرلىك نەپەس يولى كېسەللىكلىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى تۇڭ جاۋخۇي مۇنداق ئەسكەرتتى: ئەگەر بەدەن تېمپېراتۇرىسى 39 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولسا، پۈتۈن بەدەندىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى بىر قەدەر ئېغىر بولىدۇ، مەسىلەن: قىزىش، پۈتۈن بەدەن سىرقىراپ ئاغرىش ۋە بىئارام بولۇش، ھەتتا يۆتىلىش، دېمى سىقىلىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.

كىچىك بالىلار، بولۇپمۇ بوۋاقلار A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام بىلەن يۇقۇملانسا ئاتا-ئانىلار يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. پايتەخت تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى بېيجىڭ بالىلار دوختۇرخانىسى جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ چۈەن مۇنداق دېدى: بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئاساسلىق ئالامىتى نەپەس يولى يۇقۇملىنىش. لېكىن قورامىغا يەتكەنلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بالىلار تارقىلىشچان زۇكامغا ئاسان گىرىپتار بولىدىغان كىشىلەر توپى ھېسابلىنىدۇ، بولۇپمۇ 2 ياشتىن تۆۋەن بالىلار. ئەگەر بالىلاردا قىزىتما ئۈچ كۈندىن ئېشىپ كەتسە، بەدەن تېمپېراتۇرىسى 40 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولسا، نەپەس قىيىنلىشىش، چىرايى تاتىرىپ كېتىش، تارتىشىپ قېلىش، روھسىزلىنىش ياكى ياندۇرۇش، ئىچى سۈرۈش، سۈيدۈك مىقدارى ئازىيىپ كېتىش، يىغلىغاندا كۆزىدىن ياش چىقماسلىق قاتارلىق سۇسىزلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، بۇ ئەھۋالدا ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىش كېرەك.

«ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنى دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىشلىتىش كېرەك.» ۋاڭ گۈيچياڭ مۇنداق دېدى: كېسەللىك ئالامىتى بىر قەدەر ئېغىر يۇقۇملانغۇچىلار، ئېغىر كېسەللىك خەۋپ-خەتىرى يۇقىرى ياشانغانلار ۋە ئاساسىي كېسىلى بار كىشىلەر ۋىرۇسقا قارشى دورا ئىشلىتىپ داۋالانسا بولىدۇ. ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنى قانچە بالدۇر ئىشلەتسە شۇنچە ياخشى، 48 سائەت ئىچىدە ئىشلەتسە ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولىدۇ. ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن بىخەتەرلىكى ناھايىتى ياخشى، ئەمما بەزى ناچار تەسىرلىرىمۇ بار، مەسىلەن:بىر ياشتىن تۆۋەن بوۋاقلارغا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن، ئەڭ ياخشىسى دوختۇردىن مەسلىھەت سوراش كېرەك.

A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش كېرەك؟ تۇڭ جاۋخۇي مۇنداق دېدى: بىر تەرەپتىن، ماسكا تاقاش، قول تازىلىقىغا دىققەت قىلىش، ئىجتىمائىي ئالاقە ئارىلىقىغا دىققەت قىلىش، دائىم ھاۋا ئالماشتۇرۇش تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئۈنۈملۈك ۋاسىتىلەردۇر. يەسلى، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە، ئەگەر سىنىپتا بالىلار قىزىپ قالسا، باشقا بالىلارغا يۇقتۇرۇپ قويۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، قىزىپ قالغان بالىلارنىڭ ئۆيىگە قايتىپ ئارام ئېلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى ئەملەش ئەڭ تېجەشلىك، ئەڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋاسىتىسى ھېسابلىنىدۇ. ھەر يىلى كۈز پەسلى ۋاكسىنا ئەملەشنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلى. بالىلار، بولۇپمۇ ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بالىلار ۋە 65 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلار A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكامغا ئاسان گىرىپتار بولىدىغانلار بولۇپ، ئاكتىپلىق بىلەن ۋاكسىنا ئەملىتىپ يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. باشلانغۇچ مەكتەپ، يەسلىلەردىكى بالىلار دائىم ئادەم توپلاشقان مۇھىتتا تۇرىدۇ، ئاسانلا A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام بىلەن يۇقۇملىنىپ قالىدۇ، شۇڭا ئۇلارغىمۇ ۋاكسىنا ئەملەش كېرەك. ئاساسىي كېسىلى بارلار يۇقۇملانغاندىن كېيىن، ئاساسىي كېسىلى ئېغىرلىشىپ كېتىشى، ئېغىر كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن، شۇڭا ئۇلارمۇ ۋاكسىنا ئەملىتىشى كېرەك.