ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار: بۇنى كۆرۈڭلار، ساقلىۋېلىڭلار!

日期:2023年03月16日
来源:天山网
【字体:

3-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ-ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان مەركىزى 2023-يىللىق ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش شەرتلىرىنى ئېلان قىلدى. ئېھتىياجلىق ئاتا-ئانىلار پايدىلانسا بولىدۇ.

2023-يىللىق ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش شەرتلىرى

ئىمتىھانغا تىزىملىتىش ئوبيېكتى: ۋەتەننى قىزغىن سۆيىدىغان، ئاساسىي قانۇن-قانۇنلارغا رىئايە قىلىدىغان، تېنى ساغلام بولغان تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغانلار.

1. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇسى بولغان ھەم شەھەر ياكى رايون (ناھىيە)لۇق مائارىپ ئىدارىسىدا ئوقۇش تەۋەلىكى ئەنگە ئېلىنغان بۇ يىل تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغانلار.

2. نوپۇسى ئۈرۈمچى شەھىرىدە بولمىغان، لېكىن ئاتا-ئانىسى بىردەك مۇشۇ شەھەردە ئىشلەيدىغان ھەم شەھەر ياكى رايون (ناھىيە)لۇق مائارىپ ئىدارىسىدا بىر يىلدىن ئارتۇق (9-يىللىقنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئوقۇش تەۋەلىكىنى ئەنگە ئالدۇرغان ھەمدە ئۇدا ماھىيەتلىك ئوقۇۋاتقان بۇ يىل تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغانلار.

3. 2023-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن، تولۇقسىز 3-يىللىقنى پۈتكۈزىدىغانلار ۋە ئاتا-ئانىسى (ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەسىيسى) ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇسى بولغان، سىرتتا ئوقۇۋاتقان بولۇپ نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايغا قايتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىغا قاتنىشىشى زۆرۈر بولغان بۇ يىل (ئىلگىرىكى يىللاردا) ئوقۇش پۈتكۈزىدىغانلارجەزمەن مۇناسىۋەتلىك ئىسپات ماتېرىياللىرى (ئوقۇۋاتقان مەكتەپ تەمىنلىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ماھىيەتلىك ئوقۇش ئىسپاتى، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتىسى (ئانىسى)نىڭ نوپۇس دەپتىرى، كىملىكىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى ۋە كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى) بىلەن تەمىنلىگەندىلا ئاندىن ئىمتىھانغا قاتنىشىشقا تىزىملىتالايدۇ.

4. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇسىبولغان ئۈرۈمچى رايونىدىكى ئىلگىرىكى يىللاردا ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەر؛ بۇشەھەردە بىر يىلدىن ئارتۇق (9-يىللىقنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئوقۇش تەۋەلىكى بولغان ھەمدە ئۇدا ماھىيەتلىك ئوقۇۋاتقان مەزكۇر شەھەرنىڭ دائىملىق نوپۇسىدا بولمىغان ئىلگىرىكى يىللاردا ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەر.

​5. تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلەرنىڭ ئىمتىھانغا تىزىملىتىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ:

(1) مەزكۇر شەھەرنىڭ نوپۇسى بولمىغان ھەم شەھەر ياكى رايون (ناھىيە)لۇق مائارىپ ئىدارىسىدا بىر يىلدىن ئارتۇق(9-يىللىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)ئوقۇش تەۋەلىكىنى ئەنگە ئالدۇرمىغان بۇ يىل (ئىلگىرىكى يىللاردا) ئوقۇش پۈتكۈزىدىغانلار؛

(2) تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ(تۈرلۈك كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)تە ئوقۇۋاتقانلار، ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەر؛

(3) تۈرلۈك ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر، تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىدىكى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار، ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەر.

(4) ئالدىنقى يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىدا كۆز بويامچىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئىمتىھانغا تىزىملىتىشسالاھىيىتى، مەكتەپكە كىرىش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلانغان، بۇ يىل ئىمتىھانغا تىزىملىتىشقارۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقى بەلگىلەنگەنلەر.

6. ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقان ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئاتا-ئانىلار، ئوقۇغۇچىلار ئىختىيار قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، كەسپىي ئوتتۇرا تېخنىكوم، كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى قاتارلىق ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرگە قوشۇمچە تىزىملاتسا بولىدۇ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپ ھەمدە ئالىي كەسپىي تېخنىكوملارنىڭ بەش يىللىق تۈزۈمدىكى كەسىپلىرىگە ئايرىم تىزىملاتسىمۇ بولىدۇ. ھەرقايسى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرگە ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملىتىشقا ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەك.