جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئۇچقۇچىلار شۆيۈەنىنىڭ شىنجاڭدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان ئايروپىلان مۇلازىمەتچىلىكى ۋە خەلق ئاۋىياتسىيەسى ھاۋا بوشلۇقى بىخەتەرلىكىنى قوغداش كەسپىگە تىزىملىتىش يۈزتۇرا ئىمتىھان خىزمىتى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى باشلىنىدۇ

日期:2023年03月16日
来源:天山网
【字体:

2023-يىلى جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئۇچقۇچىلار شۆيۈەنى ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئايروپىلان مۇلازىمەتچىلىكىۋە خەلق ئاۋىياتسىيەسى ھاۋا بوشلۇقى بىخەتەرلىكىنى قوغداش كەسپىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىدى،تىزىملىتىش ۋە يۈزتۇرا ئىمتىھان2023-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 9:30دىن 12:00گىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تيەنيۈەن مېھمانسارىيىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ، كونكرېت تەلەپ ۋە چارىلەر تۆۋەندىكىچە:

1. تەربىيەلەش نىشانى

ئاساسلىقى ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلگەن،ئىنگلىز تىلى ئاساسى پۇختا، يولۇچىلار بۆلمىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش بىلىملىرىگە ۋە بىر قەدەر يۇقىرى مەدەنىيەت ساپاسىغا ئىگە، كەسپىيتەربىيە ئالغان خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئايروپىلان خادىملىرى ھەم ھاۋا بوشلۇقى بىخەتەرلىكىنى قوغداش خادىملىرى تەربىيەلىنىدۇ، مەخسۇس كۇرس، ئوقۇش مۇددىتى ئۈچ يىل.

2. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئوبيېكتى ۋە شەرتى

(1) ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئوبيېكتى

2023-يىللىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەملىكەتلىك ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بىر تۇتاش ئىمتىھانى(ئادەتتىكى تۈر پىلانى)غا قاتناشقان، 2002-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن كېيىن تۇغۇلغان، ئىجتىمائىي پەن، تەبىئىي پەن تۈرىدىن بۇ يىل ئىمتىھان بېرىدىغان، ئىلگىرى ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار، چەت ئەل تىلى تۈرى ئىنگلىز تىلى بولغان بولۇش.

(2) بەدەن شارائىتى

ئوغۇللارنىڭ بوي ئېگىزلىكى 185~175سانتىمېتىر؛ قىزلارنىڭ بوي ئېگىزلىكى 174~164سانتىمېتىر؛ بەدەن شەكلى تەكشى، ئاستىنقى بەدەن ئۇزۇنلۇقى ئۈستۈنكى بەدەن ئۇزۇنلۇقىدىن ئىككىسانتىمېتىردىن يۇقىرى بولۇش، پۇتى روشەن «O» شەكىللىك ۋە «X» شەكىللىك بولماسلىق، روشەن ئىچ مايماق، تاش مايماقبولماسلىق؛ ھەر بىر كۆزىنىڭ يىراقنى كۆرۈش قۇۋۋىتى 0.5 (C خەت جەدۋىلى)دىن تۆۋەن بولماسلىق؛ رەڭ قارىغۇسى، رەڭ ئاجىزلىقى، ئالىغاي بولماسلىق؛ ئاڭلاش ئىقتىدارى بەش مېتىردىن تۆۋەن بولماسلىق؛ بەش ئەزاسى بېجىرىم، تېرە رەڭگى ياخشى، يازلىق كىيىم كىيگەندە بەدەننىڭ ئوچۇق قىسمىدا روشەن تارتۇق ۋە پىگمېنت نورمالسىزلىقى بولماسلىق؛ روھىي كېسەللىك تارىخى بولماسلىق؛ گەپ-سۆزى ئۆتكۈر، مىجەزىئوچۇق-يورۇق، يۈرۈش-تۇرۇشى سالاپەتلىك بولۇش؛ كېمە، ئاپتوموبىللارغا چىققاندا بېشى قايماسلىق؛ ئېغىزى، قولتۇقى پۇرىماسلىق؛ جىگەر ياللۇغى، تۇبېركۇليوز، تولغاق، كېزىك قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بولماسلىق. بەدىنى خەلق ئاۋىئاتسىيەسى ئايروپىلان خىزمەتچىلىرىنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇش.

3. ئىمتىھانغا تىزىملىتىش تەرتىپى

(1) تىزىمغا ئالدۇرۇش. ئىختىيارىي تىزىملىتىش پىرىنسىپى بويىچە، تىزىمغا ئالدۇرغۇچىلار تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننىرلاپ تىزىملىتىش جەدۋىلىنى بېسىپ چىقىرىپ ۋە تولدۇرۇپ، يۈزتۇرا ئىمتىھاننەق مەيدانىدا تەكشۈرۈشكە تاپشۇرغاندىن كېيىن تىزىمغا ئالدۇرۇشنى تاماملىسا بولىدۇ.

(2) يۈزتۇرا ئىمتىھان. تىزىملىتىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن، تىزىملىتىش جەدۋىلى، كىملىكىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى، يېقىندا يالاڭباش چۈشكەن بىر سۇڭلۇق رەڭلىك سۈرەتتىنئىككى پارچە ئېلىپ، نەق مەيداندا تەكشۈرتكەندىن كېيىن يۈزتۇرا ئىمتىھانغا قاتنىشىدۇ(يۈزتۇرا ئىمتىھان ۋاقتىدائوغۇللار قىسقا يەڭلىك كۆينەك، قېنىق رەڭلىك ئۇزۇن ئىشتان كىيىدۇ؛ قىزلار قىسقا يەڭلىك مايكا، تىزىغا كېلىدىغان قىسقا يوپكا كىيىدۇ، ئۇزۇن پايپاق تارتمايدۇ.)

جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئۇچقۇچىلار شۆيۈەنى بىلەن جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىپاي چەكلىك شىركىتى زاكاز شەكلىدە بىرلىشىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ، جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئۇچقۇچىلار شۆيۈەنىنىڭ يۈزتۇرا ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن ئوقۇغۇچىلارئۆز ئارزۇسى بويىچە جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ يۈزتۇرا ئىمتىھانىغا قاتنىشىشنى تاللاپ، زاكاز شەكلىدە بىرلىشىپ تەربىيەلەيدىغان ئوقۇغۇچى بولىدۇ.

(3) سالامەتلىك تەكشۈرتۈش. يۈزتۇرا ئىمتىھاندىن كېيىن سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغانلار سالامەتلىك تەكشۈرۈشكە قاتناشسا بولىدۇ، تەپسىلىي سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇشى يۈزتۇرا ئىمتىھان ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلارغا ئۇقتۇرۇلىدۇ.

(4) قوبۇل قىلىش. يۈزتۇرا ئىمتىھان، سالامەتلىك تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغانلار مۇناسىپ كەسىپلەرگە ئىمتىھان بەرسە بولىدۇ ھەمدە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىگە بىرلەشتۈرۈپ، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان پىلاندىكى سانغا ئاساسەن، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ئەلالىرى تاللاپ قوبۇل قىلىنىدۇ.

تۆتىنچى، نەق مەيداندا تىزىملىتىش، يۈزتۇرا ئىمتىھان ۋاقتى ۋە ئورنى

(1) ۋاقتى: 2023-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 9:30دىن 12:00گىچە

(2) ئورنى: ئۈرۈمچى ئايروپورتى تيەنيۈەن مېھمانسارىيى(ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭىشەھەر رايونى مېھمان كۈتۈش يولى 1341-نومۇر)

(3)ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى:

جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئۇچقۇچىلار شۆيۈەنى: 5182078-0838

جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى: 3804017-0991

ئىمتىھانغا تىزىملىتىشنى خالايدىغانلار جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئۇچقۇچىلار شۆيۈەنى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇر تورى(http://zsc.cafuc.edu.cn)غا چىقىپ ياكى ۋىيشىنئاممىۋى نومۇرى(cafuc _ zsc)غا دىققەت قىلىپ، تەپسىلىي ئىشلارنى ئىگىلىسە بولىدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى