رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىنىڭ يېپىلىش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى شىنجاڭدىكى كەڭ كادىرلار، ئاممىنى باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇردى −
بىز بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەرگە مەنسۇپ كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى ياخشى يەتكۈزىمىز
□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى
رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىنىڭ يېپىلىش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى شىنجاڭدىكى كەڭ كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى يېتەكلەپ بىرلىكتە كۈرەش قىلىشى ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈلدى، يېڭى مۇساپىگە ئاتلاندۇق، باش شۇجى شى جىنپىڭ يول باشلىغۇچىمىز بولغاچقا، بىز چەكسىز ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغا چۆمدۇق، ئىشەنچىمىز ھەسسىلەپ ئاشتى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق قارىدى: قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ كۈچ ئۇلاش كالتىكى تارىخىي يوسۇندا بىز بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ زىممىسىگە يۈكلەندى. بىز پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، بىز بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەرگە مەنسۇپ كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى ياخشى يەتكۈزۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز.
«100 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز باشتىن - ئاخىر ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە دۇچ كەلگەن ئوڭۇشسىزلىق ۋە خىرىسلارنى يەڭدى.» ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) پارتىيە تارىخى، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئوقۇتۇش تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، دوتسېنت خې ۋېيچاڭ مۇنداق دېدى: يېڭى دەۋرگە كىردۇق، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، تارىخىي ئۆزگىرىشلەر ھاسىل قىلىندى، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يېڭى مۇساپىسى باشلاندى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچى مۇجەسسەملەندى.
«رەئىس شى جىنپىڭ: قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە، بىز قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. بۇ، بىز يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلار ئۈچۈن يۈرەك كۈچەيتىش ئوكۇلى بولدى!» نەق مەيداندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى جاڭ شىننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك جابدۇق ياسىمىچىلىقىنى ئەلالاشتۇرۇش، كۈچەيتىش، زورايتىش، قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسى تېخىمۇ چىڭىدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى دىققەتنى ئاچقۇچلۇق تېخنىكا، ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكا ۋە ئورتاقلىققا ئىگە تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردە يېڭىلىق يارىتىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارقىلىق، كەسىپلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو جابدۇق ياسىمىچىلىقىنىڭ يەر شارىۋى رىقابەت كۈچىنى پۇختا قەدەمدە ئاشۇرۇشىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەيدۇ.
«بىز يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ھەم يەر شارىۋى بازار ۋە بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىپ ئۆزىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز، ھەم دۇنيانىڭ ئورتاق تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.» رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ئۈرۈمچى تاموژنىسىغا قاراشلىق قورغاس تاموژنىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، تاموژنا باشلىقى ماۋ رۇڭگاڭغا مەسئۇلىيىتىنىڭ مۇھىم، زورلۇقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى: «بىز تىرىشىپ <يولنى راۋانلاشتۇرۇش، سۇپىنى كېڭەيتىش، كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش>كە ھەقىقىي كۈچ سەرپ قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، <جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى+>نىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تاشقى سودىنىڭ مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە سىجىل كۈچەپ، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تاشقى سودىدا تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چېگرا ھالقىغان سودىنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشىگە يەنىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىمىز».
قەلبتە ئېتىقاد بولسا، جىسمىمىز كۈچكە تولىدۇ. ماناس ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ليۇ چياڭ مۇنداق بىلدۈردى: باشتىن - ئاخىر باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، بىز بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەرگە مەنسۇپ بولغان كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى ياخشى يەتكۈزىمىز. پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، دىققەت قىلىۋاتقان مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، يېڭى دەۋر شىنجاڭ قۇرۇلۇشىدىكى قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، ھەر مىللەت ئامما ھەل بولۇشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيەسى ياخشى ناھىيە بەرپا قىلىش، كەسىپلەر ئارقىلىق ناھىيەنى كۈچەيتىش، ساياھەت ئارقىلىق ناھىيەنى گۈللەندۈرۈش، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ناھىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئارقىلىق ناھىيەنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، تۈر قۇرۇلۇشى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەگە سادىق بولۇشنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىدە پۈتۈپ چىقىمىز.
غەربىي شىمال چۆللۈكىدە، شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم تۇەنى باسقۇچ خاراكتېرلىك ھەربىي مەشىق بويىچە باھالاشنى جىددىي قانات يايدۇرۇپ، «ھەقىقىي، قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى، قاتتىق، ئەمەلىي بولۇش» تەلىپىنى پۈتۈن جەرياندا ئىزچىللاشتۇرماقتا. بۇ تۇەننىڭ 1 - دەرىجىلىك جۈنشىجاڭى ياڭ ليەنجىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگەنگەندىن كېيىن مۇنداق بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى كۈرەش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، جەڭگىۋارلىقتىن ئىبارەت بۇ بىردىنبىر تۈپ ئۆلچەمنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭىدىن سەپلەپ بېرىلگەن تۈرلۈك يېڭى تىپتىكى قورال - جابدۇقلارنى ئۆگىنىپ ئىگىلەپ، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈپ، ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالەت بىلەن دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىمىز.
«رەئىس شى جىنپىڭنىڭ <خەلق> دېگەن سۆزنى كۆپ قېتىم تەكىتلىگەنلىكىدىن تولىمۇ ئىللىقلىق ھېس قىلدىم.» شايار ناھىيەسى شايار بازىرى جىنيەنخې مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى پەرىدەم سىيىت ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، تۇرمۇشىمىزدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى، شەخسلەر ئىگىلىك تىكلىسەك سىياسەت بار، بالىلىرىمىزنىڭ ئوقۇشى ھەقسىز، شۇڭا ئائىلىمىزنىڭ كىرىمى يىلدىن - يىلغا ئېشىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن، مەن خاتىرجەم خىزمەت قىلىپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ ئاكتىپ ياخشى تەشۋىقاتچىسى بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئاھالىنى پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆز كۈچۈمنى قوشىمەن.
(مۇخبىر جاڭ يۈنمېي، قاتناشقان مۇخبىرلار جاڭ يەنفاڭ، شى شىن، چېن چياڭۋېي، گې يوۋجۈن، ياڭ شۇخەن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار چېڭ لېي، سۇڭ ۋېندۇڭ، دىڭ شياۋشياۋ)