غەربىي شىمال نېفىتلىكىدە ئاسىيا قۇرۇقلۇقىدىكى ئەڭ چوڭقۇر بولغان 1000 توننىلىق قۇدۇق بارلىققا كەلدى

日期:2023年03月16日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ جۈننىڭ جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى شىركىتى «شېندى 1 - نومۇر. شۇنبېي نېفىتلىك - تەبىئىي گازلىق بازىسى»دا يەنە بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، غەربىي شىمال نېفىتلىكى شۇنبېي 84 يانتۇ قۇدۇقى سىنىقىدا يۇقىرى مەھسۇلاتلىق سانائەت نېفىت - تەبىئىي گاز ئېقىمىغا ئېرىشكەن، نېفىت - تەبىئىي گاز ئېكۋىۋالېنتىغا سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا 1017 توننىغا يەتكەن، بۇ، شۇنبېي نېفىتلىك - تەبىئىي گازلىقىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر قاتلىمىدىكى 22 - «1000 توننىلىق قۇدۇق» ھېسابلىنىدىكەن. بۇ قۇدۇقنىڭ تىك يۆنىلىشلىك چوڭقۇرلۇقى 8937.77 مېتىر بولۇپ، ئاسىيا قۇرۇقلۇقىدىكى ئەڭ چوڭقۇر بولغان 1000 توننىلىق قۇدۇق ھېسابلىنىدىكەن.

1000 توننىلىق قۇدۇق يەككە قۇدۇقنىڭ كۈندىلىك مەھسۇلات مىقدارىنىڭ 1000 توننا نېفىت - تەبىئىي گاز ئېكۋىۋالېنتىدىن ئاشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ناھايىتى يۇقىرى ئېچىش قىممىتى ۋە ئىقتىسادىي قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنبېي 84 يانتۇ قۇدۇقى شۇنبېي نېفىتلىك - تەبىئىي گازلىقىدىكى 8 - نومۇرلۇق ئۈزۈلمە بەلباغقا جايلاشقان بولۇپ، نۆۋەتتە 1000 توننىلىق قۇدۇقتىن يەتتىسى چارلاپ تەكشۈرۈپ ئېچىلدى، ئىستىقبالى پارلاق. ئۇنىڭغا قوشنا بولغان 4 - نومۇرلۇق ئۈزۈلمە بەلباغنىڭ 2022 - يىللىق مەھسۇلات مىقدارى شۇنبېي نېفىتلىك - تەبىئىي گازلىقى ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىنىڭ %73.6ىنى ئىگىلەپ، جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى شىركىتىنىڭ «ئاز قۇدۇقتىن يۇقىرى مەھسۇلات ئېلىش» ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بولۇپ قالدى.

دۆلىتىمىزنىڭ نېفىت - تەبىئىي گازنى چارلاپ تەكشۈرۈش، ئېچىش ئەمەلىيىتىدە، كۆمۈلۈش چوڭقۇرلۇقى 8000 مېتىردىن ئاشىدىغان يەر قاتلىمى ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر قاتلام ھېسابلىنىدۇ. نۆۋەتتە، شۇنبېي نېفىتلىك - تەبىئىي گازلىقىدا ۋېرتىكال چوڭقۇرلۇقى 8000 مېتىردىن ئاشىدىغان قۇدۇق 49غا يەتتى، 1000 توننىلىق قۇدۇقتىن جەمئىي 22سى بايقالدى، 100 مىليون توننا دەرىجىلىك نېفىت - تەبىئىي گاز رايونى بەلبېغىدىن تۆتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، 3 مىليون توننا نېفىت ئېكۋىۋالېنتلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى بازىسى قۇرۇلۇپ، 4 مىليون 740 مىڭ توننا خام نېفىت، 2 مىليارد 800 مىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىلدى.

ھازىر، چوڭقۇر قاتلام، ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر قاتلام دۆلىتىمىزنىڭ نېفىتلىك، تەبىئىي گازلىقنى مۇھىم، زور بايقىشىدىكى ئاساسىي بازىسى بولۇپ قالدى. جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى شىركىتى دۆلەتنىڭ «چوڭقۇر دېڭىز، چوڭقۇر يەر قاتلام، چوڭقۇر بوشلۇق» ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكىتىنى پائال ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر قاتلام، ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى تېمپېراتۇرا، ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى بېسىم قاتارلىق دۇنياۋى قىيىن مەسىلىلەرنى يېڭىپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئېنېرگىيە تاماق قاچىسىنى چىڭ تۇتۇشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.