بۇ ھەپتە شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا ئىككى قېتىم ھۆل-يېغىنلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ ئىككىنچى قېتىم تېمپېراتۇرا بەش سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدۇ

日期:2023年03月15日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ مېڭفەن خەۋەر قىلىدۇ) تېمپېراتۇرا ئومۇمىي جەھەتتىن ئۆرلەش، بەزىدە سوغۇق ھاۋا ئېقىمى كۆرۈلۈش، بۇ ھەر يىلى باش باھاردىكى شىنجاڭنىڭ ھاۋا رايى ئالاھىدىلىكى. سوغۇق ھاۋا بىلەن ئىللىق ھاۋا ئۇچرىشىپ، كۆپ ھاللاردا ھۆل-يېغىن پەيدا قىلىدۇ. بۇ ھەپتە، سوغۇق ھاۋا ئىللىق ھاۋا بىلەن ئۇچرىشىپ، شىمالىي شىنجاڭدا ئىككى قېتىم ھۆل-يېغىنلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ.

3-ئاينىڭ 13-كۈنى (دۈشەنبە) كۈندۈزدىن 14-كۈنى (سەيشەنبە) كۈندۈزگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى، تىيانشان تاغلىق رايونى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا ئازراق يامغۇر ياغىدۇ (تاغلىق رايونلاردا يامغۇر ئارىلاش قار ياكى قار ياغىدۇ)، بۇنىڭ ئىچىدە شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكى، تىيانشان تاغلىق رايونى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھاليامغۇر يېغىپ قاتتىق يامغۇرغا ئۆزگىرىدۇ ياكى قار ياغىدۇ، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا قاتتىق يامغۇر ياكى قار ياغىدۇ، يۇقىرىقى كۆپ قىسىم رايونلاردا 4 بالدىن 5 بالغىچە غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ، شامال ئېغىزلىرىدا شامال كۈچى 9 بالغا يېتىدۇ، تېمپېراتۇرا سەل تۆۋەنلەيدۇ.

3-ئاينىڭ 16-كۈنى (پەيشەنبە)دىن 19-كۈنى (يەكشەنبە)گىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا ئازراق يامغۇر ياغىدۇ (تاغلىق رايونلاردا يامغۇر ئارىلاش قار ياكى قار ياغىدۇ)، بۇنىڭ ئىچىدە شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى ۋە شىمالىي قىسمى، تىيانشان تاغلىق رايونى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق يامغۇر ياغىدۇ ياكى قار ياغىدۇ، يۇقىرىقى كۆپ قىسىم رايونلاردا 4 بالدىن 5 بالغىچە غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ، شامال ئېغىزلىرىدا شامال كۈچى توققۇز بالغا يېتىدۇ، تېمپېراتۇرا بەش سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدۇ.

3-ئاينىڭ 13-كۈنى، بۇلۇتلۇق ھاۋادىكىئۈرۈمچى شەھىرى پات ئارىدا يەنە بىر قېتىملىق باھار يامغۇرىنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇرماقتا.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ مېڭفەن فوتوسى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە 3-ئاينىڭ 13-كۈنى (دۈشەنبە) كەچقۇرۇندىن كېچىگىچە، ئاساسلىق شەھەر رايونى، مىدۇڭ رايونىدا ئازراق يامغۇر ياغىدۇ، جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى ۋە تاغلىق رايونلاردا يامغۇر ئارىلاش قار يېغىپ ئازراق قارغا ئايلىنىدۇ، قىسمەن جايلاردا ئوتتۇراھال قار ياغىدۇ، داۋانچىڭ رايونىدا ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ، 5 بالدىن 6 بالغىچە غەرب شامىلى، 9 بال ئۆتكۈنچى شامال چىقىدۇ، تېمپېراتۇرا سەل تۆۋەنلەيدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، 3-ئاينىڭ 19-كۈنى (يەكشەنبە)نىڭ ئالدى-كەينىدە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا ھۆل-يېغىنلىق، تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن. ھەپتە ئىچىدىكى باشقا ۋاقىتلاردا ھەر قايسى رايونلاردا ھاۋا ئوچۇق ۋە بەزىدە بۇلۇتلۇق بولىدىكەن، شامال كۈچى كۈچلۈك بولمايدىكەن، تېمپېراتۇرانىڭ ئۆرلىشى-تۆۋەنلىشى كۆپ كۆرۈلىدىكەن، ئاساسلىق شەھەر رايونىنىڭ كۈندۈزلۈك ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى 1 سېلسىيە گىرادۇستىن 4 سېلسىيە گىرادۇسقىچە، كۈندۈزلۈك ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 7 سېلسىيە گىرادۇستىن 13 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدىكەن.

مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، بۇ ھەپتە ئىلى ئوبلاستى، بورتالا ئوبلاستىنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا يىغىندى ھۆل-يېغىن مىقدارى بىر قەدەر كۆپ بولىدۇ، تاغلىق رايونلاردىكى قىسمەن جايلاردا ئارىلاشما كەلكۈن ۋە قار كۆچۈشنىڭ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى، چارۋىچىلىق، يول قاتنىشى قاتارلىقلارغا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى ھاۋارايى شارائىتى پۈتۈن شىنجاڭدىكى كۆپ قىسىم كۈزگى بۇغداينىڭ قايتا كۆكلىشى ۋە قايتا كۆكلىگەندىن كېيىنكى ئۆسۈشى، باغ-ئورمانلارنىڭ بىخلىنىپ چېچەكلىشىگە بىر قەدەر پايدىلىق بولسىمۇ، لېكىن شىمالىي شىنجاڭدىكى قىسمەن رايونلاردا باش باھاردىكى زىرائەتلەرنى تېرىش، چارۋىچىلىق ۋە ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر قايسى جايلارنىڭ تېمپېراتۇرا، يورۇقلۇقنىڭ مۇۋاپىق مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، كۈزگى بۇغداينى سۇغىرىش، ئوغۇتلاش،پەرۋشنىياخشى قىلىپ، باش باھاردىكى زىرائەتلەرنىڭ تېرىلغۇ تەييارلىقى ۋە ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ تېرىش خىزمىتىنى بالدۇر ياخشى ئىشلىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى