جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملەيمىز

日期:2023年03月15日
来源:天山网
【字体:

− رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىنىڭ يېپىلىش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى تولۇپ تاشقان ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى بىلەن قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلىنىشقا يېتەكلىدى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

«بىز پەيتنى قولدىن بەرمەي، تارىخ ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى كۈچەيتىپ، توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرى ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىمىز، شان - شەرەپ كەلتۈرۈشىمىز كېرەك!»

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىنىڭ يېپىلىش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ساھەلەردە قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كەڭ كادىرلار، ئامما بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى شىنجاڭدىكى 25 مىليوندىن ئارتۇق ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، تولۇپ تاشقان ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى بىلەن قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلىنىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملەشكە ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئىلھاملاندۇردى ۋە سەپەرۋەر قىلدى.

«بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، خەلق ئاممىسىنىڭ مايىللىقىغا ئېرىشكەن داھىينىڭ، مۇستەھكەم، كۈچلۈك يادرونىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىشى، بايراق كۆتۈرۈپ يۆنىلىش بەلگىلىشى بولغاچقا، مۇقەررەر ھالدا بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملىيەلەيمىز.» مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى مۇسا مەمەت مۇنداق دېدى: «بىز <ئىككىنى تىكلەش>نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، <تۆت ئاڭ>نى كۈچەيتىپ، <تۆت ئىشەنچ>نى چىڭىتىپ، <ئىككىنى قوغداش>نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە غەيرەت - شىجائەتكە تولۇپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەيمىز».

«خەلقنىڭ ئىشەنچى مېنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىمدىكى ئەڭ چوڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، شۇنداقلا مېنىڭ يەلكەمدىكى ئېغىر مەسئۇلىيەت.» مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى پاڭ زىجيەن داھىينىڭ خەلقچىل ھېسسىياتىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: جاسارەتلىك - غايىلىك بولۇش روھىي ھالىتىم ۋە توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلىش قىياپىتىمنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ياخشى «باشلامچى» بولۇپ، ئاممىنى تېخىمۇ ئىناق، گۈزەل، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشكە يېتەكلەيمەن.

«قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ كۈچ ئۇلاش كالتىكى تارىخىي يوسۇندا بىز بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ زىممىسىگە يۈكلەندى.» مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى زويا باقىت قاتتىق ھاياجانلىنىپ مۇنداق دېدى: «مەن جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تەتقىق قىلىش - بايان قىلىش، چۈشەندۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەيمەن، جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەيمەن.»

«يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. مەن كوللېكتىپىمنى يېتەكلەپ پەن - تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ <گالنى بوغىدىغان> مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر، مۇرەككەپ بولغان نېفىتلىك - تەبىئىي گازلىقنى چارلاش - ئېچىش پەن - تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىغا قاراپ يۈرۈش قىلىمەن.» دېدى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ليۇ خۇڭتاۋ.

«پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى پائال راۋاجلاندۇرۇش بىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىمىز، تۈپ قوللانمىمىز.» ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتى ئىجتىمائىي نىزام چىقىرىش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى لى شۆجۈن مۇنداق بىلدۈردى: خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغداش، ياخشى نىزام چىقىرىش، نازارەتچىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئامما بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، خەلق رايىنى ئىپادىلەش يوللىرىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ، پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت خەلق ئاممىسى بىلەن ئالاقە باغلايدىغان كۆۋرۈك بەرپا قىلىمىز.

رەئىس شى جىنپىڭ مۇھىم سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈپ، خەلق ئاممىسى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك.

«مەن خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش ئىدىيەسىنى ھەقىقىي تۇرغۇزۇپ، مەھەللە مۇلازىمىتىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىمەن» دېدى قاراماي شەھىرى مايتاغ رايونىنىڭ شىنبېي رايونى كوچا باشقارمىسى 15 - مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جۇ ۋېي تولۇق ئىشەنچ بىلەن.

خەۋپسىزلىك تەرەققىياتنىڭ ئاساسى، مۇقىملىق قۇدرەت تېپىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. «جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، خەۋپسىزلىككە كاپالەتلىك قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشقا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇپ، قانۇنچىللىق كۈچى ئارقىلىق تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنىڭ ئىناقلىقى، تىنچ - ئامانلىقىنى قوغدايمىز» دېدى خوتەن ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ جېڭۋېيسى تۇرغۇن ئۆمەر.

رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ۋەتەننىڭ تولۇق بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش تېمىسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەيۋەن خىزمىتى ئىشخانىسى(ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى)نىڭ مۇدىرى يەن مېي مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئومۇمىي تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى پۈتۈن ۋەزىيىتىنى چىقىش قىلىپ تەيۋەنگە قارىتىلغان خىزمەتنى پىلانلاپ، تارىخىي چوڭ يۈزلىنىشنى ئىگىلەپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ۋەتەننى تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ھىمايە قىلىدىغان بارلىق تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، كۈچنى توپلاپ، ۋەتەننى تولۇق بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ۋەتەننى تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز.

پىچان ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى سۈن جيې مۇنداق بىلدۈردى: ئاساسىي قاتلام ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگىنى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۈرەش قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، كۈرەش قىلىش ماھارىتىنى كۈچەيتىپ، ئەڭ ئۈزۈل - كېسىل بولغان ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى بىر دەقىقىمۇ توختىتىپ قويماي، قەتئىي تەۋرەنمەي چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سۈپىتى، خىسلىتى، خاراكتېرىنىڭ مەڭگۈ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

«بىز نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، داۋاملىق كۈرەش قىلساقلا، چوقۇم يېڭى مۇساپىدە دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان، تارىخقا يۈز كېلەلەيدىغان، خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان نەتىجىلەرنى يارىتالايمىز.» ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ ئۇلۇغچات يېزىسى چوڭتېرەك كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئورايىمجان مۇساباينىڭ غەيرىتى تولۇپ تاشتى.

(مۇخبىر لى ياڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار لياڭ لىخۇا، سۈي يۈنيەن، مېھرىگۈل غوپۇر، جاڭ رۈيلىن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار چېن يۈەنجيې، جاڭ فۇجۈن)