شىمالىي شىنجاڭدا يازغى بۇغداينى قايسى ۋاقىتتا تېرىسا ئەڭ مۇۋاپىق؟ ھاۋارايى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ باقايلى

日期:2023年03月14日
来源:天山网
【字体:

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شيې خۇيبيەن خەۋەر قىلىدۇ) مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، يازغى بۇغداينى مۇۋاپىقتېرىش مەزگىلىدىكى يېزا ئىگىلىك مېتېئورولوگىيە كۆرسەتكۈچىگە ئاساسەن، كەلگۈسى ھاۋارايى كىلىماتىمۆلچەرىگە بىرلەشتۈرۈپشىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2023-يىلى شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا يازغى بۇغداي تېرىشقا ماس كېلىدىغان مەزگىل سەل بالدۇر كېلىدىكەن.

جىڭ ناھىيەسىدە يازغى بۇغداي تېرىش باشلاندى.

سۈرەت مەنبەسى: جىڭ ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

  مۆلچەرلىنىشىچە، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شەرقىي قىسمى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ غەربىي قىسمى، قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونىدا 3-ئاينىڭ باشلىرىدىن 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە؛ تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، بورتالا ئوبلاستىنىڭ غەربىي قىسمى، ئىلى ئوبلاستىنىڭ شەرقىي قىسمى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ غەربىي قىسمىدا 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 3-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە؛ ئالتاي ۋىلايىتى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى، سانجى ئوبلاستىنىڭ شەرقىي قىسمى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمىدا 3-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 4-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە يازغى بۇغداي تېرىشقا بىر قەدەر ماس كېلىدىكەن.

يازغى بۇغداي سالقىن مۇھىتنى خالايدىغان زىرائەت، ئۇنىڭ بىيولوگىيەلىك ئالاھىدىلىكى ۋە بۇغداي رايونىنىڭ كىلىمات ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، كۈندىلىك ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا℃1 ~ ℃0قىچە مۇقىم بولغاندەسلەپكى كۈندىن باشلاپ تېرىلسا بىر قەدەر مۇۋاپىق بولىدۇ. شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ مېتېئورولوگىيە يېزا ئىگىلىكى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش مۇتەخەسسىسلىرى مۇنداق تەكلىپ بەردى: ھەرقايسى جايلار باش باھاردا زىرائەتلەرنى تېرىشقا تەييارلىق قىلىش ۋە ھاۋانىڭ نەم ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ تېرىقچىلىقنى بالدۇر باشلاشخىزمىتىنىياخشى ئىشلەپ، قارنى يېرىپ توڭغا يۆلەپتېرىپ، باش باھاردا تۇپراقنىڭسىرتقى قەۋىتىنىڭ قۇرغاقلاشقانلىقتىنئۇرۇق سېلىش، مايسا چىقىرىشقا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىشىدىن ساقلىنىشكېرەك.

  شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئەڭ يېڭى مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، كەلگۈسى ئون كۈندە شىمالىي شىنجاڭدا ھۆل-يېغىن كۆپ بولىدىكەن، تېمپېراتۇرىنىڭ يۇقىرىلاپ تۆۋەنلىشى بىر قەدەر كۆرۈنەرلىكبولىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالدىنقى مەزگىلدە قىسمەن رايونلاردا يىغىلىپ قارلار بىر قەدەر قېلىن بولغاچقا، بۇنىڭغا قارىتا شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى مۇنداق تەكلىپ بەردى: يىغىلىپ قالغان قاربىر قەدەر ئازياكى قاريىغىلىپ قالمىغان ئەتىيازلىق بۇغداي تېرىلىدىغان رايونلاردا، باھاردا يەر يۈزىدىكى توڭ بەش سانتىمېتىر ئەتراپىدا ئېرىگەندە تېرىقچىلىقنى باشلاشقا بولىدۇ؛ قار بىر قەدەر قېلىن يىغىلىپ قالغانيازغى بۇغداي تېرىلىدىغان رايونلاردا ماشىنا ياكى ئادەم كۈچى ئارقىلىق قار قاتلىمىنى بۇزۇپ، يىغىلىپ قالغان قارنىڭ ئېرىشىنى تېزلىتىپ، مۇۋاپىق ۋاقىتتا بالدۇر تېرىشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئۆز جايىدىكى مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى-پونكىتلىرىنىڭ تېرىشتىن بۇرۇنقى ئوتتۇرا، قىسقا مۇددەتلىك ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇماتىغا ئاساسەن، شۇ جاينىڭ يەر شەكلى، كىلىمات ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، تۇپراقتىكى توڭنىڭ ئېرىشى ۋە تۇپراقنىڭ نەملىك ئەھۋالىقاتارلىقلارغا ئاساسەن، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تېرىش مەزگىللىرىدە تېرىلغۇ مەشغۇلاتىنى يەنىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرسە ۋە تەڭشىسە بولىدۇ.

  يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ھەرقايسى جايلارنىڭ يازغى بۇغداي تېرىش مېتېئورولوگىيە مۇلازىمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى يازغى بۇغداي مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇپ، يازغى بۇغداي تېرىش، مايسا چىقىرىش، سۇغىرىش، قوشۇمچە ئوغۇتلاش قاتارلىق ھەرقايسى ئىشلەپچىقىرىش ھالقىلىرىدىن باشلاپ ئىنچىكە مۇلازىمەت قىلدى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى