2023-يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ئاياللار ھەم ئائىلە مۇلازىمەت كەسپى بويىچە مەخسۇس تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى باشلاندى

日期:2023年03月14日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرلى لىن، پىراكتىكانت جاڭ يىڭ خەۋەر قىلىدۇ) 3-ئاينىڭ 10-كۈنى، 2023-يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ئاياللار ھەمئائىلە مۇلازىمەت كەسپى بويىچە مەخسۇس تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى ئالتاي شەھىرىدە باشلاندى. پائالىيەتنى ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، سودا نازارىتى، ئاياللار بىرلەشمىسى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ھەر قايسى جايلار توردا ۋە تور سىرتىدا ماس قەدەمدە تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ.

  بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە، «جەلپكار ئاياللارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئائىلە مۇلازىمىتى يېنىمىزدا» باش تېما قىلىنىپ، ئاياللارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئاياللارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلىشىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، كەسىپلەشكەن ئائىلە مۇلازىمىىتىگە بولغان ئادەم ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش مەقسەت قىلىنغان. پائالىيەت 3-ئاينىڭ 17-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ.

3-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزىشۇ دەرىجىلىك تەشكىللىگەن 2023-يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ئاياللار ھەم ئائىلە مۇلازىمەت كەسپى بويىچە مەخسۇستەكلىپ قىلىش يىغىنى نەق مەيدانى.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى لىن فوتوسى

نەق مەيدانتەكلىپ قىلىش يىغىنىدا يەنە بىۋاسىتە كۆرسىتىپ ئىش ئورنىغا يېتەكلەشئارقىلىق ئاياللارنى ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش ھەمدەخاس مەھسۇلاتلارنى تەشۋىق قىلىش، نامايان قىلىش، سىياسەتنى تەشۋىق قىلىش، مەسلىھەت بېرىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى، شۇنداقلا كۆكتوقاي، بۇرۇلتوقاي ناھىيەلىرىدىكىشۆبە يىغىن مەيدانىدا ئۇلىنىش شەكلىدە ماس قەدەمدە بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئېلىپ بېرىلدى. پۈتۈن توردىكى كۆرۈلۈش مىقدارى 1 مىليون 200 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، يىغىنغا قاتناشقان 97 كارخانا ئائىلە مۇلازىمىتى، ساغلاملىق پەرۋىشى، ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئاپپاراتى، يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتى قاتارلىق ئىش ئورنىدىن 2307نى تەمىنلىگەن، 1800دىن ئارتۇق ئادەمنى شۇ كۈنى مەيدانغا كىرىپ خىزمەت ئىزدەشكە جەلپ قىلغان.

  شۇ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ 2-قەۋىتىدىكى تەكلىپ قىلىش زالىدىمۇ بىرلا ۋاقىتتا 2023-يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ئاياللار ھەم ئائىلە مۇلازىمەت كەسپى بويىچە مەخسۇس تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، 40 نەچچە تەكلىپ قىلغۇچى ئورۇن ئائىلە مۇلازىمىتى، تازىلىق، پەرۋىشقاتارلىق 1000دىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى. پائالىيەت نەق مەيدانىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش سىياسىتى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ھوقۇقىنى قوغداش، ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئالاھىدە قوغداش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇش، تۇغۇت دەم ئېلىشى مەزگىلىدىكى تەمىنات قاتارلىق جەھەتلەردىكى سىياسەت، قانۇن-نىزام تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىلدى، سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئائىلە مۇلازىمەت ئىناۋەت ئۇچۇر سۇپىسىكېڭەيتىلدى، ئائىلە مۇلازىمىتىكەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ھەمدە ئىستېمالچىلارنىڭ سۇپىغا كىرىپ «ئائىلە مۇلازىمىتى ئىناۋىتىنى تەكشۈرۈش»نىڭ ھۆكۈمەت APPسىنى ئىشلىتىشى تەشەببۇس قىلىندى ۋە ئىلھاملاندۇرۇلدى.

  پائالىيەت مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى جۇڭگو شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار تورى، شىنجاڭ ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت تورىغا تايىنىپ«2023-يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ئاياللار ھەم ئائىلە مۇلازىمەت كەسپى بويىچە مەخسۇس تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى»گە تەكلىپ قىلىش ئىستونى تەسىس قىلدى، جايلاردىكى ئاممىۋى پاراۋانلىق تەكلىپ قىلىش تور پونكىتلىرىمۇ توردا تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىنى سىجىل قانات يايدۇرىدۇ. ھەر دەرىجىلىك ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى ئائىلە مۇلازىمەت كەسپى بويىچەئادەم ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئاز بولغاندا بىر مەيدان بىۋاسىتە كۆرسىتىپ ئىش ئورنىغا يېتەكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ئايال ئىختىساسلىقلارنىڭئالاھىدىلىكىگە قارىتا، خاسلاشقان كەسىپ جەھەتتە يېتەكلەش، پەرقلىق ياردەم بىرىش-يۆلەش بىلەن تەمىنلەپ، ئىش ئورنى يەتكۈزۈش، ماھارەت يەتكۈزۈش، سىياسەت يەتكۈزۈش، مۇلازىمەت يەتكۈزۈش، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتتەئاياللار قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى