شىنجاڭدىكى ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشلىرى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلمەكتە

日期:2023年03月13日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ) 3-ئاينىڭ 8-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھىدىن ئىگىلىشىچە، ھاۋانىڭ ئىللىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭدىكىئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشلىرى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلگەن، نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىش-كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى ئەسلىگە كەلگەن، 3-ئاينىڭ 10-كۈنى، گۇچۇڭ جامبۇلاقئايرودۇرۇمى قۇرۇلۇشىمۇ ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كېلىدىكەن.

نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىش-كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىدا ئىش تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلمەكتە. شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى تەمىنلىگەن سۈرەت

ھازىر، ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىش-كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا، ئاپتوموبىللارنىڭ گۈركىرىگەن ئاۋازى ئۈزۈلمەيدىغان، كەسپىي قۇرۇلۇش ئاپتوموبىللىرى ئۇياقتىن-بۇياققا توختىمايئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان بولدى، توپا ۋە تۈرلۈك ماتېرىيال ئۈسكۈنىلەر ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كىردى. 2-ئاينىڭ 22-كۈنى، خەلق ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ باشقۇرۇش ئىدارىسى ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىش-كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنىنى تەشكىللەپ ئېچىپ، خەلق ئاۋىياتسىيەسى كەسپىي قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتى ۋە قۇرۇلۇش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قۇرۇلۇشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

2022-يىلى قىشتا ئىش توختىتىلغاندىن بۇيان، ئۈرۈمچى لىنكۇڭئېچىش-قۇرۇشمەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ۋە ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىش-كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشى قوماندانلىق ئىشتابى توشۇش ئورۇنلىرىنى نىشانلاپ، ئاپتوموبىل توشۇش كۈچىنى ئالدىن پىلانلاپ ۋە تەشكىللەپ، يول تىرانسپورت كاپالىتى قاتارلىقلارنى پائال ماسلاشتۇرۇپ، قىش پەسلىدىن تولۇق پايدىلىنىپ توپا ساقلاش-توشۇش خىزمىتىنى تېز قانات يايدۇردى، 2022-2023-يىللىق قىشلىق توپا توشۇش مىقدارى 3 مىليون 700 مىڭ كۇب مېتىر بولۇپ، كېيىنكى ئۇچۇش رايونى، مەيدان، يول قۇرۇلۇشىغا پۇختا ئاساس سالدى.

ئايروپورتنى ئۆزگەرتىش-كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىدا ئايروپىلان كۈتۈش بىناسى قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. ھازىرغىچە، پۈتۈن مەيداندا 3000دىن ئارتۇق ئادەم مەيدانغا كىردى، نەق مەيداندا مۇنارسىمان كىران، قۇرۇلۇش لىفىتى، كىران، تۈز كۆتۈرۈلمە ماشىنا، قاتلىما كۆتۈرۈلمە ماشىنا، توپا توشۇش ماشىنىسى قاتارلىق قۇرۇلۇش ماشىنىلىرىدىن 2200ى دەل جايىدا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، جەمئىي 139 مىليون كۇب مېتىر توپا توشۇلدى، يۈرۈشلۈك ئېنېرگىيە مەركىزى، ئۆي قۇرۇلۇشى تۈرى، ئاجىز توك ئۇچۇرى قاتارلىق قۇرۇلۇشلاردا ئارقا-ئارقىدىن ئىش باشلاندى.

تۈرنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش پىلانىغا ئاساسەن، 2023-يىلى ئايروپىلان كۈتۈش رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ %90ى تاماملىنىدىكەن، خىزمەت رايونىدىكى ئۆي قۇرۇلۇشى ۋە يۈرۈشلەشكەن شەھەر مەمۇرىيىتى ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىنىدىكەن، ئۇچۇش رايونى قۇرۇلۇشىدا سىرتتىن 39 مىليون كۇب مېتىر توپا توشۇلۇپ، يول يۈزى، ئۇچۇشقا ياردەم بېرىدىغان نۇرلۇق چىراغ، پاسىل ۋە يانتۇلۇقنى قوغداش، ئوت ئۆچۈرۈش ۋە خەۋەرلىشىش تۇرۇبا تورى قۇرۇلۇشى باسقۇچ، رايونلارغا ئايرىلىپتەشكىللىك يولغا قويۇلىدىكەن. مەيدان سىرتىدىكى يۈرۈشلەشكەن سۇ، توك، يېقىلغۇ گاز يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن تاماملىنىدىكەن.

بۇ يىل، شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى يەرلىك ھۆكۈمەتكە ماسلىشىپ شىخو، قوبۇقسار، گۇمىدىن ئىبارەت ئۈچ ئايرودۇرۇمنى يېڭىدىن سېلىش قۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، گۇچۇڭ، بايىنبۇلاق ئايرودۇرۇملىرى تۈر قۇرۇلۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، بۈگۈر ئايرودۇرۇمىنى يېڭىدىن سېلىش قۇرۇلۇشىدا يىل ئىچىدە ئىش باشلاش، نارات، قاراماي ئايرودۇرۇمىنى ئۆزگەرتىش-كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىدا يىل ئىچىدە ئىش باشلاش قاتارلىقلارنى پائال قولغا كەلتۈرىدىكەن. نۆۋەتتە، گۇچۇڭ، بايىنبۇلاق ئايرودۇرۇملىرىنى يېڭىدىن قۇرۇش تۈرىنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا %61ى، %64ى تاماملانغان، باركۆل ئايرودۇرۇمىنى يېڭىدىن قۇرۇش تۈرى بويىچە ئومۇمىي پىلان ۋە دەسلەپكى قۇرۇلۇش تەستىقى تاماملانغان.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى