ئۇلۇغ گۈللىنىشنىڭ يول باشلىغۇچىسىغا يېقىندىن ئەگىشىپ، جاسارەت بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىمىز

日期:2023年03月13日
来源:天山网
【字体:

− شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت رەئىسلىكىگە، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى جاسارەت بىلەن يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىشقا ئىلھاملاندۇردى ۋە رىغبەتلەندۈردى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

دەھشەتلىك دولقۇندا مۇستەھكەم تۈۋرۈكنىڭ رولى ئەڭ نامايان بولىدۇ. 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىنى سايلاپ چىقتى، يولداش شى جىنپىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى. بېيجىڭدا مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزالىرى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما شاد - خۇراملىققا چۆمدى، چەكسىز ھاياجانلاندى. كەڭ كادىرلار، ئامما بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈردى، پارتىيە ئىرادىسى، خەلق ئىرادىسى، دۆلەت ئىرادىسىنىڭ يۈكسەك بىردەكلىكىنى تولۇق نامايان قىلدى. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىمىز.

خەلقنىڭ رايى، كۆپچىلىكنىڭ مايىللىقى

3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، خەلق سارىيىدا گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى تارىخىي دەقىقىنى بەلگە قىلىپ، كىشىلەرنىڭ كاللىسىغا چوڭقۇر ئورنىدى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى قۇربان نىياز مۇنداق دېدى: باشتىن كەچۈرمىگۈچە ئىشنىڭ قىيىنلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ، ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئاساندەك بىلىنسىمۇ، ئەمما ناھايىتى جاپالىق. يېڭى دەۋرگە كىرگەندىن بۇيان، ساھىلدىن ئۆتۈش خەتىرىگە دۇچ كەلدۇق، داۋانغا يامىشىش مۇشەققىتىگە دۇچ كەلدۇق، ئۆتكەلدىن ھۇجۇم بىلەن ئۆتۈشتەك قىيىنچىلىققىمۇ دۇچ كەلدۇق. تارىخنىڭ سىنىقى، ئەمەلىيەتنىڭ سىنىقى، كۈرەشنىڭ تاۋلىشى داۋامىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ماركسىزمچى سىياسىيون، مۇتەپەككۇر، ئىستراتېگىيەچىگە خاس يۈكسەك جاسارىتى، يىراقنى كۆرەرلىكى، قالتىس ئىقتىدارى ۋە دانا تەدبىرى بىلەن، پۈتۈن ۋەزىيەتنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈپ، قالتىس رەھبەرلىك ئىقتىدارى، ئالىيجاناب پەزىلىتى، ساداقەتمەن خەلقچىللىق ھېسسىياتىنى نامايان قىلدى، ئۇ پارتىيەنىڭ يادروسى، خەلقنىڭ داھىيسى، ئارمىيەنىڭ باش قوماندانى بولۇشقا مۇناسىپ، پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئۇلۇغ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىدىكى تايانچى بولۇشقا مۇناسىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت غايەت زور پاراخوتنىڭ رولچىسى، يول باشلىغۇچىسى بولۇشقا مۇناسىپ.

قۇربان نىياز مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن دۆلەت رەئىسلىكىگە، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقى دەۋرنىڭ چاقىرىقى، خەلقنىڭ ئۈمىدى، بۇ بىزنىڭ 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگولۇققا ۋاكالىتەن چىقارغان تەنتەنىلىك تاللىشىمىز بولۇپ، كەڭ ئاممىنىڭ داھىينى چىن كۆڭلىدىن ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. بىز «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىمىز.

«تولۇق ئاۋاز! كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىردىنلا ئورنىدىن دەس تۇردى!» خەلق سارىيىدا كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان بۇ دەقىقىنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى زويا باقىت مۇنداق دېدى: «ھەممەيلەن قىزغىن چاۋاك چالدى، مېنىڭ ئالقانلىرىم قىزىرىپ كەتتى». ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، دۆلىتىمىز بارغانسېرى قۇدرەت تېپىپ، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى، مۇشۇنداق داھىيىمىزنى چىن قەلبىمىزدىن ھىمايە قىلىمىز.

«رىياسەتچى سايلام نەتىجىسىنى ئېلان قىلغاندا، يۈرىكىم دۈپۈلدەپ سوقۇپ، ئىختىيارسىز كۆزۈمگە ئىسسىق ياش كەلدى.» مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى كۇڭ فېيفېي مۇنداق دېدى: بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بايراقنى كۆتۈرۈپ يۆنىلىشنى بەلگىلەپ، رول تۇتۇپ يول باشلىشىدا، بىز مۇقەررەر ھالدا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، باتۇرانە ئالغا بېسىپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى بارلىق جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلار ئۈستىدىن غالىب كېلىمىز.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى ما خۇادۇڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت رەئىسلىكىگە، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقى ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىدىغانلىقى، ئۇنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى قالتىس ئىقتىدارىنى يۈكسەك ئېتىراپ قىلىدىغانلىقى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا بولغان قىزغىن ئۈمىدىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.

«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت رەئىسلىكىگە، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ رەھبىرى <ئۈچ بىر گەۋدە بولۇش> رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنىڭ تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تولۇق نامايان قىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدىن ئىبارەت سىياسىي ئەۋزەللىكنى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلدى. بىز قەتئىي ھىمايە قىلىمىز.» جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىنىڭ نازىرى سۇڭ ياجۈن مۇنداق دېدى: ئۇلۇغ گۈللىنىشنىڭ يول باشلىغۇچىسىغا يېقىندىن ئەگىشىپ، بىز مۇقەررەر ھالدا يېڭى ئۇلۇغ كۈرەش ئارقىلىق يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى يارىتىمىز.

خەلق داھىيسىنى چىن قەلبتىن ھۆرمەتلەيمىز

باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىن - ئاخىر شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ تۇپراقنى قەلبىگە پۈكۈپ كەلدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى قەلبىگە پۈكۈپ كەلدى. كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان خەۋەر 25 مىليوندىن ئارتۇق شىنجاڭ خەلقىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى. «خەلقنىڭ داھىيسى خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايدۇ، يۈز مىليونلىغان خەلق داھىينى ھۆرمەتلەيدۇ!» بۇ، تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ئورتاق يۈرەك ساداسى.

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسىدە، ئاھالىلەر مەھەللە پارتىيە ئەزالىرى - ئامما مۇلازىمەت مەركىزىگە كېلىپ، يىغىننىڭ تېلېۋىزوردا بىۋاسىتە كۆرسىتىلىشىنى ئەستايىدىل كۆردى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن دۆلەت رەئىسلىكىگە، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى كۆرۈپ، كۆپچىلىك ناھايىتى ھاياجانلىنىپ، بەس - بەستە ئالقىش ياڭراتتى.

«باش شۇجى شى جىنپىڭ بىزنى بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشقا يېتەكلىدى، ئۇ خەلقنىڭ يول باشلىغۇچىسى. بىز چىن قەلبىمىزدىن باش شۇجىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز.» مەھەللە ئاھالىسى ئابلەت تۇرسۇن كۆپچىلىكنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئېيتتى.

«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن دۆلەت رەئىسلىكىگە، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقى تارىخنىڭ تاللىشى، دەۋرنىڭ تاللىشى، شۇنداقلا بىز پۇقرالارنىڭ چىن قەلبىمىزدىن تاللىشىمىز.» مەھەللە پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئارزۇگۈل كېرەم مۇنداق دېدى: بۇلتۇر، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسىگە كەلدى، ئەينى چاغدىكى ھەربىر كۆرۈنۈش كىشىنى ھەسسىلەپ ئىللىقلىققا چۆمدۈرىدۇ. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، غەمخورلۇقىدا، تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشقا قاراپ جاسارەت بىلەن ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەيمىز.

«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت رەئىسلىكىگە، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقى قەلبىمىزنى ئىللىتىدىغان بىر زور خۇشاللىق بولدى.» تارىم نېفىتلىكى شىركىتى جەنۇبىي بۈگۈر نېفىت - تەبىئىي گاز زاپاس ساقلاش - توشۇش مەركىزى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى چاڭ گۈيچۈەن ھاياجىنىنى باسالماي قالدى.

بۇ يىل 1 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ سىنلىق ئۇلىنىش شەكلىدە تارىم نېفىتلىكى شىركىتى جەنۇبىي بۈگۈر نېفىت - تەبىئىي گاز زاپاس ساقلاش - توشۇش مەركىزىنىڭ غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 1 - پونكىتى كېلا تەبىئىي گاز يىغىش رايونىدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەردىن ھال سورىدى. ئارىدىن ئىككى ئايغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، باش شۇجىنىڭ سىنلىق ئۇلىنىش شەكلىدە ھال سورىغان چاغدىكى يېقىملىق تەبەسسۇمى ۋە سەمىمىي تاپشۇرۇقى چاڭ گۈيچۈەننىڭ كاللىسىغا ئورناپ كەتكەنىدى.

«بىز يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، نېفىت، تەبىئىي گاز توشۇش، سېتىشنى رەقەملەشتۈرۈپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ تىپ ئۆزگەرتىش ۋە يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى مۇساپىدە ئاۋانگارت بولۇپ، ئۈلگە بولۇپ، دۇنيا بويىچە بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان چوڭ نېفىتلىك، گازلىق بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئەمەلىي نەتىجىلىرىمىز بىلەن باش شۇجىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، غەمخورلۇقىغا جاۋاب قايتۇرىمىز» دېدى چاڭ گۈيچۈەن.

«باش شۇجى شى جىنپىڭ تەنتەنىلىك قەسەم بەرگەن تارىخىي كۆرۈنۈشنى كۆرۈپ، قەلبىم ھاياجانغا تولدى، ئىختىيارسىز يەنە باش شۇجىنىڭ قۇرۇقلۇق پورتى رايونىنى كۆزدىن كەچۈرگەن چاغدىكى يېقىملىق ئوبرازى، سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەسلىدىم.» ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى تەرەققىيات مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى جۇڭ خېخۇا مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ غەمخورلۇقى ۋە رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن، قۇرۇقلۇق پورتى رايونى جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى، خەلقئارا تاشيول يۈك تىرانسپورتى، كۆپ شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورت قاتنىشىنى تېز ئالغا سىلجىتتى، 2022 - يىلى جۇڭگو - ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قاتناش سانى ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %16.5 ئاشتى، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان تۈرلۈك ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولدى، تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولدى.

«بىز چوقۇم سەمىمىي تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، <مال توپلاش، باغچە رايونى قۇرۇش، كەسىپلەرنى توپلاش> ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ يول ئىقتىسادىدىن تۈگۈن ئىقتىسادىغا، كەسىپ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىشىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشىنى ئالغا سىلجىتىش، ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىشىدا تېخىمۇ زور رولىمىزنى جارى قىلدۇرىمىز.» جۇڭ خېخۇانىڭ ئىشەنچى تولۇپ تاشتى.

تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيمىز

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈپ چىقىلدى.

يېڭى مۇساپە شان - شەرەپ ۋە ئارزۇغا تولغان ئۇزۇن سەپەر. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ، تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتىمىز.

«يول قانچە ھەيۋەتلىك، نىشان قانچە ئۇلۇغۋار، ۋەزىپە قانچە مۈشكۈل بولغانسېرى، كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى ۋە ئىلمىي نەزەرىيەنىڭ يېتەكلىشى، يول باشلىشىغا شۇنچە ئېھتىياجلىق بولىدۇ.» ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر لى شۆدۇڭ مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭنىڭ قاتناش قۇرۇلۇشىدا كۆزنى چاقنىتىدىغان نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، يۇقىرى سۈرئەتلىك (1 - دەرىجىلىك) يول قاتناش مۇساپىسى 11 مىڭ كىلومېتىرغا يېتىپ، مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى. يېڭى مۇساپىگە ئاتلانغاندا، بىز «شىنجاڭ ئىچىنى ھالقىسىمان تۇتاشتۇرۇش، شىنجاڭغا كىرىش - چىقىشنى تېزلىتىش، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنى راۋانلاشتۇرۇش، چېگرادىن كىرىش - چىقىشنى تۇتاشتۇرۇش»تىن ئىبارەت بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەيمىز.

«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن دۆلەت رەئىسلىكىگە، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقى پۇقراۋى كارخانىلار ئۈچۈن ئىنتايىن زور ئىلھام بولدى!» شىنجاڭ خېچۇاڭ مېيشىن پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى زەيدۇللا تۇرسۇن مۇنداق دېدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»، «ئۈچ ئۆزگەرمەسلىك»تە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇردى، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات مۇھىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى. يېقىندا، شىركىتىمىز ئۈرۈمچى شەھىرى يەنئەن يولىغا جايلاشقان مېيلىنگوۋ چېگرا ھالقىغان، باجدىن خالىي مال سېتىۋېلىش سىناق مەركىزى سىرتقا قارىتا سىناق تەرىقىسىدە تىجارەت باشلىدى، بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى قەتئىي بوشاشماي ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازار ئىشەنچىنى زور كۈچ بىلەن ئاشۇرۇش تەدبىرىدىن ئايرىلالمايدۇ. بىز باشتىن - ئاخىر پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، سۈپىتى تېخىمۇ ياخشى، ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى، رىقابەت كۈچى تېخىمۇ كۈچلۈك، تەسىر كۈچى تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.

«ئاساسىي قاتلام كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، سايلام نەتىجىسىنى قەتئىي ھىمايە قىلىمەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ 1 - نومۇرلۇق ھۆججىتىنىڭ روھىغا ئاساسەن، داچۈەن يېزىسىنىڭ شەھەر ئەتراپى ئەۋزەللىكىنى چىڭ تۇتۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىمەن» دېدى ساۋەن شەھىرى داچۈەن يېزىسى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ كادىرى قاجېت باقاس.

«خەۋەرنى بىۋاسىتە كۆرسىتىشتە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت رەئىسلىكىگە، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى كۆرۈپ، ھاياجانلانغانلىقىمدىن گەپ قىلالماي قالدىم.» خوتەن تۇەنچېڭ مەنزىرە رايونى كەپتەر كوچىسىدا ئولتۇرۇشلۇق خەيرىنىسا ئوبۇلقاسىم مۇنداق دېدى: بەش يىل ئىلگىرى، ئائىلىمىزنىڭ كونا ئۆيى تۇەنچېڭنى ئۆزگەرتىش پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ھۆكۈمەت ياردەم تولۇقلىمىسى بەردى، بۇنىڭغا ئۆزىمىز جۇغلىغان مەبلەغنى قوشۇپ، يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردۇق، تىجارەت قىلىۋاتقان 100 يىللىق ئاچچىقسۇ دۇكىنىمىزنىمۇ مەنزىرە رايونىغا كۆچۈرۈپ كەلدۇق. بۈگۈنكى كۈندە، ساياھەتچىلەر كۆپەيدى، دۇكاننىڭ سودىسىمۇ بارغانسېرى ياخشىلاندى. «باش شۇجىنىڭ قەدىمىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، بىز بىر جۈپ قولىمىزغا تايىنىپ تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ئىشەنچىمىز بار!» دېدى خەيرىنىسا ئوبۇلقاسىم.

شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم ئۇنىۋېرسال مەشىق بازىسىدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر بىردەك مۇنداق قارىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت رەئىسلىكىگە، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقى مۇقەررەر ھالدا پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيەنى ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىرادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق ئارمىيەسىنىڭ بۇرچى، ۋەزىپىسىنى ئۈنۈملۈك ئادا قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈپ ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، دۈشمەننى يېڭىپ غەلىبە قازىنىش ماھارىتىنى تاۋلاپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئارمىيەمىزنى دۇنيادىكى بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى تېزلىتىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىمىز.

(مۇخبىر لى ياڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار جاڭ يۈنمېي، ۋاڭ شىڭرۇي، مېھرىگۈل غوپۇر، يۈ جياڭيەن، جېڭ جو، لۇ فېڭباۋ، ياڭ شۇخەن، پەرىزات ئابدۇل، ئىختىيارىي مۇخبىرلار دىڭ لېي، لو شياڭ)