ئاپتونوم رايونىمىز «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىدۇ

日期:2023年02月02日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما يىنىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئېلاستىكلىقى ۋە بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلەشكەن، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان، يېشىللاشقان تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش ۋە مىقدارىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.

2022 ـ يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى %7.1 ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 3.5 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 7 ـ ئورۇندا تۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون GDP سىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 3.9 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى، سانائەت ئىقتىسادى پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ئېشىشىدىكى ئاساسىي قوشۇنغا ئايلاندى.

بۇ يىل، ئاپتونوم رايون نېفىت ـ تەبىئىي گاز بايلىقىنى چارلاش، ئېچىش ۋە زاپاس مىقدارىنى كۆپەيتىپ، مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، «شىنجاڭ نېفىتىنى شىنجاڭدا ئايرىش، تەييار ماي ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنى ئازايتىپ، خىمىيە سانائىتى مەھسۇلاتلىرىنى ئاشۇرۇش»نى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئولېفىن، ئارېن كەسىپ زەنجىرىنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈپ ۋە بەرپا قىلىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك پولى ئولېفىن، قۇرۇلۇش پىلاستىك ماتېرىيالى، يۇقىرى ئىقتىدارلىق تالا قاتارلىق قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى مەھسۇلاتلارنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، نېفىت ـ تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش كەسىپلەر توپىنى يېتىلدۈرىدۇ، زورايتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسىپلەر توپى ۋە يېشىل كانچىلىق كەسىپلەر توپى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسپىنىڭ يېشىل تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، مەدەت بېرىپ، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى يادرو قىلغان ئايلانما كەسىپ زەنجىرى بەرپا قىلىدۇ. كانچىلىق بايلىقىنى يېشىل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېچىپ پايدىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىككىلەمچى ئىنچىكە پىششىقلاش كەسىپ زەنجىرىنى پائال ئۇزارتىپ، دەسلەپكى پىششىقلاشنى ئاساس، ئىنچىكە، چوڭقۇر پىششىقلاشنى يېتەكچى قىلغان يېشىل كانچىلىق كەسىپ سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك بايلىق بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ.

«يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر توپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، يېشىل كىرېمنىينى ئاساس قىلغان پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى پائال بەرپا قىلىپ، كىرېمنىيلىق يورۇقلۇق ۋولت كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ ۋە كۈچەيتىپ، كىرېمنىي تەركىبى يۇقىرى تاش بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، يەرشارىۋى كىرېمنىينى ئاساس قىلغان يورۇقلۇق ۋولت كەسپىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىش كېرەك» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىنىڭ نازىرى نىجات ئىسمائىل.

بۇ يىل، ئاپتونوم رايون يەنە خىمىيەۋى تالا، گۈل بېسىش ـ بوياش، كىيىم ـ كېچەك، ئائىلە توقۇلمىلىرى، ئىلمە توقۇلما ۋە لايىھەلەش قاتارلىق كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى كۈچەپ تولۇقلاپ، بىر تۈركۈم نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سىلجىتىپ، بالدۇر ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش، بالدۇر ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچەپ، پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك كەسىپلەر توپىنى تېز بەرپا قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاشلىق ـ ياغ كەسىپلەر توپى، يېشىل ئورگانىك مېۋە ـ كۆكتات كەسىپلەر توپى، ئەلا سۈپەتلىك چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى كەسىپلەر توپىنى بەرپا قىلىشقا مەدەت بېرىدۇ. چىگىت يېغىنى چەككىلەش ـ پىششىقلاش ۋە ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئىككىلەمچى ئاشلىق ـ ياغ مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش سىستېمىسىنى بېيىتىدۇ، مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. شىنجاڭ يىپەك يولى ئۈزۈم ھارىقى بايرىمىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، داڭلىق ماركا يېتىلدۈرۈش ۋە بازار ئېچىش سالمىقىنى زورايتىدۇ. گۆش قويى، گۆش كالىسى، سۈتچىلىك قاتارلىق ئەۋزەل، خاس كەسىپلەر زەنجىرىنى ئۇزارتىش، كۈچەيتىشنى تېز ئالغا سىلجىتىدۇ.