ئاپتونوم رايون مەخسۇس تېمىلىق يىغىن ئاچتى

日期:2023年02月02日
来源:天山网
【字体:

كەسپىي مائارىپنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش بويىچە تۈزىتىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايون كەسپىي مائارىپنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش بويىچە تۈزىتىش خىزمىتى يىغىنى ئاچتى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كەسپىي مائارىپ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 ـ، 5 ـ، 6 ـ، 7 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كەسپىي مائارىپنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش بويىچە تۈزىتىش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، كەسپىي مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش تېزلىتىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ چۇنلىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: كەسپىي مائارىپنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش بويىچە تۈزىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كەسپىي مائارىپ توغرىسىدىكى يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىسى، يېڭى تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم، زور تەدبىر، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم نامايەندە، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، مائارىپنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى كونكرېت تەدبىر، كەسپىي مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى كۈچلۈك كاپالەت. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى كەسپىي مەكتەپلەر ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشتا تەكشۈرۈپ چىقىلغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىنى دەل جايىدا ئىگىلىشى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشى، قاتتىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، تۈزىتىش خىزمىتىنىڭ ئاخىرغىچە، تەلتۆكۈس بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى، كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي ئەلالاشتۇرۇپ، مەكتەپ باشقۇرۇشتا كۆتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى كەسپىي مەكتەپلەر مەسىلە يۆنىلىشى ۋە نىشان قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، كەسپىي مائارىپنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش سەۋىيەسى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى كۆزدە تۇتۇپ، كەسپىي مائارىپ خىزمىتىدىكى يېتەرسىزلىكلەر ۋە كەمتۈكلۈكلەرنى ئومۇميۈزلۈك رەتلەپ، كەسپىي مائارىپنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش بويىچە تۈزىتىش خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، كەسپىي مائارىپ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈش، تەربىيەلەش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسپىي مائارىپنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇن قۇرۇلۇشى ۋە ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنى يۇغۇرۇپ، مەكتەپ بىلەن كارخانا ھەمكارلىقىنى سىجىل يەنىمۇ كۈچەيتىپ، باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، بولۇپمۇ «سەككىز چوڭ كەسىپلەر توپى» قۇرۇلۇشىنى پۇختا تېخنىكا تىرىكى ۋە ئىختىساسلىقلار كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ مائارىپ خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىلىرى دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، كەسپىي مائارىپنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش بويىچە تۈزىتىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك؛ ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى مەكتەپلەر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشتا تەكشۈرۈپ چىقىلغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە تاكامۇللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما، تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈزىتىش مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىشى كېرەك؛ ھەر دەرىجىلىك مالىيە، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات تارماقلىرى ئاپتونوم رايوننىڭ كەسپىي مائارىپ خىراجىتىنى مۇقىم ئاشۇرۇش مېخانىزمىنى باشلامچىلىق بىلەن مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەكتەپ باشقۇرۇش كۆلىمى، تەربىيەلەش تەننەرخى، مەكتەپ باشقۇرۇش سۈپىتىگە ماس كېلىدىغان كەسپىي مائارىپ مالىيە سېلىنمىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، سېلىنما كاپالەت سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىشى كېرەك.

يىغىندا، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى، ئاقتۇ ناھىيەسى، ئونسۇ ناھىيەسى ۋە شىنجاڭ كەسپىي داشۆسى، شىنجاڭ سانائەت ـ ئىقتىساد مەكتىپىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار ئىپادە بىلدۈرۈپ سۆز قىلدى.

قەيسەر ئابدۇكېرىم يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.