بۇ يىللىق تۇنجى قېتىملىق شىنجاڭغا كېلىپ ئىشلىگۈچىلەر مەخسۇس پويىزى ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى

日期:2023年02月02日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى كاڭ خاۋيەن خەۋەر قىلىدۇ: 2 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى سائەت 12 دىن 14 مىنۇت ئۆتكەندە، لەنجوۋدىن يولغا چىققان 956 نەپەر ئىشلىگۈچى ئولتۇرغان T3295 ـ قېتىملىق پويىز ئۈرۈمچى ۋوگزالىغا يېتىپ كەلدى، بۇ، بۇ يىللىق تۇنجى قېتىملىق شىنجاڭغا كېلىپ ئىشلىگۈچىلەر مەخسۇس پويىزى بولۇپ، شىنجاڭغا كېلىپ ئىشلىگۈچىلەر دولقۇنىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئىشلىگۈچىلەر ئېقىمىنىڭ شىنجاڭغا كىرىش يۇقىرى پەللىسى مۆلچەرلىنىشىچە 3 ـ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە داۋاملىشىدىكەن.

«كۆپچىلىك قىستاشماڭلار، ۋوگزالدىن تەرتىپلىك چىقىڭلار. پويىز ئالمىشىدىغان يولۇچىلار مۇشۇ يەرگە يىغىلىپ، قولاي، تېز يول ئارقىلىق پويىز كۈتۈش زالىغا كىرسەڭلار بولىدۇ.» يولۇچىلار تىرانسپورت خادىملىرىنىڭ ئەسكەرتىشى بىلەن، جاۋ لىگاڭ ۋە بىرنەچچە يۇرتدىشى يۈك ـ تاقلىرىنى كۆتۈرگىنىچە كىشىلەر توپىغا ئەگىشىپ ۋوگزالدىن چىقتى.

ئۈرۈمچىدە بېزەكچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىغا ئون نەچچە يىل بولغان جاۋ لىگاڭ بۇ يىل يۇرتىغا قايتىپ باھار بايرىمىنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن بۇرۇنراق شىنجاڭغا كەلدى. «باھار بايرىمى مەزگىلىدە، بۇلتۇر پۈتۈشۈپ قويغان خېرىدارلار بىلەن ئالاقىلىشىپ زىننەتلەشكە تەييارلىق قىلدىم. بۇ يىل بالدۇرراق كېلىپ ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان چاغدىكى زىياننى تولۇقلاشقا تىرىشىمەن» دېدى جاۋ لىگاڭ تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن.

باھار بايرىمىدىن كېيىن، زور بىر تۈركۈم ئىشلىگۈچىلەرنىڭ شىنجاڭغا كېلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ تۆمۈريولى باھار بايرىمىدىن كېيىنكى يولۇچى توشۇش يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى. گەنسۇ، شەنشى، خېنەن قاتارلىق شىنجاڭغا كېلىپ ئىشلىگۈچىلەر كۆپ ئۆلكىلەرگە قارىتا، تۆمۈريول تارماقلىرى ئىشلىگۈچىلەر پويىزىنى كەينى ـ كەينىدىن كۆپەيتتى، ھازىرغىچە، لەنجوۋ، شىئەن، جېڭجوۋدىن ئىبارەت ئۈچ جايدىن ئۈرۈمچىگە قاتنايدىغان شىنجاڭغا كېلىپ ئىشلىگۈچىلەر ۋاقىتلىق يولۇچىلار پويىزىدىن 30نى يولغا سېلىشنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭدىن بۇ ئۈچ جايغا قايتىدىغان يولۇچىلارغا قارىتا ۋاقىتلىق يولۇچىلار پويىزىدىن 30نى يولغا سېلىشنى بېكىتتى.

ئۈرۈمچى ۋوگزالى ۋوگزال سۇپىسى، ۋوگزالدىن چىقىش يولى قاتارلىق ھالقىلىق ئورۇنلاردا ھەمكارلىشىپ يېتەكچىلىك قىلىشقا خادىملارنى ۋاقتىدا ئاجرىتىپ، يولۇچىلار ئېقىمى يۇقىرى پەللىسى كۆرۈلگەندە بىخەتەرلىك تەشۋىقاتى، پويىزغا چىقىش ـ چۈشۈشنى تەشكىللەشنى كۈچەيتتى ھەم يولۇچى توشۇش خادىملىرىنى ۋوگزال سۇپىسىدا پويىز ئالمىشىدىغان يولۇچىلارنى پويىز كۈتۈش رايونىغا بىۋاسىتە كىرىشكە يېتەكچىلىك قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، يولۇچىلارنىڭ شۇ جايدا ۋوگزالدىن چىقماي تۇرۇپ جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭغا قاتنايدىغان پويىزغا ئالمىشىشىغا قولايلىق ياراتتى. كۇيتۇن، غۇلجا، كورلا قاتارلىق پويىز ئالمىشىدىغان ئىشلىگۈچى يولۇچىلار بىرقەدەر كۆپ بولغان ۋوگزاللار يېتەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل مەخسۇس خادىم ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىشلىگۈچىلەرنىڭ تەرتىپلىك سەپەرگە چىقىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

شىنجاڭدا باھار بايرىمىدىن كېيىنكى ئىشلىگۈچى يولۇچىلار ئېقىمى ئاساسلىقى ئۈرۈمچى، تۇرپان، كۇيتۇن قاتارلىق ۋوگزاللارغا مەركەزلىشىدۇ. تۇرپان شىمالىي ۋوگزالى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ يابىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىلقى باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، تۇرپان شىمالىي ۋوگزالىنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %62.2 ئاشتى. يېقىنقى مەزگىلدە شىنجاڭغا يېتىپ كەلگەن يولۇچىلار مىقدارىنىڭ تەدرىجىي كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى يېتىپ كەلگەن %70 يولۇچى جەنۇبىي شىنجاڭ يۆنىلىشىگە پويىز ئالمىشىدۇ، ۋوگزال زور يولۇچىلار ئېقىمىنى توشۇشنى تەشكىللەش لايىھەسىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، بېلەت سېتىۋېلىش، پويىز كۈتۈش قولاي، تېز يولىنى ئېچىپ، يولۇچىلارنىڭ تېز سۈرئەتتە پويىز ئالمىشىشىغا قولايلىق ياراتتى.