شىنجاڭ 2023 ـ يىلى 116 مىليارد 58 مىليون كىلوۋات سائەت سىرتقا توك يەتكۈزۈش سودا كېلىشىمى ئىمزالىدى

日期:2023年02月02日
来源:天山网
【字体:

بۇ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.95 ئاشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: بېيجىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سودا مەركىزى چەكلىك شىركىتى ئېلان قىلغان سودا سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 1 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنىگىچە، شىنجاڭ 2023 ـ يىلى 116 مىليارد 58 مىليون كىلوۋات سائەت سىرتقا توك يەتكۈزۈش سودا كېلىشىمى ئىمزالىغان، بۇ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.95 ئېشىپ، «تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش»نى ئىشقا ئاشۇرغان.

شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش سودىسى ۋاقىت قېتىم سانىغا ئاساسەن، يىللىق سودا، كۆپ ئايلىق سودا، ئايلىق سودا شۇنداقلا نەق مال سودىسى دەپ ئايرىلىدۇ، سودا تۈرلىرى ئاساسلىقى شىنجاڭغا ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق ياردەم بېرىش بويىچە سىرتقا توك يەتكۈزۈش، ئۆلكىلەر ئارا يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سودىسى، يۈرۈشلەشكەن ئېلېكتىر مەنبەسىنى سىرتقا يەتكۈزۈش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. 1 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنىگىچە، شىنجاڭ 2023 ـ يىلى شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش يىللىق سودىسى ۋە 1 ـ، 2 ـ ئايدىكى ئايلىق سودىنى تاماملىدى.

بۇ يىل، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە بايلىق ئىقتىدارى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، شىنجاڭنىڭ «ئىچكى قىسىمنى تەمىنلەيدىغان تۆت ھالقا تور، سىرتقا يەتكۈزۈلىدىغان تۆت يول» ئاساسىي تور رامكىسى ئەندىزىسىگە تايىنىپ، ھۆكۈمەتلەر ئارا كېلىشىمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭغا ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق ياردەم بېرىش سىياسىتىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش بويىچە يىللىق سودىنى 39 تۈركۈم قېتىم تەشكىللەپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4 ئاشۇردى، شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش بويىچە يىللىق سودىلاشقان توك مىقدارىنى 114 مىليارد كىلوۋات سائەتكە يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، 2023 ـ يىلى شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش «ئاساسىي گەۋدىسى»نى مۇقىملاشتۇردى.

2023 ـ يىلى شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش بويىچە يىللىق سودىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەشكىللىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى 20 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىكى سودا ئاپپاراتلىرى بىلەن ماسلاشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش بويىچە سودا پىلانىنى ئالدىن ئەلالاشتۇرۇپ تۈزۈپ، شىنجاڭدىكى توك تارقىتىش كارخانىلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى قوغداپ، سودىنى تەشكىللەشتىن بۇرۇنقى تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭدىكى بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ 2023 ـ يىللىق شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش بويىچە سودىغا مۇقىم، تەرتىپلىك قاتنىشىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

«بۇ يىل، بىز بىر تەرەپتىن يېڭىدىن قۇرۇلغان گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قېزىپ، توك مەنبەسى بىلەن تەمىنلەشنى ياخشى تەشكىللەيمىز، يەنە بىر تەرەپتىن سىرتقا توك يەتكۈزۈش يولىنىڭ توك يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش، يەتكۈزۈش ئۇچىغا تەڭ كۈچ چىقىرىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈشنىڭ ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولىمىز» دېدى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سودا مەركىزى چەكلىك شىركىتى سودا بۆلۈمىنىڭ ئۆلكىلەر ئارا سودىنى تەشكىللەش مەخسۇس مەسئۇلى جاڭ جۈن.

بۇنىڭدىن باشقا، سودىنى تەشكىللەش جەھەتتە، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى يەنە ئۆلكىلەر ئارا ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بازىرىدا شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسىنى سىجىل ئېچىپ، ھۆكۈمەتلەر ئارا كېلىشىمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ئۆلكىلەر ئارا بازارلاشتۇرۇپ سىرتقا توك يەتكۈزۈش پىلانىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، شىنجاڭنىڭ توك مەنبەسىنىڭ سىرتقا يەتكۈزۈلۈش ئىقتىدارىنى تەرتىپلىك قويۇپ بېرىدۇ.