بۇلۇت ئەمەلىي قوللىنىشچان مۇلازىمەت مەھسۇلاتلىرى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلەتتى

日期:2023年02月02日
来源:天山网
【字体:

خۇڭيوۋ يۇمشاق دېتال شىركىتى:

بۇلۇت ئەمەلىي قوللىنىشچان مۇلازىمەت مەھسۇلاتلىرى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلەتتى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يايۈن

«8 ـ ئايدا، 4 ـ تۈركۈمدە دۆلەتنىڭ كەسپىي، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچە <كىچىك گىگانت> كارخانا دەپ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى؛ 12 ـ ئايدا، مەملىكەتلىك سانائەت ئالاقە تورى APPسى مۇنەۋۋەر ھەل قىلىش لايىھەسى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى...» 1 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى، 2022 ـ يىلى شىركەت قولغا كەلتۈرگەن ئىلگىرىلەشلەرنى تەپسىلىي سانىغاندا، خۇڭيوۋ يۇمشاق دېتال پاي چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «خۇڭيوۋ يۇمشاق دېتال شىركىتى» دەپ ئېلىندى)دىكى ھەربىر كىشىنىڭ ئىشەنچى تولۇپ تاشتى.

تېخنىكا تىرىكى − «بىخەتەرلىك لىنىيەسى»نى مۇستەھكەملىدى

«ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز.» خۇڭيوۋ يۇمشاق دېتال ئالاقە تورى سانلىق مەلۇمات مەركىزى (IDC) كەسپىي بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى لى جى مۇنداق دېدى: يۇقۇم مەزگىلىدە، كوللېكتىپىمىزدىكى سەككىز كىشى قاراماي شەھەرلىك مەركىزىي دوختۇرخانىدا تۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاپپارات ئۆيىدىكى مىڭدىن ئارتۇق ئۈسكۈنىنىڭ بىخەتەر، مۇقىم يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

خۇڭيوۋ يۇمشاق دېتال شىركىتىدە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە 24 سائەت چىڭ تۇرغان لى جىغا ئوخشاش تېخنىك خادىمدىن 70 نەچچىسى بار بولۇپ، مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرىنى ھەر تەرەپلىمە ئۇچۇر كاپالىتى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنىڭ «بىخەتەرلىك لىنىيەسى»نى مۇستەھكەملىدى.

«كارخانا ۋە شەھەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ تىپ ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، ئىجادىي ئومۇمىي گەۋدە بويىچە ھەل قىلىش لايىھەسى ۋە ھەر تەرەپلىمە ئۇچۇر تېخنىكا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش بىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىمىز.» خۇڭيوۋ يۇمشاق دېتال شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى تەن جىچياڭنىڭ قارىشىچە، ھەربىر قېتىملىق كىرىزىس كارخانىنىڭ خەۋپ ـ خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى سىنايدىكەن.

قاراماي شەھىرى خۇڭيوۋ يۇمشاق دېتال شىركىتى باش ئىشتابىدا، شىركەتنىڭ شان ـ شەرەپ كۆرگەزمە تېمى ئۇلارنىڭ تىرىشىش يولىغا گۇۋاھ بولدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئون چوڭ يۇمشاق دېتال كارخانىسىنىڭ باشلامچىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەردىكى نۇقتىلىق تايانچ IT كارخانىسى، جۇڭگو ئېلېكتىرون كەسپى جەمئىيىتىدىكى «تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى ئەڭ زور كارخانا»...

ئالاقە ھەمكارلىقى − پۇختا تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇردى

«شىركەت تېخنىكا كوللېكتىپى تەشكىللەپ توردا ھەمكارلىشىپ ئېچىش سۇپىسى قۇردى، پۈتكۈل تەتقىق قىلىپ ئېچىش تورىنىڭ توپلىشىش مۇھىتى راۋانلاشتى.» خۇڭيوۋ يۇمشاق دېتال شىركىتىنىڭ تېخنىكا مۇئاۋىن باش نازارەتچىسى چېن خەيشيا مۇنداق تونۇشتۇردى: يۇقۇم مەزگىلىدە، ئائىلىدە تۇرۇپ ئىشلەۋاتقان پىروگرامما تۈزگۈچىلەر ھەر كۈنى ئۆزىنىڭ كومپيۇتېرىدا كود ئاچتى، ئاندىن شىركەتنىڭ مۇلازىمېتىرىغا تاپشۇرۇپ توپلاشتۇرۇش سىنىقى ئېلىپ باردى، ئالاقە تورىدا ھەمكارلىشىشتەك بۇ خىل خىزمەت ئەندىزىسى 2022 ـ يىلىدىكى بارلىق مەشغۇلات تۈرلىرىنىڭ نورمال ئالغا سىلجىتىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى، كېچىكتۈرۈۋېتىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلمىدى.

«2022 ـ يىلى، شىركەت جۇڭگو نېفىت ـ خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى شىركىتىنىڭ تەمىنلەش سودىگىرى قاتارىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك كىردى، جۇڭگو دېڭىز ـ ئوكيان نېفىت شىركىتى بازىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگو نېفىتى بازىرىدىمۇ يېڭى بۆسۈش بولدى.» تەن جىچياڭ مۇنداق دېدى: 2022 ـ يىلى شىركەتنىڭ ھەرقايسى ئىشلەپچىقىرىش تارماقلىرى بازار بېسىمىغا بەرداشلىق بېرىپ، ئىمزالانغان توختامدىن جەمئىي 152نى ئەمەلىيلەشتۈردى، ئىمزالانغان كىرىم توختامىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 150 مىليون يۈەن بولدى.

خۇڭيوۋ يۇمشاق دېتال شىركىتى رەقەملىك نېفىتلىك ھەم شەھەرنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ يېتىلدى. شىنجاڭ نېفىتلىكىنىڭ مەملىكەت بويىچە تۇنجى رەقەملىك نېفىتلىك بولۇپ قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇشتىن بۈگۈنكى كۈندە نېفىت كەسپىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇشتىكى باشلامچى كارخانا بولۇشقىچە، ئۇنىڭ بازىرى جۇڭگو نېفىتى، جۇڭگو دېڭىز ـ ئوكيان نېفىتى، جۇڭگو نېفىت ـ خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى، يەنچاڭ گۇرۇھى قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى كارخانىلار ۋە ئامۇ دەرياسى، ئاقچۇبىن قاتارلىق مەملىكەت سىرتىدىكى نېفىتلىك ـ گازلىقلارنى ھەمدە شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنى قاپلىدى.

شىنجاڭ رايونىدىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان يۇمشاق دېتال كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خۇڭيوۋ يۇمشاق دېتال شىركىتى ئەقلىي ئىقتىدارلىق نېفىتلىكنى چوڭقۇر تەكشۈرۈشتىن باشقا، ئاقىل ھۆكۈمەت ئىشلىرى، ئاقىل جامائەت خەۋپسىزلىكى، ئاقىل قاتناش، ئاقىل باغچە رايونى قاتارلىق يېڭى ساھەلەردىمۇ بازار ئاچتى.

ئىختىساسلىقلار − يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشقا يۆلەك بولدى

«نۆۋەتتە، خۇڭيوۋ يۇمشاق دېتال شىركىتى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنىڭ كارخانا تاپاۋەت بېجىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولۇپ، %15 بويىچە باج تاپشۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە يېڭى تېخنىكا ئېچىش، يېڭى مەھسۇلات يارىتىش، يېڭى ھۈنەر ـ سەنئەتنى بارلىققا كەلتۈرۈشتە كۆپەيگەن تەتقىق قىلىپ ئېچىش خىراجىتى باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت سوممىسىغا كىرگۈزۈلمەيدۇ» دېدى تەن جىچياڭ.

«تېجەپ قالغان» پۇلنى نېمىگە ئىشلەتتۇق؟ بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇمات مەسىلىنى ناھايىتى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بەردى: يېقىنقى ئۈچ يىلدا، خۇڭيوۋ يۇمشاق دېتال شىركىتىنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسى تىجارەت كىرىمىنىڭ %7.2ىنى ئىگىلىدى، ئالدىنقى يىلى %11.76كە يېتىپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن خېلىلا ئېشىپ كەتتى.

نۆۋەتتە، خۇڭيوۋ يۇمشاق دېتال شىركىتىدە شىنجاڭ بۇلۇت ھېسابلاش ئەمەلىي قوللىنىشچان نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى، شىنجاڭ بۇلۇت ھېسابلاش قۇرۇلۇش تېخنىكىسى تەتقىقات مەركىزىدىن ئىبارەت ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئىككى يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى بار بولۇپ، كەشپىيات پاتېنتىغا ئىلتىماس قىلىنغان تۈر 60 نەچچىگە، كەشپىيات پاتېنتى ھوقۇقى بېرىلگەن تۈر 37گە، ئەمەلىي پايدىلىنىشچان يېڭى تىپتىكى پاتېنتقا ئېرىشكەن تۈر 13كە، يۇمشاق دېتال ئەسەر ھوقۇقىغا ئېرىشكەن تۈر 200دىن كۆپرەككە يەتتى.

تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئىختىساسلىقلارنىڭ يۆلەك بولۇشىدىن ئايرىلالمايدۇ. 2022 ـ يىلى خۇڭيوۋ يۇمشاق دېتال شىركىتى دۆلەت ئىچىدىكى كەسپىي مۇتەخەسسىستىن ئوننى كارخانىغا كىرىپ خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلدى، ئۇچۇر ساھەسىنى قاپلىغان ئىچكى قىسىمدىكى مۇتەخەسسىستىن 17نى يېتىشتۈردى ھەم ئىختىساسلىقلارنى پەلەمپەيسىمان يېتىشتۈرۈش مېخانىزمى بەرپا قىلدى، ئالدىنقى قاتاردىكى تېمىلار ۋە كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىشتا يولۇققان «گالنى بوغىدىغان» قىيىن مەسىلىلەرنى بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ، پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى تاۋارلاشتۇرۇشنى تېزلەتتى.

دەسلەپكى 30 ئادەمگە تايىنىپ ئىگىلىك تىكلەشتىن، ھازىرقى 651 خىزمەتچىسى بار كارخانا (بالا شىركەتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)غا ئايلىنىشقىچە، خۇڭيوۋ يۇمشاق دېتال شىركىتى خىزمەتچى خادىملارنىڭ كارخانىغا بولغان ئېتىراپ قىلىش دەرىجىسى ۋە سادىقلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بەردى. 2022 ـ يىلى، خۇڭيوۋ يۇمشاق دېتال شىركىتىنىڭ ئىش ھەققى ئومۇمىي تەننەرخىنىڭ ئېشىش نىسبىتى %9.7 بولدى، خىزمەتچى خادىملار ئۈچۈن تۈرلۈك سىياسەت تولۇقلىمىسىدىن جەمئىي 820 مىڭ يۈەن ئىلتىماس قىلىپ، خىزمەتچى خادىملارنىڭ تەمىناتى ۋە ئاساسىي تۇرمۇش كاپالىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردى.

«پەقەت قەدەمنى توختاتمىغاندىلا، ئاندىن باشقا يول ئاچقىلى بولىدۇ. <14 ـ بەش يىل> مەزگىلىدە، بىز يېڭىچە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، رەقەملىك ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، ئېنېرگىيە، ياسىمىچىلىقنى رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىش ۋە رەقەملىك جۇڭگونىڭ مۇھىم، زور ئېھتىياجىنى يېتەكچى قىلىپ، ئاقىل شەھەر، ئەقلىي ئىقتىدارلىق نېفىتلىك قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئاساسىي كەسىپنى چۆرىدەپ، شەھەرگە يۈزلەنگەن رەقەملەشكەن تىپ ئۆزگەرتىش، سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان ئىشلەپچىقىرىشىدىكى بۇلۇت ئەمەلىي قوللىنىشچان مۇلازىمەت مەھسۇلاتلىرى سىستېمىسىنى تىز شەكىللەندۈرىمىز. شىنجاڭ بۇلۇت ھېسابلاش ئەمەلىي قوللىنىشچان نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى، شىنجاڭ بۇلۇت ھېسابلاش قۇرۇلۇش تېخنىكىسى تەتقىقات مەركىزىنى سۇپا قىلىپ، رايون ئىچىدە تەسىر كۈچكە ئىگە يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكى ۋە پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش، كېڭەيتىش بازىسىنى تېز شەكىللەندۈرىمىز» دېدى تەن جىچياڭ.