يېزا ئىگىلىكىدە كۈچلۈك رايون قۇرۇشنى پىلانلاشنى تېزلىتىپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى مەركەز قىلغان «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»غا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇش كېرەك

日期:2023年02月02日
来源:天山网
【字体:

ما شىڭرۇي بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

يېزا ئىگىلىكىدە كۈچلۈك رايون قۇرۇشنى پىلانلاشنى تېزلىتىپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى مەركەز قىلغان «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»غا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇش كېرەك

2 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: ما شىڭرۇي خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ بارۇن خارمۇدۇن بازىرى كېزە كەنتىدە يېزا ـ كەنت قۇرۇلۇشى تەرەققىياتى، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەر توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىماقتا. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 2 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا كېلىپ، خېجىڭ، يەنجى، كورلا قاتارلىق ناھىيە، شەھەرلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شىنجاڭنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش قاتارلىق خىزمەتلەر توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەۋقەنى بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىشقا تۆھپە قوشۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىكىدە كۈچلۈك رايون قۇرۇشنى پىلانلاشنى تېزلىتىپ، يېزىلارنىڭ تېخىمۇ باياشات بولۇشى، تۇرمۇشنىڭ تېخىمۇ بەختلىك بولۇشى، يېزا ـ كەنتلەرنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

ما شىڭرۇي خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ بارۇن خارمۇدۇن بازىرى كېزە كەنتى، ئارال كەنتى ۋە كورلا شەھىرىنىڭ ئاۋات يېزىسى ئۇششاقتېرەك كەنتى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، يېزا ـ كەنت قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتى، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، خەۋپسىزلىك، مۇقىملىق قاتارلىق خىزمەتلەر توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلاپ ئۆتتى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت دېھقان ـ چارۋىچىلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى ياخشى ئىشلەشنى تەكىتلىدى؛ ساۋمېي پارنىكى ۋە نەشپۈت ئۆستۈرۈش باغچىسىغا بېرىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ۋە تېرىقچىلىق ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن خاس يېزا ئىگىلىكى، كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىش توغرىسىدا پاراڭلاشتى، ئۇلارنى كەسىپنى گۈللەندۈرۈشنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، كۆلەمنى ئاشۇرۇپ، سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، كەسىپ ھالىتىنى بېيىتىپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقاننىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى. ما شىڭرۇي يېزا ـ بازارلىق دوختۇرخانىلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرۈپ، تېببىي خادىملارغا ئاممىنىڭ داۋالىنىش، دورا ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا داۋاملىق ياخشى كاپالەتلىك قىلىپ، ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشنى تاپىلىدى.

ئۇششاقتېرەك كەنتىدە، ما شىڭرۇي مەخسۇت ھۈسەن ئائىلىسىدىكىلەرنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، ئۇلارغا باھار بايرىمىلىق بەخت تىلىدى، كۆپچىلىك بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ، تۇرمۇش ئەھۋالى، ئائىلە كىرىمى، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئوقۇش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى كۆڭۈل بۆلۈپ تەپسىلىي سورىدى، ئۇلارنى تىرىشىپ خىزمەت قىلىش ئارقىلىق كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى ياخشى مۇستەھكەملەشكە ئىلھاملاندۇردى، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى ياخشى ئۆتۈشىگە، بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئىلگىرىلىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

خېجىڭ ناھىيەسى تيەنرۇيشياڭ چارۋىچىلىق چەكلىك شىركىتى، يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى تيەنسەي ئۈزۈم ھارىقى قورۇقىغا بارغاندا، ما شىڭرۇي خاس دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى، خاس دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بايلىق ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، كۆلەملەشكەن، بازارلاشقان تەرەققىياتقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، كەسىپلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ـ ئىگىلىكى، چارۋىچىلىقىنى زورايتىش ۋە كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولۇپ، دېھقان ـ چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا باشلامچىلىق قىلىپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى تەكىتلىدى.

ما شىڭرۇي يەنە شىنجاڭ تىيانشان پولات ـ تۆمۈر بايىنغولىن ئوبلاستى چەكلىك شىركىتىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، تۆمۈر تاۋلاش، پولات تاۋلاش قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپىنى كۆزدىن كەچۈردى، دىققەتنى «قوش كاربون» نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ھۈنەر ـ سەنئەت تېخنىكىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆستۈرۈپ، ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش سالمىقىنى زورايتىپ، يېشىل، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى تەكىتلىدى؛ كورلا شەھىرىدىكى ئىتتىپاق مەسچىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ۋە دىنىي زاتلارنى يوقلاپ، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە، بەلگىلىمە بويىچە باشقۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان كەڭ ئاممىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئەتراپىغا ئۇيۇشتۇرۇپ، دىنلارنىڭ رايىشلىقى، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مىللەتلەرنىڭ ئېجىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكىدە كۈچلۈك رايون قۇرۇشىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ئىستراتېگىيە ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى پۇختا، كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ئاشلىق، پاختا، مېۋە، كۆكتات قاتارلىق بايلىق ۋە كەسىپلەرنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىقتىسادىي ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن مۇقىم، بىخەتەر تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشۇش كېرەك. يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ماس ئالغا سىلجىتىپ، مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلغان «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»غا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، يېزا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش بىلەن يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تېرىش قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئاشلىق تېرىش كۆلىمىنى پائال كېڭەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، چارۋا، ئۆي قۇشلىرى ۋە كۆكتات قاتارلىقلار بىلەن ئۈنۈملۈك تەمىنلەشنى ياخشى تۇتۇپ، خاس باغ ـ ئورمانچىلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش بازىسى بەرپا قىلىش كېرەك. يېزا ـ كەنتلەردىكى كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك پەن ـ تېخنىكىسىنىڭ تىرەكلىك رولىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دىققەتنى ئاشلىق، ياغ، پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك، يېشىل ئورگانىك مېۋە ـ كۆكتات، ئەلا سۈپەتلىك چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق كەسىپلەر توپى قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېزا ـ كەنتلەرنىڭ خاس كەسىپ پۈتۈن زەنجىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، 1 ـ، 2 ـ، 3 ـ كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېزلىتىش كېرەك. كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشنى تۈرلۈك چارە ـ تەدبىرلەر ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقان ـ چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى مەركىزىي ۋەزىپە قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، دېھقان ـ چارۋىچىلارنىڭ كەسىپ زەنجىرى ۋە قىممەت زەنجىرىگە چوڭقۇر سىڭىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ھەر مىللەت دېھقان ـ چارۋىچىلارنىڭ «ھەميېنى»نى تېخىمۇ تومپايتىپ باياشات، ھاللىق تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش كېرەك. ئولتۇراقلىشىشقا، ئىگىلىك تىكلەشكە ماس كېلىدىغان گۈزەل يېزا ـ كەنت قۇرۇپ، يېزا ـ كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى ياخشى يولغا قويۇپ، يېزا ـ كەنتلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ مۇكەممەللىك دەرىجىسى، ئاممىۋى مۇلازىمىتىنىڭ قولايلىق دەرىجىسى، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنىڭ راھەتلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ـ كەنتلەرنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا جەمئىيىتىنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك. يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ تەشكىلىي كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش پىرىنسىپىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، بەش دەرىجىلىك شۇجىلار يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى تۇتۇش، ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى شۇجىلىرى ياخشى «بىرىنچى سەپتىكى باش قوماندان» بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» كادىرلار قوشۇنىنى كۈچلۈك قۇرۇپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىدە كۈچلۈك رايون قۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

قادېن كەبىن قاتارلىقلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.