جۇڭگو يەر تەۋرەش ئىدارىسى شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى شايار ناھىيەسىدىكى 6.1 بال يەر تەۋرەشنى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى تېز سۈرئەتتە قانات يايدۇردى

日期:2023年02月01日
来源:天山网
【字体:

جۇڭگو يەر تەۋرەش ئىستانسىسى تورىنىڭ رەسمىي ئۆلچەپ بېكىتىشىچە، 1-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 7دىن 49 مىنۇت ئۆتكەندە، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شايار ناھىيەسى(شىمالىي كەڭلىك 40.01 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 82.29 گىرادۇس)دە 6.1 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 50 كىلومېتىر.

يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، جۇڭگو يەر تەۋرەش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى مىن يىرېن بىرىنچى ۋاقىتتا ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، جۇڭگو يەر تەۋرەش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى يىن چاۋمىن، ۋاڭ كۇن، نى يۆۋېي، چېن شياۋجۈن جۇڭگو يەر تەۋرەش ئىدارىسىنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىدە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يەر تەۋرەش ئىدارىسى، جۇڭگو يەر تەۋرەش ئىستانسىسى تور مەركىزى بىلەن سىنلىق ئۇلىنىش قىلىپ، يەر تەۋرەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش، بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئالاقىدار ئورۇنلاردىن يەر تەۋرەش يۈزلىنىشىنى تەھلىل قىلىش، تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا دوكلات قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە ھازىرچە ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات بېرىلمىگەن. نۆۋەتتە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يەر تەۋرەش ئىدارىسى نەق مەيداندىكى خىزمەت ئەترىتىنى يەر تەۋرەش رايونىغا بېرىپ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش، بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئەۋەتكەن.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپتەرجىمە قىلىندى