بۇ ھەپتىنىڭ جۈمە، شەنبە كۈنلىرى ئىلى ئوبلاستى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قېلىن قار ياغىدۇ

日期:2023年02月01日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ مېڭفەن خەۋەر قىلىدۇ) مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ ھەپتە ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىككى قېتىم ئازراققار ياغىدىكەن. ھازىر باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلى، شۇنداقلا قەھرىتان سوغۇقنىڭ «بەشىنچى چىللە» مەزگىلى بولۇپ، گەرچە بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ سوغۇق مەزگىلدەپ قارالغان «ئۈچىنچى چىللە»«تۆتىنچى چىللە» ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما تېمپېراتۇرا يەنىلا بىرقەدەر تۆۋەن بولىدىكەن، ئامما سەپەرگە چىققاندا ئەڭ يېڭى ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇماتقا، ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرلىرىغا ۋاقتىدا دىققەت قىلىشكېرەك ئىكەن.

  1-ئاينىڭ 30-كۈنى (دۈشەنبە) كۈندۈزدىن 2-ئاينىڭ 2-كۈنى(پەيشەنبە)گىچە، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى قىسمەن رايونلاردا داۋاملىق تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ، يول قاتنىشى، ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشى قاتارلىقلارغا بولغان پايدىسىز تەسىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش زۆرۈر.

1-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، قىپقىزىل پانۇسلار كىشىلەرنى بايرام شادلىقىغا چۆمدۈردى.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ مېڭفەن فوتوسى

1-ئاينىڭ 31-كۈنى (سەيشەنبە) كۈندۈزدىن 2-ئاينىڭ 1-كۈنى (چارشەنبە) كۈندۈزگىچە، تىيانشان تاغلىق رايونى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، كوئېنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلار قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئاز ياكى ئازراق قار ياغىدۇ، قىسمەن جايلاردا ئوتتۇراھال ياكى قېلىن قار ياغىدۇ.

2-ئاينىڭ 3-كۈنى(جۈمە)دىن 2-ئاينىڭ 4-كۈنى(شەنبە)گىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربىي ۋە شىمالىي قىسىمى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلار، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تاغلىق رايونى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئاز ياكى ئازراق قار ياغىدۇ، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قېلىن قار ياغىدۇ.

 ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۇ ھەپتە ئاساسەنھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولىدۇ، ئاساسىي شەھەر رايونى، مىدۇڭ رايونى ۋە گەنچۈەنپۇدا بەزىدە تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، 2-ئاينىڭ 5-كۈنى(يەكشەنبە)نىڭ ئالدى-كەينىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا ئازراق قار ياغىدىكەن، داۋانچىڭ رايونىدا بۇلۇتلۇق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ 5 بالدىن 6 بالغىچە قىيپاش غەرب شامىلى، سەككىز بال ئۆتكۈنچى شامال چىقىدىكەن. بۇ ھەپتە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىشى چوڭ بولمايدىكەن، ئاساسىي شەھەر رايونىنىڭ كۈندىلىك ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 15 سېلسىيە گىرادۇستىن نۆلدىن تۆۋەن 13 سېلسىيە گىرادۇسقىچە، كۈندىلىك ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 5 سېلسىيە گىرادۇستىن نۆلدىن تۆۋەن 3 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ ھەپتە ئىچىدە ھەرقايسى رايونلارنىڭ تېمپېراتۇرىسى ھەر يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە يېقىنلىشىدىكەن ياكى سەل تۆۋەنلەيدىكەن، ئەتىگەن ۋە كەچتە سوغۇقراق بولۇپ، ئامما سوغۇقتىن مۇداپىئەلىنىپ ئۆزىنى ئىسسىق ساقلىشى،زۇكامداپ قېلىشتىن ساقلىنىشىكېرەك ئىكەن.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى