ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى ئېلىپ سەپەرگە چىققاندا كىنىشكىسى(نوپۇس دەپتىرى، كىملىك، تۇغۇلۇش ئىسپاتى)نىئۇنتۇپ قالغان، چوڭلار كىملىكىنى ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا، ئايروپىلانغا قانداق چىقىدۇ؟
ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتى شۆبە ئىدارىسى ئايروپىلان كۈتۈش بىناسى ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىسى شۈ لياڭلياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: يولۇچىلار كىملىكىنىئۇنتۇپ قالغانياكى بالىسىنىڭ كىملىك ئىسپاتىنىئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا، ئايروپورت ساقچىخانىسىغا بېرىپ، قەغەز نۇسخىسىدىكى كىملىك ئىسپاتى بېجىرسە بولىدۇ، كىملىك ئىسپاتىنى بېجىرىپ بولغان يولۇچىلار ئايروپىلانغا ئوڭۇشلۇق چىقالايدۇ. ئايروپورتقا بارغاندىن كېيىن كىملىكىنى ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىنى بايقىغان يولۇچىلار جىددىيلەشمەي، ۋىيشىن كىچىك پىروگراممىسىدا خەلق ئاۋىياتسىيەسىئايروپىلانغا چىقىش ۋاقىتلىق ئىسپاتى دېگەننى تېپىپ، ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى تولدۇرسىلا بېجىرگىلى بولىدۇ.
ۋاقىتلىق كىملىك كەسپىنى بېجىرىۋاتقان ياڭ ئەپەندى ئالدىراشلا يولغا چىققان بولغاچقا،كىملىكىنى ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالغان، ئايروپىلانغا چىقىشتىن بۇرۇن ۋاقىتلىق كىملىكنى جىددىي بېجىرگەن. ياڭ ئەپەندى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: كىچىك پىروگرامما ھەقىقەتەن قولايلىق، ئادىمىيلەشكەن، مەشغۇلاتمۇ ئاددىي ئىكەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرىنىڭ خەلققە قولاي مۇلازىمەتلىرىنىئالقىشلايمىز.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى