شاياردىكى يەر تەۋرەشنىڭ تەۋرەش مەركىزى چۆللۈكتىكى ئادەمسىز رايوندا بولۇپ، ئەڭ يېقىن كەنت بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 50 كىلومېتىر كېلىدۇ

日期:2023年01月31日
来源:天山网
【字体:

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى جۇڭگو يەر تەۋرەش ئىستانسىسى تورىنىڭ رەسمىي ئۆلچەپ بېكىتىشىچە، 1- ئاينىڭ 30- كۈنى سائەت 7دىن 49 مىنۇت ئۆتكەندە شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شايار ناھىيەسىدە 6.1 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەركىزى شىمالىي كەڭلىك 40.01 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 82.29 گىرادۇسقا جايلاشقان، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 50 كىلومېتىر. تەۋرەش مەركىزى چۆللۈكتىكى ئادەمسىز رايونغا تەۋە بولۇپ، تەۋرەش مەركىزىگە ئەڭ يېقىن كەنت بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 50 كىلومېتىر كېلىدىكەن، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلىرىنىڭ ھەممىسىدە تەۋرىنىش سېزىمى كۆرۈلگەن.