شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى يېزا-كەنتلەرگە بېرىپ خەلققە شادلىق بېغىشلىدى

日期:2023年01月31日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ دۇڭمېي خەۋەر قىلىدۇ) «ئىشىكىمىزئالدىدىلا مۇشۇنداق ياخشى نومۇرلارنى كۆرەلىگەنلىكىمىزدىن خۇشال بولدۇق.» باھار بايرىمىنىڭ 6-كۈنى، ئاۋات ناھىيەسىنىڭ يېڭىئېرىق بازىرى يەكلى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىنى يوقلىغاندا، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى سېرك ئۆمىكى ئېلىپ كەلگەنمەدەنىيەت ئويۇن قويۇش پائالىيىتى توغرىسىدا ئەڭ كۆپ پاراڭلاشتى.

1-ئاينىڭ 26-كۈنى، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى سېرك ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى كەنت ئاھالىلىرىگە ئېسىل نومۇرلارنى ئورۇنلاپ بەرمەكتە.

جەي ۋېيمىن فوتوسى

بايرام مەزگىلىدە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىنىڭ ئاۋات ناھىيەسىيېڭىئېرىق بازىرى يەكلى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، 1-ئاينىڭ 26-كۈنى، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى سېرك ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى يەكلى كەنتىگە كېلىپ، «بىزنىڭ جۇڭگو ئارزۇيىمىز − مەدەنىيەتنى ئونمىڭلىغان ئائىلىگە يەتكۈزۈش» مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئويۇن قويۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، شۇ جايدىكى ئاممىغا مول مەدەنىيەت «ئوزۇقى» يەتكۈزدى.

پائالىيەت نەق مەيدانىدا، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى سېرك ئۆمىكى 10دىن ئارتۇق قالتىس نومۇرنى ئېلىپ كەلگەن بولۇپ،«سىلكىمە كاۋاك بامبۇك ئويۇنى»«ئەۋرىشىملىكماھارىتى»«گىلەم ئايلاندۇرۇش»«يالغۇز كىشى خادىغا يامىشىش» قاتارلىق بىر قاتار قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى سېرك ئويۇنلىرىنى كۆرسەتتى، بىر-بىرىدىن قالتىس نومۇرلاردىن نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلار قانغۇچە ھۇزۇرلاندى، ئالقىش سادالىرى ئۈزۈلمىدى.

«سېرك ئارتىسلىرى بىزگە ئېسىل نومۇرلارنى ئورۇنلاپ بەردى، ھەممىمىز ئىنتايىن خۇشال بولدۇق» دېدى ئاۋات ناھىيەسىيېڭىئېرىق بازىرى يەكلى كەنتىدىكى گۈلئايشەم مەمەت ھاياجانلانغان ھالدا: «بۇنداق ئويۇنلارنى دائىم كۆرۈپ تۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.»

ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىنىڭ ئاۋات ناھىيەسىيېڭىئېرىق بازىرى يەكلى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى جەي ۋېيمىن مۇنداق دېدى: «ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، مەدەنىيەت ئېھتىياجىمۇ ئۈزلۈكسىز ئاشتى، بۇ قېتىمقى پائالىيەت شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى كونكرېت ھەرىكەت بولۇپ، كەڭ ئاممىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىغا بولغان يېڭى ئېھتىياجى ۋە يېڭى ئارزۇسىنى قاندۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتتى».