ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر رېن چۇنشياڭ خەۋەر قىلىدۇ) يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشقا ئالاقىدار داۋالاش دورىلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، ئاممىنىڭ دورا ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ۋە ئاممىۋى بايلىق سودا مەركىزى بىلەن بىرلىشىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشقا ئالاقىدار جىددىي ئېھتىياجلىق دورىلارنى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تورغا چىقىرىش يېشىل يولىنى ئاچتى. 1-ئاينىڭ 20-كۈنى، تۇنجى تۈركۈمدە 117 خىل دورا تورغا چىقىرىلدى، بۇ 61 كارخانىغا چېتىلىدۇ.
تۇنجى تۈركۈمدە تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈپ تورغا چىقىرىلغان دورىلار ئاساسلىقى زۇكام، قىزىش، يۆتىلىش قاتارلىقلارنى داۋالايدىغان دورىلار بولۇپ، قىزىتما قايتۇرۇپ ئاغرىق توختىتىش دورىسى بۇلوفېن، بالىلارنىڭ ئۆپكىسىنى تازىلاش دانچە دورىسى قاتارلىق دائىم ئىشلىتىلىدىغان دورىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاپتونوم رايوننىڭ بىرتۇتاش تورغا چىقىرىش قائىدىسىگە ئاساسەن، بۇ دورىلار مەملىكەت بويىچە ئۆلكە دەرىجىلىك سۇپىلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن تورغا چىقىرىش باھاسى بويىچە تورغا چىقىرىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى تېببىي دورا باھاسى ۋە خېرىدار چاقىرىپ سېتىۋېلىش باشقارمىسىمەسئۇلىنىڭتونۇشتۇرۇشىچە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشنى داۋالاش دورىلىرىنى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تورغا چىقىرىش يېشىل يولى بۇلتۇر 12-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن باشلاپ ئېچىلغان، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تورغا چىقىرىشقا ئىلتىماس قىلىش تەرتىپى ئەلالاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، تورغا چىقىرىش ئىلتىماسىۋاقتىدا قوبۇل قىلىنىپ، تېز تەكشۈرۈپ بېكىتىلىپ، بېجىرىشتېزلىتىلىدىكەن، دورىلارئەڭ تېز سۈرئەتتە ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا يەتكۈزۈلۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ تەرتىپلىك سېتىۋېلىشىغا، تەمىنلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىپ، كىلىنىكىلىق قۇتقۇزۇشتا ئىشلىتىش ئېھتىياجىقاندۇرۇلىدىكەن.
«دورىلار تورغا چىقىرىلغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت قارىمىقدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئاپتونوم رايوننىڭ خېرىدار چاقىرىپ سېتىۋېلىش سۇپىسى ئارقىلىق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشنى داۋالاشقا ئالاقىدارتېخىمۇ كۆپدورىلارنى سېتىۋالالايدۇ، بۇنىڭ بىلەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان دورىلارنى سېتىۋېلىش يوللىرى يەنىمۇ كېڭىيىدۇ. ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە تورغا چىقىرىلغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشنى داۋالايدىغان دورا 2336 خىلغا يېتىپ، 700دىن ئارتۇق كارخانىغا چېتىلدى» دېدى مەزكۇر مەسئۇل كىشى.
بۇ قېتىم تورغا چىقىرىلغان دورىلار ئىچىدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشنى داۋالايدىغان تۇنجى تارقىتىلغان يېڭى دورا بار. خاڭجوۋ موشادۇڭ دورا ئىشلەپچىقىرىش چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان مونولاۋېي كاپسۇلى تيەنجىن شەھىرى ئېلان قىلغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشنى داۋالايدىغان دورا بولۇپ، بۇ قېتىم مەملىكەت بويىچە ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلغان باھا بويىچە ئاپتونوم رايونىمىزدا بىۋاسىتە تورغا چىقىرىلدى. بۇنىڭغا مەسئۇل كىشى مۇنداق دېدى: «تۇنجى تارقىتىلغان يېڭى دورىنىڭ تورغا چىقىرىلىشى كارخانىلارنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى ئۆلكىلەردە تورغا چىقىرىشنى ئىلتىماس قىلىش يۈكىنى زور دەرىجىدە يېنىكلەتتى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاممىنىڭ ئۆز جايىدىكى ھۆكۈمەت داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىن يېڭىدىن تەستىقلانغان بۇ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشنى داۋالايدىغان دورىلارنى تېزدىن سېتىۋېلىشىغا ئىمكانىيەت ياراتتى».
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى