ئاجىز سوغۇق ھاۋا ئېقىمى شىنجاڭغا تەسىر كۆرسىتىدۇ باھار بايرىمى ھارپىسىدىن باھار بايرىمىنىڭ 1-كۈنىگىچە شىمالىي شىنجاڭنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا تېمپېراتۇرا ئازراق تۆۋەنلەيدۇ

日期:2023年01月17日
来源:天山网
【字体:

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ مېڭفەن خەۋىرى) سوغۇق ھاۋا ئېقىمى ئاخىرى ئاخىرلاشتى، بۇ ھەپتە دەل باھار بايرىمىنىڭ ھارپىسى ۋە باھار بايرىمىنىڭ 1-كۈنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھاۋارايى قانداق بولىدۇ؟ مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ ھەپتە ئاپتونوم رايونىمىزدا ئاساسەن ھاۋا ئوچۇق بولىدىكەن، بۇ ھەپتىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا بىر قېتىملىق ئاجىز سوغۇق ھاۋا ئېقىمى كۆرۈلىدىكەن.

  مۆلچەرلىنىشىچە، 1-ئاينىڭ 20-كۈنى كۈندۈز، 21-كۈنى (باھار بايرىمىنىڭ ھارپىسى) كۈندۈزدىن كېچىگىچە، 22-كۈنى (باھار بايرىمىنىڭ 1-كۈنى) كۈندۈزئالتاي ۋىلايىتى، تىيانشان تېغىنىڭتاغلىق رايونى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدائازراق قار ياغىدىكەن، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئوتتۇراھال قار ياغىدىكەن؛ شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى ۋە شەرقىي شىنجاڭدا 5بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن، شامال ئېغىزلىرىدا10 بال ئەتراپىدا بوران چىقىپ، تېمپېراتۇرا ئازراق تۆۋەنلەيدىكەن. شىۋىرغانلىق قار، تېمپېراتۇرىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە قىسمەن جايلاردا كۆرۈلگەن قار-شىۋىرغاننىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، شەھەرنىڭ يۈرۈشۈشى، قاتناش، سەپەرگە چىقىش قاتارلىقلارغا كۆرسىتىدىغان پايدىسىز تەسىرىدىن ساقلىنىش كېرەك.

  1-ئاينىڭ 16-كۈنى، كۆكتوقاي ناھىيەسى تەۋەسىدىكى ئېرتىش دەرياسى بويىدا ئاسمان كۆپكۆك بولۇپ، قىروۋ مەنزىرىسى كىشىنى مەپتۇن قىلاتتى.

لى خۇي فوتوسى

  مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ ھەپتەسوغۇق ھاۋا ئېقىمى ئۈرۈمچى شەھىرىگەروشەن تەسىر كۆرسەتمەيدىكەن، ئاساسەن ھاۋا ئوچۇق ۋە بۇلۇتلۇق بولىدىكەن، شامال كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمايدىكەن، ئاساسلىق شەھەر رايونى ۋە مىدۇڭ رايونىدا بەزىدە تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن ياكى ئۆتكۈنچى قار ياغىدىكەن. بۇ ھەپتە ئىچىدە ھەرقايسى رايونلارنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئاستا-ئاستا ئۆرلەيدىكەن، ئاساسلىق شەھەر رايونىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 18 سېلسىيە گىرادۇستىن نۆلدىن تۆۋەن 15 سېلسىيە گىرادۇسقىچە، كۈندىلىك ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 11 سېلسىيە گىرادۇستىن نۆلدىن تۆۋەن 6 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، ھەپتە ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى رايونلاردا تېمپېراتۇرا ئاستا ئۆرلەيدىكەن، كۆپ قىسىم رايونلاردا تېمپېراتۇرا يەنىلا ئادەتتىكى يىللارنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن تۆۋەن بولىدىكەن، ئامما سوغۇقتىن مۇداپىئەلىنىپ ئىسسىق ساقلىشى، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىشى كېرەك؛ ئۆي ئىچىنى ئىسسىتقاندا ئوت، توك، گاز ئىشلىتىش بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىشى كېرەك.