ئىدىيەۋى ئاساسنى مۇستەھكەملەپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك

日期:2023年01月17日
来源:天山网
【字体:

جاڭ چۇنلىن ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى ئەزالار گۇرۇپپىسىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى

ئىدىيەۋى ئاساسنى مۇستەھكەملەپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي يۈنيەن خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ چۇنلىن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنى ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى ئەزالارنىڭ گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى، ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنىڭ سىياسىي يۈكسەكلىكى يۇقىرى، باش تېمىسى روشەن بولۇپ، ھەقىقەت ئەمەلىيەتتىن ئىزدەلگەن، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل دوكلات بوپتۇ، دوكلاتتا ئۆتكەن بەش يىللىق ۋە 2022 - يىللىق خىزمەتلەر ئوبيېكتىپ، ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلىنىپتۇ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق ۋە 2023 - يىللىق خىزمەتلەر ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپتۇ، بۇ، ئالدىنقى ئىشلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكى ئىشلارغا يول ئېچىش، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ.

جاڭ چۇنلىن مۇنداق كۆرسەتتى: ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە ۋە پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى سىجىل چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، بايراقنى كۆتۈرۈش، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەش، يېڭى كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئوبرازنى نامايان قىلىش بۇرچ - ۋەزىپىسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى تەشۋىقات - ئىدىيە خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئىدىيەۋى ئاساسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى كاپالەت ۋە قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

جاڭ چۇنلىن مۇنداق تەكىتلىدى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى سىجىل چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق، رىغبەتلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىجابىي تەشۋىقاتنى ئاساس قىلىپ، ئاساسىي ئېقىم ئىدىيەۋى ئاممىۋى پىكىرنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، زورايتىپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى يەنىمۇ مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشى»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشىمىز كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلغان ئىجادىيەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىپ، بىر تۈركۈم نادىر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، پارتىيەنى مەدھىيەلىشىمىز، ۋەتەننى مەدھىيەلىشىمىز، خەلقنى مەدھىيەلىشىمىز، قەھرىمانلارنى مەدھىيەلىشىمىز كېرەك. «تەكلىپ قىلىپ كىرگۈزۈش» بىلەن «سىرتقا چىقىرىش»نى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تاشقى تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، شىنجاڭنىڭ ياخشى ئوبرازىنى ئومۇميۈزلۈك، ئىستېرېئولۇق نامايان قىلىشىمىز كېرەك. دىققەتنى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، نەزەرىيە جەھەتتىن تەتقىق قىلىپ چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىنى پايدىلىنىش ئاساسى بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك. ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى تەشۋىقاتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزم، سوتسىيالىزم تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان «ئاساسنى پۇختىلاش» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ۋەزىپىسىنى زىممىگە ئالىدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈشىمىز كېرەك.

نۇرىم سىمايىلخان قاتارلىقلار مۇزاكىرىگە قاتناشتى.