ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇش كېرەك

日期:2023年01月17日
来源:天山网
【字体:

خې جۇڭيوۋ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ئەزالار بىرلەشمە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گۇەن مېڭيىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى خې جۇڭيوۋ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ئەزالار بىرلەشمە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتنىشىپ، تەكلىپ - پىكىرلەرنى ئاڭلاپ ئۆتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى قەلبىگە پۈكۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ خاس ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پائال تۈردە ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىپ ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

خې جۇڭيوۋ مۇنداق بىلدۈردى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا باشتىن - ئاخىر شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى نامايان قىلىنىپتۇ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپتۇ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپتۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپتۇ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپتۇ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇلۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نەتىجىلەرنى خۇلاسىلەش ئوبيېكتىپ، ئەمەلىي بولۇپ، كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىش چوڭقۇر، ئەتراپلىق، دەل جايىدا بوپتۇ، خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىشتا نىشان ئېنىق، ۋەزىپە كونكرېت بولۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىكى يۇقىرى، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل، كىشىنى روھلاندۇرىدىغان، بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەيدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ.

خې جۇڭيوۋ مۇنداق دېدى: خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىگە ئىختىساسلىقلار يىغىلغان، ئەقلىي كۈچ توپلانغان بولۇپ، ساھە ئايرىمىسى خاسلىقى گەۋدىلىك، ئالاقە دائىرىسى كەڭ، سىغدۇرۇشچانلىقى كۈچلۈك، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش جەھەتتە ئۆزگىچە ئەۋزەل ئىقتىدار ۋە ئۈستۈنلۈككە ئىگە. كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشتا شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى پۇختا ئىگىلەپ، پائال تۈردە «بىر پورت، ئىككى رايون، بەش چوڭ مەركەز، پورت ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىش، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى سۆزلىشى، ھەقىقىي تەكلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى مۇھىم مەسئۇلىيەت بىلىپ، «خەلق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر»نى ھەرىكەت يۆنىلىشى قىلىپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر كېڭىشىپ ياخشى تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ مۇجەسسەملەپ بىرىكمە كۈچنى ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە يېڭى مۇساپىدە ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك.

چېن مىڭگو، كۇڭ شىڭلۇڭ مۇزاكىرىگە قاتناشتى.