ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى خەلق قۇرۇلتىيى ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

日期:2023年01月17日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى 1 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات قاتارلىقلارغا پىكىر - تەكلىپ بەردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن جاڭ جۇ، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ مىڭشەن، ۋاڭ جيەنشىن، زۇمرەت ئوبۇل، ياڭ فاسېن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان قاتارلىقلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.

جاڭ جۇ ئالتاي ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا ئۆتكەن بەش يىللىق ۋە 2022 - يىللىق ئاساسلىق خىزمەتلەر ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلىنىپ ۋە ئەسلەپ ئۆتۈلۈپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي پىكىر يولى، كۈرەش نىشانى ۋە نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، بۇ يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ كۆزلىمە نىشانى ۋە نۇقتىلىق تەدبىرلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپتۇ ھەم ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ، بۇ، مەركەزنىڭ روھى نامايان قىلىنغان، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن بولغان، ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ماسلاشقان ياخشى دوكلات، شۇنداقلا توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىدىغان، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەيدىغان، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ، مەن تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. بىز «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى سادىقلىق بىلەن ئەمەلدە كۆرسىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمى ئارقىلىق پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى مۇساپىدە ئىشنى ياخشى باشلاپ، قەدەمنى ياخشى ئېلىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

تيەن شياڭلى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: دوكلاتتا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن يۆنىلىش، يول زىچ چۆرىدىلىپ، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تېخىمۇ بىخەتەر تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشقا قارىتا سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش چۆرىدىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ئويلىشىش، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك پىلانلاش، ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغا سىلجىتىشنى مەشغۇلات كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلەپتۇ، بۇ، كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ، مەن تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. بىز پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى سىجىل، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق «ئىككىنى تىكلەش»نى ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەقىل - پاراسىتىمىز ۋە كۈچىمىزنى شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا تۈرتكە بولۇشقا مۇجەسسەملەپ، خىزمەتنىڭ كۈچەش نۇقتىسىنى دوكلاتتىكى ئورۇنلاشتۇرما، ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

چېن ۋېيجۈن ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: دوكلاتنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى ئېنىق، تەرەققىيات پىكىر يولى روشەن، تەدبىرلىرى كونكرېت، مۇۋاپىق بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ، دوكلاتقا خەلققە مۇھەببەت باغلاش، ھوقۇقنى خەلق ئۈچۈن ئىشلىتىش، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەشتەك ئالىيجاناب ھېسسىيات باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈلۈپتۇ، كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان، ئىشەنچنى چىڭىتىدىغان، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەيدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ. بۇ يىل پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش باشلىنىدىغان يىل، تۈرلۈك پايدىلىق ئۇچۇر، سىياسەتلەر ئۈستىلەنگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتتە ئەۋزەللىكنى نامايان قىلىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، تىرەكنى يەنىمۇ كۈچەيتىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئومۇمىي مىقدارنى زورايتىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىقتىدار دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، تىرىشىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى باشلامچىلاردىن بولۇشىمىز كېرەك. توغرا سىياسىي يۆنىلىش ئارقىلىق يېڭى ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، كۈچلۈك ئومۇمىي ۋەزىيەت ئېڭى ئارقىلىق يېڭى تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئۈنۈملۈك ئېھتىياجنى كېڭەيتىپ، كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، چوڭقۇر خەلقچىل ھېسسىيات ئارقىلىق يېڭى كۈچلەرنى مۇجەسسەملەپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئىقتىدار - ساپا ئارقىلىق يېڭى ئوبرازنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭنى قىزغىن سۆيۈش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش، شىنجاڭغا تۆھپە قوشۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك.

ۋاڭ مىڭشەن تارباغاتاي ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: دوكلاتتا سىياسىي يۈكسەكلىك يۇقىرى، نەتىجىلەر ئەمەلىي يەكۈنلەنگەن، خىزمەتلەر ئىنچىكە پىلانلانغان بولۇپ، پۈتۈن ۋەزىيەت بىرتۇتاش ئىگىلەنگەن، يىراق كەلگۈسى كۆزلەنگەن، باش تېمىسى روشەن، ئورۇنلاشتۇرمىسى ئەتراپلىق، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ، مەن تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى سىياسىي - قانۇن ئورگانلىرى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتىكى تەلەپلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇقىملىقنى قوغداش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ - ئامان شىنجاڭ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇپ، يېڭى خەۋپسىزلىك ئەندىزىسى ئارقىلىق يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك قانۇنچىللىق كاپالىتى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىشىپ تېخىمۇ ئىناق، تېخىمۇ خاتىرجەم بىخەتەر مۇھىت يارىتىپ، تىرىشىپ تېخىمۇ مۇقىم، تېخىمۇ خاتىرجەم جەمئىيەت مۇھىتى يارىتىپ، تىرىشىپ تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئازادە قانۇنچىللىق مۇھىتى يارىتىپ، تىرىشىپ تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئىللىقلىق يەتكۈزىدىغان مۇلازىمەت مۇھىتى يارىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىش ئۈچۈن سىياسىي - قانۇن كۈچىنى قوشۇشى كېرەك.

ۋاڭ جيەنشىن قەشقەر ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: دوكلاتتا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلغان، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈلگەن، 2 -، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى تولۇق نامايان قىلىنغان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى تولۇق نامايان قىلىنغان، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تولۇق نامايان قىلىنغان بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا تامامەن ئۇيغۇن كېلىدۇ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا تامامەن ئۇيغۇن كېلىدۇ، بۇ، شىنجاڭنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا ناھايىتى كۈچلۈك يېتەكلەشچانلىققا ۋە مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ روھنى تاۋلاشتا قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەپ ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، دادىللىق بىلەن كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، شىنجاڭ ئوبرازىنى نامايان قىلىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى كاپالەت ۋە قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك.

زۇمرەت ئوبۇل بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: دوكلاتتا سىياسىي يۈكسەكلىك يۇقىرى، خەلقنىڭ مەيدانىدا قەتئىي چىڭ تۇرۇلغان، نەتىجىلەر ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەنگەن، كۆزلىمە نىشان مۇۋاپىق، خىزمەت پىكىر يولى روشەن، سىياسەت - تەدبىرلەر ئەمەلىي بولۇپ، ئىشەنچنى ئۇرغۇتىدىغان، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەيدىغان، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل ياخشى دوكلات بوپتۇ. ئۆتكەن بەش يىل يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلدە كۆرسىتىلگەن بەش يىل بولدى، شۇنداقلا شىنجاڭدا تەرەققىيات ئەڭ ياخشى، ئۆزگىرىش ئەڭ چوڭ، ئامما ئېرىشكەن نەپ ئەڭ كۆپ بولغان بەش يىل بولدى، بۇ، تۈپ نېگىزىدىن ئېيتقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى. بىز «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا باش شۇجى شى جىنپىڭغا زىچ ئەگىشىپ يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، جاسارەتلىك ۋە غايىلىك بولۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. بورتالا ئوبلاستى رايون ئورنى، سىياسەت، بايلىق قاتارلىق ئەۋزەللىكلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئالاتاۋ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال سىناق رايونى قاتارلىقلارنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

ياڭ فاسېن ئۈرۈمچى شەھىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: دوكلاتتا سىياسىي يۈكسەكلىك يۇقىرى، پىكىر يولى روشەن، نىشان ئېنىق، تەدبىرلەر ئەمەلىي بولۇپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىگەن، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ. 2023 - يىلى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش باشلىنىدىغان يىل بولۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتە ئەھمىيىتى مۇھىم، زور. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىننىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشتا ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى مۇساپىدە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

يۈسۈپجان مەمەت قومۇل شەھىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: دوكلاتتا سىياسىي يۈكسەكلىك يۇقىرى، باش تېما روشەن، نىشان - تەلەپلەر يېڭى، يول - تەدبىرلەر ئېنىق، نەتىجىلەر ئومۇميۈزلۈك، ئوبيېكتىپ خۇلاسىلەنگەن، غەيرەتنى ئۇرغۇتىدىغان، مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىشتا ئاچقۇچ چىڭ كۆزلەنگەن، زىددىيەتكە بىۋاسىتە يۈزلەنگەن بولۇپ، مەسئۇلىيەت دادىل زىممىگە ئېلىنغان، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولغان، كۈچنى مۇجەسسەملەپ مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان، ئىشەنچنى ئۇرغۇتىدىغان، كۈچنى مۇجەسسەملەيدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ، مەن تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. دوكلاتنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇنچىل شىنجاڭ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قۇرۇشىمىز كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، جاسارەتلىك ۋە غايىلىك بولۇش روھى، مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەيدىغان غەيرەت، تىرىشچان، ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلى ئارقىلىق تۈرلۈك خىزمەتلەردە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك.

ئېلزات ئەخمەتجان تۇرپان شەھىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: دوكلاتقا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈلۈپتۇ، دوكلاتتا نەتىجە، سانلىق مەلۇماتلار تەپسىلىي، ئېنىق خۇلاسىلەنگەن، ھەقىقەت ئەمەلىيەتتىن ئىزدەلگەن، كەلگۈسى خىزمەتلەرنى پىلانلاشتا پىكىر يولى روشەن، نىشان ئېنىق، تەدبىرلەر ئەمەلىي بولۇپ، مول ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىككە، ئەمەلىيەت چوڭقۇرلۇقىغا، خەلق تۇرمۇشى ھارارىتىگە ئىگە ياخشى دوكلات بوپتۇ. دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق ئومۇمىي پىكىر يولى، كۈرەش نىشانى ۋە 12 جەھەتتىكى ئاساسلىق ۋەزىپىلەرنى دەل جايىدا چۈشىنىپ، ئىگىلەپ، مەسىلە يۆنىلىشى، نىشان يۆنىلىشى، نەتىجە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە جاسارەت بىلەن تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

(مۇخبىرلار ليۇ شياڭ، ليۇ يى، پەرىزات ئابدۇل، خېي خۇڭۋېي، ۋاڭ نا، رايىدە، گو چيەن، گو لىڭ، كاڭ خاۋيەن، شى شىن)