سىز سوئال سورىسىڭىز مەن ۋاكالىتەن سۆزلەيمەن | 3A دەرىجىلىك دوختۇرخانىغا بېرىپ كېسەل كۆرسەتكەندە، ئادەم بەك كۆپ قانداق قىلىش كېرەك؟

日期:2023年01月16日
来源:天山网
【字体:

  «تىيانشان لاۋما» ناملىق تورداش «ئانار بۇلۇت 12345تە تەدبىر سوراش» بويىچە سۆز قالدۇرۇش سەھىپىسىدىكى «ئىككى يىغىن مەخسۇس رايونى»غا سۆز قالدۇرۇپ: بۇ ئىككى كۈندە 3- دەرىجىلىك دوختۇرخانىغا بېرىپ بىر قېتىم كېسەل كۆرسەتكەنىدىم، دوختۇرخانىدا ئادەم بەك كۆپ، تاڭ يورۇماستا ئۆيدىن چىقىپ، قاراڭغۇ چۈشكەندە ئۆيگە قايتتىم. ئەمەلىيەتتە كېسەل بولساممۇ چوڭ دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرسىتىشنى ئويلىمىغانىدىم، لېكىن مەھەللە دوختۇرخانىسىدا بەزى تەكشۈرۈشلەرنى قىلغىلى بولمايدۇ، كېسەل كۆرىدىغان دوختۇرلارنىڭ دىياگنوز قويۇش، داۋالاش سەۋىيەسىدىن سەل ئەنسىرەيمەن، ھۆكۈمەتنىڭ سالماقنى ئاشۇرۇپ، مەھەللە دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئەسلىھە ۋە ئىختىساسلىقلار قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن، دېدى.

«تىيانشان لاۋما» ناملىق تورداشنىڭ قالدۇرغان سۆزىنىڭ كەسمە سۈرىتى

  ليۇ تاۋ (ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، «3- سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، «3-سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى): يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلام داۋالاش-سەھىيە مۇلازىمەت سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، لېكىن دىياگنوز قويۇش-داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق بايلىقلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى تەكشى، تەڭپۇڭ بولماسلىق مەسىلىسى ئوبيېكتىپ مەۋجۇت. قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ نۆۋەتتە داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى قۇرۇلۇشى ئارقىلىق، داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى ئىچىدە ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىلىنىش، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىش، ئىختىساسلىقلاردىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دوختۇرلار كۆپ نۇقتىدا كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چوڭ دوختۇرخانىلاردىكى مۇتەخەسسىسلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قەرەللىك ھالدا ئاساسىي قاتلامغا چۈشىدىغان قىلىپ، ئەلا سۈپەتلىك بايلىقنى تېز سۈرئەتتە تۆۋەنگە چۈشۈرۈش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، «3-سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، «3-سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى ليۇ تاۋ

  مەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلىش ئۈچۈن، يەنىلا ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش ۋە ھازىرقى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ۋە زاپاس قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سەھىيە-ساغلاملىق ئىشلىرىغا مەبلەغ سېلىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ. بىر تەرەپتىن، ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىكى تېببىي خادىملار ۋە باشقۇرغۇچى خادىملارنى يېتىشتۈرۈش، تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، يەنە بىر تەرەپتىن، مۇۋاپىق ئۈنۈم مائاش تەقسىملەش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ئارقىلىق، ئاساسىي قاتلام تېببىي خادىملىرىنىڭ خىزمەت ئاكتىپلىقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يەنە «ئالاقە تورى +» تېخنىكىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، رايون يىراق مۇساپىلىك داۋالاش سىستېمىسىنىڭ رولىنى ئورنىتىپ ھەم جارى قىلدۇرۇپ، داۋالاش، ساغلاملىق كاپالىتى سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، قىسمەن ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ «تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى بولسىمۇ، دىياگنوز قويىدىغان دوختۇر كەمچىل بولۇش» مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش كېرەك. (ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو چيەن رەتلىگەن)