ئانار بۇلۇت تېز خەۋىرى مۇخبىرنىڭ 1-ئاينىڭ 11-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئاچقان «ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى بىرقانچە تەدبىرى» بويىچە ئاخبارات خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە: ئاپتونوم رايونىمىز ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت كارخانىلىرىنى يېتىشتۈرۈش پىلانىنى يولغا قويىدىكەن. ئاپتونوم رايون ھەر ئىككى يىلدا ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت سەۋىيەسى دەرىجىسىنى باھالاش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، بازار ئىستىقبالى ياخشى بولۇش، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇش، تىجارەت كىرىمى ئۇدا ئۈچ يىل ئاشقان بولۇش قاتارلىق شەرتلەرگە ئۇيغۇن بولغان بىر تۈركۈم «تايانچ كارخانا»لارنى تاللاپ بېكىتىپ،100 مىڭ يۈەنلىكبىر قېتىملىق مۇكاپات بېرىدىكەن. (مۇخبىر لى لىن)