ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ھەم يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىلدى

日期:2023年01月09日
来源:天山网
【字体:

ما شىڭرۇي رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى

ئەركىن تۇنىياز، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى يىفېي، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ھەم يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى 1 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى يىغىن ئېچىپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنى روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇردى، ئەمەلىيلەشتۈردى، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 7 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما ـ تەلەپلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈردى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ھەم يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ئەركىن تۇنىياز، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى يىفېي، خې جۇڭيوۋ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك رايونى قۇرۇشنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ئىستراتېگىيە ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدىن شىنجاڭنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى پىلانلاپ، ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، ئاشلىق، پاختا، مېۋە ـ كۆكتات قاتارلىق بايلىق ۋە كەسىپلەرنىڭ پۈتۈن مەملىكەت ئىقتىساد ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن مۇقىم، بىخەتەر تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشۇپ ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن «ئىككىنى تىكلەش»نى ھىمايە قىلىشى، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىدا ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ نىشان ـ ۋەزىپىسى، ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم نۇقتىسى ۋە ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن مۇقىم، بىخەتەر تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشقا ئېنىق تەلەپ قويۇلدى. بىز سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مەملىكەت بويىچە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسى بەرپا قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتىشىنى چىڭ كۆزلەپ، تېرىلغۇ يەر تېرىقچىلىق كۆلىمىنى پائال كېڭەيتىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئاساسىنى ھەر تەرەپلىمە پۇختىلاپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىشقا تۆھپە قوشۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىمىزگە ئېلىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيەت تۈزۈمى بويىچە باھالاشنى چىڭىتىپ، دۆلەتنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك 100 مىليارد جىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ تەلىپى بويىچە، يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئاشلىق خىزمىتى فاڭجېنىنىڭ «رايون ئىچىدە ئېشىنىپ، دۆلەتنى تەمىنلەش»كە بۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. تېرىلغۇ يەرنى قوغداشتىكى ئەڭ قاتتىق تۈزۈمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىنى ياخشى يولغا قويۇپ، تېرىلغۇ يەر ئىشلىتىش ئورنىنى باشقۇرۇش ـ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمى ۋە ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان رايونلارغا مەنپەئەت تولۇقلىمىسى بېرىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاشلىق ھوسۇلىنى ئاشۇرۇشقا پۇختا ئاساس سېلىشىمىز كېرەك. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ جايلىشىشى ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، «ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يەرگە باغلاش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېخنىكىغا باغلاش» ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇغداي تېرىقچىلىق كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، بىرلىك ھوسۇلنى ئاشۇرۇشقا كۈچەپ، ئومۇمىي ھوسۇلنى كۆپەيتىپ، كۆممىقوناق تېرىقچىلىق كۆلىمىنى ئاشۇرۈپ، خۇاسىڭ، دادۇر قاتارلىق ياغلىق دان زىرائەتلىرى تېرىقچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، چارۋا، ئۆي قۇشلىرى ۋە كۆكتات بىلەن ئۈنۈملۈك تەمىنلەشنى ياخشى تۇتۇپ، ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھوسۇلىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ھوسۇلىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. تۈرلۈك چارە ـ تەدبىرلەر ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى مەركىزىي ۋەزىپە قىلىپ، ماھارەت تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، كۆپ يوللار ئارقىلىق يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز؛ يېزا ـ كەنتلەرنىڭ يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتىنى يېتىلدۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش بازىرىنى كېڭەيتىشىمىز؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ياردەم قىلىش ـ يۆلەش سىياسىتىنى مۇقىملاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: سۇدىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچلۇق تۇتقىنى چىڭ تۇتۇپ، سۇ ئىشلىتىش قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تەڭشەش ـ ساقلاش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى پۇختا سۇ بايلىقى كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. مۇھىم، زور سۇ بايلىقىنى تەقسىملەش ۋە تەڭشەش ـ ساقلاش قۇرۇلۇشىنى سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىپ، چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى سۇغىرىش رايونلىرىنىڭ يۈرۈشلەشكەن داۋاملاشما قۇرۇلۇشى ۋە سۇ تېجەش بويىچە ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، قۇرۇلۇشنى يۈرۈشتۈرۈش ۋە باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىدە سۇ ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ سۇ بايلىقىدىن تۈجۈپىلىك، تېجەشلىك پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، سۇ تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سۇغا قاراپ يەرنى بېكىتىش، سۇغا قاراپ ھوسۇلنى بېكىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىدە يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش تېخنىكىسىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش؛ يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان سۇ بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، سۇغىرىشقا كاپالەتلىك قىلىش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سۇ مىقدارىنى دەل جايىدا تەڭشەپ تەقسىملەپ، يەر ئۈستى سۈيىدىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ئۈنۈملۈك تىرەك بولۇش كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقايسى جايلاردىكى پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى، بولۇپمۇ ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئۆز جايىنىڭ تېرىلغۇ يەر، سۇ بايلىقى قاتارلىق ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئىلمىي پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، پۇختا، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى تېز ئۆستۈرۈشى كېرەك. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ، يىراق كەلگۈسىنى كۆزلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، شەكىلۋازلىق ۋە بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، تۈرلۈك خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. يېزا رايونلىرىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇپ، يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىنى يۈرۈشتۈرۈش، دورا بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنىڭ تەن ساغلاملىقى ۋە نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى ياخشى قوغداش كېرەك.

جاڭ جۇ، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ مىڭشەن، ۋاڭ جيەنشىن، زۇمرەت ئوبۇل، ياڭ فاسېن، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىدىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار، ئالاقىدار تارماقلار، ئورۇنلار ۋە ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.