جاسارەتلىك بولۇپ نەتىجە يارىتىپ ئومۇمىي يىغىن روھىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

日期:2023年01月09日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى يىغىن ئېچىپ ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 7 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى

جاسارەتلىك بولۇپ نەتىجە يارىتىپ ئومۇمىي يىغىن روھىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 7 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرى مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشانىنى كۈچەپ ئىشقا ئاشۇرۇش تەلەپ قىلىندى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 7 ـ ئومۇمىي يىغىنى پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەتلەرنى خۇلاسىلەپ، بۇ يىللىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، بۇ، يېڭى مۇساپىدە ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھۆكۈمەت سىستېمىسى سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى ئومۇمىي يىغىننىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، قاتتىق، ئەمەلىي تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، جاسارەتلىك بولۇپ نەتىجە يارىتىدىغان، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ دېگەن روھ بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى توغرىسىدىكى خىزمەت تەلىپىنىڭ پۇختا ئەمەلىيلىشىشى، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. دىققەتنى نىشان ـ ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دادىللىق بىلەن زىددىيەتكە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ماھىر بولۇپ، دادىللىق بىلەن كونا قائىدىلەرنى بۇزۇپ تاشلاپ، پائال يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىپ، ئومۇمىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرگە ئۆلچەم بويىچە ئەستايىدىل توغرىلىنىپ، 2023 ـ يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا دائىر تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى، بولۇپمۇ ئاشلىق بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە قويۇپ پىلانلاپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، تېرىلغۇ يەر يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، تېرىلغۇ يەر تېرىقچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، تىرىشىپ دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا سىڭىشىش خىزمىتىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، دىققەتنى «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، نېفىت، تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، يېشىل كانچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ يېڭى ئېشىش نۇقتىسى، ئېشىش قۇتۇپىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»نى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك سىياسەتلەرنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك چارە ـ تەدبىرلەر ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى ھەقىقىي ئەلالاشتۇرۇپ، مەمۇرىيەت مۇھىتى، قانۇنچىللىق مۇھىتى، بازار مۇھىتى، يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ شىنجاڭدا بەس ـ بەستە تەرەققىي قىلىشى، زورىيىشى، كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي كېڭەيتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئاسىيا ـ ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستېھكامىنى پائال بەرپا قىلىش كېرەك. ئېغىر، زور خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ قەرز ئېلىشنى قەتئىي توسۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ھېساباتىدىكى نېسى قالغان پۇلنى ئېنىقلاش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. ئادەمنى يادرو قىلغان شەھەر ـ بازارلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ناھىيە رايونى ئىقتىسادىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالىنىش، تۇرالغۇ، ياشانغانلار كۈتۈنۈش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشلىرىنى چىن قەلب بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە زورايتىپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنىڭ يۈزبېرىشىنى قەتئىي توسۇش كېرەك.