يېڭى مۇساپىدە خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك

日期:2023年01月09日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئېچىپ ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 7 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى

يېڭى مۇساپىدە خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 7 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر شەۋكەت ئىمىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىندا 2022 ـ يىللىق خىزمەتلەر ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەندى، بۇ يىللىق شىنجاڭ خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىشەنچنى چىڭىتىش، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، يېڭىلىق يارىتىپ ئەمەلىي ئىشلەشكە سەپەرۋەر قىلىپ، ئىشنى ياخشى باشلاپ، قەدەمنى ياخشى ئېلىپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتا مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تىرىشىپ ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، تەلەپكە، ئۆلچەمگە توغرىلىنىش، ھەرىكەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتا ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: بۇ يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. كۈرەش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى چىڭ كۆزلەپ، قانۇنچىللىق ئاساسىنى پۇختىلاش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئۇزاققىچە نەپ يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش؛ قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق ئۇسۇلى ئارقىلىق خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، جىنايەتكە زەربە بېرىش، مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش، زىددىيەتلەرنى تۈگىتىشكە ماھىر بولۇش؛ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەپ مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىدىيەسىنى نىزام چىقىرىش، نازارەت قىلىش، ۋەكىللەر خىزمىتى قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ سىياسىي جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، كىشىلەر قەلبىنىڭ مايىل ياكى مايىل ئەمەسلىكىنى ھەل قىلىشنى «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش»نى ئالغا سىلجىتىشنىڭ نېگىزى قىلىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يەرلىك نىزام چىقىرىش، نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىگە سىڭدۈرۈش؛ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا سىڭىشىپ، نىزامنى يۇقىرى سۈپەتتە چىقىرىش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش؛ تىيانشان مۇھىت قوغداش سەپىرى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى كۈچنى بىرىكتۈرۈپ ياخشى قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ يېڭى مۇساپىدە خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە قويغان تەلىپىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، خەلق قۇرۇلتىيى ھەم ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتىدىكى يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلاردا يۈكلەنگەن نازارەت قىلىش ھوقۇقىنى ياخشى ئىشلىتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشى، رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللاش، كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى نىزام چىقىرىش، نازارەت قىلىش، ۋەكىللەر خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، نىزامنى يۇقىرى سۈپەتتە چىقىرىش ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياخشى ئىدارە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئوخشاش بولمىغان نازارەتچىلىك ئۇسۇللىرىنى جىپسىلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ فاڭجېن ـ سىياسەتلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئونمىڭ ۋەكىل ئونمىڭ ئائىلىگە كىرىش» باش تېمىلىق ئەمەلىيەت پائالىيىتى قاتارلىقلارنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ باشتىن ـ ئاخىر پارتىيەنىڭ مەركىزىي خىزمىتى بىلەن بىر مەقسەت، بىر يۆنىلىشتە بولۇشىغا، ماس قەدەمدە بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىشتا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.