گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن سىياسىي كېڭەش تۆھپىسىنى قوشۇش كېرەك

日期:2023年01月08日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئېچىپ ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 7 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى

گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن سىياسىي كېڭەش تۆھپىسىنى قوشۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 1 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىس نۇرلان ئەبىلمەجىن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 7 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، سىياسىي كېڭەش سىستېمىسىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 7 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەتلەر ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەندى، بۇ يىللىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ، شىنجاڭنىڭ بۇ يىللىق ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش، سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقان ھەرقايسى ئورۇنلار، ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئەزالار ۋە سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدىكى كادىرلار، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر چوڭقۇر ئۆگىنىپ، چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇش، بىلىش، ئىشىنىش، قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭلىقلىق ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۆتكەن بىر يىلدا ئېرىشكەن نەتىجىلەرنىڭ ناھايىتى تەستە قولغا كەلگەنلىكىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىدە دۇچ كەلگەن پەرق، كەمتۈكلۈك ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ، بۇ يىللىق شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرمىلارنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھى، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 7 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىش، باشلامچىلىق بىلەن لېكسىيە سۆزلەش، باشلامچىلىق بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا بولۇشى، قەلبلەرگە سىڭىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەش، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا نامايان قىلىپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق ئۇسۇلىنى كېڭىشىش، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا ئاڭلىق سىڭدۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنى توغرا بولغان «بەش قاراش»نى تۇرغۇزۇش، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىش جەھەتتە تېخىمۇ زور قەدەم تاشلاشقا يېتەكلەپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك. پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ مول ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، ئىدىيەۋى ـ سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىش، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەشتىن ئىبارەت بۇ مەركىزىي ھالقىنى مەھكەم ئىگىلەپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالارنى تەشكىللەش، ئەزالار ساھە ئايرىمىسى بويىچە ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش خىزمەت زەنجىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئومۇمىي يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرما ـ تەلەپلىرىنى سىياسىي كېڭەشنىڭ ھازىرقى تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەشتە نامايان قىلىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش مۇھىم نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى يەنىمۇ دەل جايىدا تېپىپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەتلىك بولۇپ نەتىجە يارىتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن سىياسىي كېڭەش تۆھپىسىنى قوشۇش كېرەك.