شىنجاڭدا تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 20 نەچچە بالا ھەقسىز قۇتقۇزۇپ داۋالاندى

日期:2022年12月30日
来源:天山网
【字体:

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ شى خەۋەر قىلىدۇ) 12-ئاينىڭ 27-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كىرېست جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2022-يىللىق «پەرىشتە سەپىرى−شىنجاڭ تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانبالىلارنى تاسقاپ تەكشۈرۈش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ھەرىكىتى» بۇ يىل 7-ئايدا يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 20 نەچچە بالا ھەقسىز قۇتقۇزۇپ داۋالانغان.

2022-يىللىق «پەرىشتە سەپىرى−شىنجاڭ تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانبالىلارنى تاسقاپ تەكشۈرۈش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ھەرىكىتى» داۋالاش ئەترىتى تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانبالىلارنى تاسقاپ تەكشۈرمەكتە. سۈرەتنى ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كىرېست جەمئىيىتى تەمىنلىگەن

بۇ قېتىمقى تاسقاپ تەكشۈرۈش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ھەرىكىتى جۇڭگو قىزىل كىرېست فوندى جەمئىيىتىنىڭ «مەركەزنىڭ مەخسۇس لاتارىيە پاراۋانلىق فوندى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغانبالىلارنى قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش تۈرى»نىڭ بىرلەشمە جەمئىيەت مەبلىغى بولۇپ، تۇنجى قېتىم شىنجاڭغا قارىتا قانات يايدۇرۇلغان تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى ئومۇميۈزلۈك تاسقاپ تەكشۈرۈش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ھەرىكىتى. شاڭخەي، جياڭسۇ، شىنجاڭنىڭ داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرىدىن تەشكىللەنگەن پىدائىيلار ئەترىتى ئۈچ قوشۇنغا ئايرىلىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا قەشقەر ۋىلايىتى، تۇمشۇق شەھىرى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلاردا، نەق مەيداندا ۋە توردا يىراقتىن دىياگنوز قويۇشتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئۇسۇل ئارقىلىق پۈتۈن شىنجاڭدىكى 0 ياشتىن 16 ياشقىچە بالىلارغا بولغان تۇغما يۈرەك كېسىلىنى تاسقاپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، ئوپېراتسىيە قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىدىن 351نى تاسقاپ چىقتى.

ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كىرېست جەمئىيىتى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنىڭ خىزمەتچىسى رەيھانگۈل ئەركىن مۇنداق دېدى: تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 20 نەچچە بالا ھەقسىز قۇتقۇزۇپ داۋالانغاندىن باشقا، باشقا ئاغرىق بالىلارمۇ كەينى-كەينىدىن دۆلەت ئىچىدىكى بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىلاردا ھەقسىز ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋلىنىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن، «پەرىشتە سەپىرى» داۋالاش ئەترىتى شىنجاڭنىڭ يېزا-قىشلاقلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تۇغما يۈرەك كېسىلىنى تاسقاپ تەكشۈرۈش، قۇتقۇزۇپ داۋالاشتىن قايتا زىيارەت قىلىشقىچە بولغان ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش پۈتۈن زەنجىرى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ ئېغىر كېسەللەرنى قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش تۈرلىرىنىڭ بىرى بولغان «پەرىشتە سەپىرى−شىنجاڭ تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى تاسقاپ تەكشۈرۈش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ھەرىكىتى»دە بۇلتۇر شىنجاڭدا تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 3614 بالا تاسقاپ تەكشۈرۈلگەن، جەمئىي 256 بالا ھەقسىز ئوپېراتسىيە قىلىنغان. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ يادرولۇق فوندتۈرلىرىدىن «كىچىك پەرىشتە فوندى»، «پەرىشتە قۇياش نۇرى فوندى»، «يەنرەن پەرىشتە فوندى» بار بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئاق قان كېسىلى، تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلار ۋە توشقان كالپۇك بالىلارنى داۋالايدۇ، قۇتقۇزىدۇ-ياردەم بېرىدۇ. بۇ يىل بۇ جەمئىيەت 3 مىليون 96 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان جەمىئىي 174 ئاغرىقنى قۇتقۇزۇپ داۋالىدى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى