ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 1156 ئايال «ئىككى راك» قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش پۇلىدىن مەنپەئەتلەندى

日期:2022年12月29日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر گۇەن مېڭيىڭ خەۋىرى) «پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسىتىگە كۆپ رەھمەت، ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ بىزگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە غەمخورلۇق قىلغانلىقىغىمۇرەھمەت، بۇ قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش پۇلى بېشىمىزگە كۈن چۈشكەندەھەقىقەتەن ئەسقاتتى» دېدى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى غۇلجا ناھىيەسى جېلىليۈزى بازىرىنىڭ ئاھالىسى لۈ جىڭ.

توققۇزتارا ناھىيەسى دۆڭمەھەللە بازارلىق ئاياللار بىرلەشمىسى، دۆڭمەھەللە كەنتى ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئاياللارغا «ئىككى راك» قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش پۇلىنى ئاپىرىپ بەردى.

سۈرەتنى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئاياللار بىرلەشمىسى تەمىنلىگەن

بۇ يىل، شىنجاڭ ئاياللار بىرلەشمىسى مەركەزنىڭ مەخسۇس لاتارىيە ئاممىۋىپاراۋانلىقفوندىنى قولغا كەلتۈرۈپ،11 مىليون 560 مىڭ يۈەن«ئىككى راك»قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش تۈرى مەبلىغى ئارقىلىق تۆۋەن كىرىملىك ئاياللارنى قوللاپ، ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئائىلىلەرگە كىرىپ ھال سوراپ تارقىتىش، مەركەزلىك تارقىتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، 13 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) 87 ناھىيە (شەھەر، رايون)دىكى بۇ تۈرنىڭ ياردەم بېرىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان 1156 ئايالنىڭ ھەربىرىگە 10 مىڭ يۈەندىن قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش پۇلى تارقىتىپ، تۆۋەن كىرىملىك، كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئاياللارنىڭ داۋالىنىشتىكى ئىقتىسادىي بېسىمىنى ئۈنۈملۈك يېنىكلەتتى.

ئىگىلىنىشىچە، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭمەركەزنىڭ مەخسۇس لاتارىيە ئاممىۋىپاراۋانلىق فوندى ئارقىلىق تۆۋەن كىرىملىك ئاياللارنى قوللايدىغان«ئىككى راك»قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش تۈرى 2014-يىلىشىنجاڭدا يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ ئاياللار بىرلەشمىسى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 78 مىليون 320 مىڭ يۈەن تۈر مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 87 ناھىيە (شەھەر، رايون)دىكى«ئىككى راك» بويىچە كېسەلگەگىرىپتار بولغان تۆۋەن كىرىملىك 7832 ئايالغا نەپ يەتكۈزۈپ، «ئىككى راك» بويىچە كېسەلگەگىرىپتار بولغان ئاياللارنىڭ ياشاش شارائىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن پائال تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن، بۇ تۈر تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ شىنجاڭدىكى ھەممە ئادەم بىلىدىغان ئاياللارغاكۆڭۈل بۆلىدىغان خەلق تۇرمۇشى سۈپەتلىك ماركا تۈرىگە ئايلانغان.