​ئاساسىي قانۇننىڭ ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈلۈشى، كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا تۈرتكە بولدى

日期:2022年12月06日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار ئاساسىي قانۇننى ئۆگىنىش تەشۋىق - تەربىيە پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇردى

​ئاساسىي قانۇننىڭ ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈلۈشى، كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا تۈرتكە بولدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي يۈنيەن خەۋەر قىلىدۇ: بۇ يىل دۆلىتىمىزدە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئاساسىي قانۇننىڭ ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى، 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى 9 - قېتىملىق دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنى بولۇپ، 5 - قېتىملىق «ئاساسىي قانۇن تەشۋىقات ھەپتىلىكى» كۈتۈۋېلىندى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار ئاساسىي قانۇننى ئۆگىنىش تەشۋىق - تەربىيە پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننىڭ ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈلۈشى، كىشلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئۇرۇن ئېلىشىغا تۈرتكە بولدى.

12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جېمىنەي ناھىيەسى مەركىزىي كوچا رايونىدا مەركەزلىك تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. پۈتۈن ناھىيەدىكى قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش بويىچە 16 ئەزا ئورۇن تەشۋىقات لوزۇنكىلىرىنى ئېسىپ، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش كۆرگەزمە تاختىلىرىنى قويۇپ، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش ماتېرىياللىرىنى تارقىتىپ، ئاساسىي قانۇنغا ئائىت سىن فىلىمى قويۇپ، ئاساسىي قانۇن بويىچە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ئاساسىي قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ، قانۇن بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلدى ۋە ئومۇملاشتۇردى. «بۇ ئۇسۇللار ئارقىلىق، پۇقرالارنى ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان، ئېسىدە تۇتالايدىغان ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ، مېنىڭچە بۇ ئۇسۇل ئىنتايىن ياخشى» دېدى بۇ ناھىيەنىڭ ئاھالىسى ئىسقات.

12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، قومۇل شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى، ئاساسىي قانۇنغا ئالاقىدار بىلىملەرنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان ھالدا مەخسۇس تېمىدا قانۇنچىللىق دەرسى سۆزلىدى. قومۇل شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 5 - تەپتىش بۆلۈمىنىڭ تەپتىشى يۈ شا مۇنداق بىلدۈردى: قەسىمىمىزنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئاساسىي قانۇنغا سادىق بولۇپ، باشتىن - ئاخىر ئاساسىي قانۇن روھىنى ئۇلۇغلاش ۋە ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىشنى ھەربىر دېلونى بېجىرىش جەريانىدا نامايان قىلىپ، خەلق ئاممىسىغا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنىڭ يېنىدىلا ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرىمىز.

ئارشاڭ ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى كۆپ خىل ساقچى تۈرلىرى بويىچە ئاساسىي قانۇن تەشۋىقات پائالىيىتىنى بىرلىكتە قانات يايدۇرۇپ، ئاممىغا ئاساسىي قانۇننىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى، ئاساسىي مەزمۇنى ھەمدە ئەڭ يېڭى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن مەزمۇنلارنى تەشۋىق قىلىپ، ئاممىنىڭ ئاساسىي قانۇننى ئۇلۇغلاش، ئاساسىي قانۇننى ئۆگىنىش، ئاساسىي قانۇنغا رىئايە قىلىش، ئاساسىي قانۇننى قوغداش، ئاساسىي قانۇننى تەتبىقلاش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلدى. خەلق ساقچىلىرى يەنە ئامما دىققەت قىلىۋاتقان كىنىشكا بېجىرىش، ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەزمۇنلارنى چۆرىدەپ قانۇندىن مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇردى.

باي ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئونباش ساقچىخانىسىنىڭ خەلق ساقچىلىرى ئونباش يېزىلىق ئەدلىيە پونكىتىدىكى كادىرلار بىلەن بىرلىكتە خۇالىڭ كالىچىلىق كەسپى باي چەكلىك شىركىتىدە «كارخانىغا كىرىپ قانۇن يەتكۈزۈش» قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ئەدلىيە پونكىتىنىڭ كادىرى رابىيەم سەمەت مۇنداق دېدى: كارخانىلارغا كىرىشتىن باشقا، بىز يەنە مەكتەپ، مەھەللە، يېزا قاتارلىقلارغا كىرىپ ئاساسىي قانۇن، قانۇن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن روھىنى ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر كىرگۈزۈپ، قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى پۇقرالار قەلبىگە سىڭدۈرىمىز.

پىچان ناھىيەلىك 2 - ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەپ «ئاساسىي قانۇننى ئەتىگەنلىك ئوقۇش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، بارلىق ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇن ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنى سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىقنىڭ سادىق ھۆرمەتلىگۈچىلىرى، ئاڭلىق رىئايە قىلغۇچىلىرى، قەتئىي قوغدىغۇچىلىرىدىن بولۇشقا يېتەكلىدى.

بۇرچىن ناھىيەلىك ئەدلىيە ئىدارىسى قۇمقاناس موڭغۇل يېزىسىدا «ئاساسىي قانۇننى مەنزىرە رايونىغا كىرگۈزۈش» تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئامما ۋە ساياھەتچىلەرگە ئاساسىي قانۇن ئوقۇشلۇقى، ئاساسىي قانۇن تەشۋىقات بۇيۇمى، قانۇن - نىزام تەشۋىقات ۋەرەقى تارقىتىپ بەردى. «ھەربىر پۇقرا ئاساسىي قانۇن، قانۇنلارنى ئۆگىنىپ، قانۇنغا ھۆرمەت قىلىش، قانۇننى ئۆگىنىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇندىن پايدىلىنىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، قانۇنچىل جەمئىيەت قۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى كېرەك» دېدى خاڭجوۋدىن كەلگەن ساياھەتچى لى چۇنشېڭ.

تېكەس ناھىيەسى چولاقتېرەك بازىرىنىڭ يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ئورنىدىكى پىدائىيلار يول بويى تەشۋىقات ۋەرەقى تارقىتىپ، ئاساسىي قانۇن، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى، قانۇن ياردىمى قانۇنى، خەلق مۇرەسسە قانۇنى قاتارلىق خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان قانۇن - نىزاملارنى تەشۋىق قىلىپ، كۆپچىلىكنى ئاساسىي قانۇن، قانۇنلارنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇشتىن ئىبارەت قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى تىكلەشكە يېتەكلىدى.