ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 2022 - يىللىق «4 - دېكابىر» دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنى باش تېمىلىق تەشۋىقات پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

日期:2022年12月06日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 2022 - يىللىق «4 - دېكابىر» دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنى باش تېمىلىق تەشۋىقات پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، باش تېمىسى «پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇندا بېكىتىلگەن خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش»تىن ئىبارەت. يىغىنغا قاتناشقۇچىلار مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، «ئۈچ جەزمەن»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئاساسىي قانۇننى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قانۇن پىرىنسىپىغا قاتتىق ئەمەل قىلىش، ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن بۇرچنى ئادا قىلىش ئاڭلىقلىقى، قەتئىيلىكىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدە جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شەۋكەت ئىمىننىڭ ھاۋالىسى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى شۆجۈن «پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغداپ، قانۇنچىللىق يولىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى. يىغىنغا قاتناشقان تۆت ۋەكىل پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەر - كادىرلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋېي گاڭ مۇنداق بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە ئاساسىي قانۇننى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇشنى ۋەكىللەر خىزمىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، ۋەكىللەر بەرگەن تەكلىپ، تەۋسىيەلەرنى بېجىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ئاساسىي قانۇننى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئاساسىي قانۇنغا سادىق بولۇش، ئاساسىي قانۇنغا رىئايە قىلىش، ئاساسىي قانۇننى قوغداشتىكى ئاڭلىقلىق ئېڭى تۇرغۇزۇلىدۇ.

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ما جيەنشىن مۇنداق دېدى: «ئاساسىي قانۇن بويىچە ھوقۇق يۈرگۈزۈپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئاساسىي قانۇننى تۈپ ھەرىكەت مىزانى قىلىپ، ئاساسىي قانۇننى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشقا كاپالەتلىك قىلىشىنى نازارەت قىلىش كېرەك».

قومۇل شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لۇ شەن مۇنداق دېدى: ئاساسىي قانۇن روھىنى خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىدە نامايان قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كۈتۈنۈش، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق خەلق ئاممىسى دىققەت قىلىدىغان قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

«مەن خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن تەشۋىق - تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنى ئاساسىي قانۇننىڭ بارلىق پۇقرالار جەزمەن رىئايە قىلىدىغان ھەرىكەت ئۆلچىمى بولۇپلا قالماي، بەلكى پۇقرالارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان قانۇن قورالى ئىكەنلىكىنى تونۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمەن» دەپ بىلدۈردى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى قاسىمجان سۇلايمان.

پائالىيەت سىنلىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلدى، ھەرقايسى ئوبلاستلىق، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى، ھەرقايسى ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتلىرىدا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.