​ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇر، پۇختا بولۇشىغا پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك

日期:2022年12月06日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى​

ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇر، پۇختا بولۇشىغا پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى. سۆھبەت يىغىنىدا پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، تەجرىبە ۋە ئۇسۇللارنى يەكۈنلەپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، لېكسىيە سۆزلەش، تەشۋىق قىلىش، خەۋەر قىلىش، تەتقىق قىلىش، بايان قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى چوڭقۇر ياخشى ئىشلەش ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ چوڭقۇر، پۇختا بولۇشىغا پۇختا تۈرتكە بولۇندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ چۇنلىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بىز سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىق، سىياسىي ئاڭلىقلىق، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشىمىز كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى تارماقلار ۋە ئىجتىمائىي پەن نەزەرىيە ساھەسىدىكىلەر چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرۈپ، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇننى ئىگىلەپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا پۇختا ئاساس سېلىشى كېرەك. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ روشەن باش تېمىسىنى چوڭقۇر ئىگىلەش كېرەك؛ ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلەر ۋە يېڭى دەۋردىكى 10 يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىشلەرنى چوڭقۇر ئىگىلەش كېرەك؛ ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈش يېڭى مەنزىلىنى ئېچىشتىكى تارىخىي مەسئۇلىيەتنى چوڭقۇر ئىگىلەش كېرەك؛ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى بۇرچ، ۋەزىپىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك؛ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش نىشان - ۋەزىپىسىنى چوڭقۇر ئىگىلەش كېرەك؛ ئۆزى ئۈستىدە ئۇلۇغ ئىنقىلاب قىلىش ئارقىلىق ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابقا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى مۇھىم تەلەپنى چوڭقۇر ئىگىلەش كېرەك؛ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشنىڭ دەۋر تەلىپىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى جاسارەت بىلەن يارىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ھەرقايسى تارماقلار ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، فۇنكسىيەلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆگىنىشنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەشكە، چوڭقۇر ئۆگىنىپ تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلىشى، كەڭ تەشۋىق قىلىشقا، كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلىشى، تەتقىق قىلىش، بايان قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا، داۋلى، تەدبىر كۆرسىتىشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلىشى، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشكە، ئۆگىنىش بىلەن ئىشلىتىشنى بىرلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلىشى، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسى(ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى) قاتارلىق سەككىز ئورۇن پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.