​«سودام ئويلىغىنىمدىن ياخشى بولدى»

日期:2022年12月06日
来源:天山网
【字体:

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى قىسمەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازارلىرى تىجارەتنى ئەسلىگە كەلتۈردى​

«سودام ئويلىغىنىمدىن ياخشى بولدى»

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خۇ دامىن خەۋەر قىلىدۇ: 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى قىسمەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازارلىرى تىجارەتنى ئەسلىگە كەلتۈردى، مۇخبىر نەق مەيداندا زىيارەت قىلغاندا، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ بازاردا تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى تەرتىپلىك سېتىۋېلىۋاتقانلىقىنى بايقىدى.

12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتە، مۇخبىر ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى نەنخۇ شەرقىي يولى جەنۇبىي 2 - كوچىسىغا جايلاشقان چاڭچىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىدا شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ بازارغا كىرىش ئېغىزىدا ئورۇن كودىنى سىكاننېرلاپ، تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىتىپ بولغاندىن كېيىن، بازارغا تەرتىپلىك كىرىپ مال سېتىۋېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى.

بازاردا كۆكتات سېتىۋېلىۋاتقان ليۇ شۆجۈن مۇنداق دېدى: «يېقىندا، ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى ئەتراپىدىكى دۇكانلار ئارقا - ئارقىدىن تىجارەت باشلىدى، تاماق يېيىش، مال سېتىۋېلىش قولايلاشتى. بۈگۈن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىمۇ تىجارەت باشلاپتۇ، مەن بازارنى بىر ئايلىنىپ نەرسىلەرنىڭ كۆپلۈكىنى، كۆكتات، مېۋىلەرنىڭ ئىنتايىن يېڭىلىقىنى بايقىدىم».

جاۋ يىيۈەن چاڭچىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىدا مېۋە دۇكىنى ئاچىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ دۇكىنىدا 20 نەچچە خىل يېڭى مېۋە بار ئىدى. جاۋ يىيۈەن مۇنداق دېدى: «12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، مەن بازاردا تىجارەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئەتىسىلا دۇكانغا كېلىپ تازىلىق قىلدىم ھەم دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈردۈم. بۈگۈن ئەتىگەن تاڭ ئاتماستىلا، مەن ئاپتوموبىلىمنى ھەيدەپ جيۇدىڭ بازىرىغا بېرىپ، 6000 يۈەنلىكتىن ئارتۇق مېۋە كىرگۈزدۈم.» شۇ كۈنى، جاۋ يىيۈەننىڭ دۇكىنىنىڭ سېتىش سوممىسى 2000 يۈەندىن ئاشتى، «سودام ئويلىغىنىمدىن ياخشى بولدى».

چاڭچىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنىڭ ئامانلىق قوغداش دىرېكتورى يۈەن جيەنجياڭ مۇنداق دېدى: بازار 960 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ، 64 تىجارەتچى بار، تىجارەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن تۇنجى كۈنى، ئۈچتىن ئىككى قىسىمدىن ئارتۇق دۇكان ئېچىلىپ خېرىدارلارنى كۈتۈۋالدى، «بىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتىدە سودىگەرلەرگە قارىتىلغان مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمىتىنى ئىمكانقەدەر ياخشى ئىشلەپ، بازارنىڭ نورمال تىجارىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز».

شۇ كۈنى، مۇخبىر ئۈرۈمچى شەھىرى شىخۇڭ شەرقىي يولىغا جايلاشقان شىنمىن شەرقىي كوچىسى لىڭچىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىدا بۇ جاينىڭمۇ تىجارەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ بازاردا ماللارنى تەرتىپلىك سېتىۋېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. «بۈگۈن ئەتىگەن سائەت 9دا، بازار رەسمىي تىجارەت باشلىدى، كەچ سائەت 8دە تاقىلىشى مۇمكىن.» شىنمىن شەرقىي كوچىسى لىڭچىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ دىرېكتورى مەمەت ئىمىن مۇنداق دېدى: شەھەر ئاھالىلىرى بازارغا كىرىشتىن بۇرۇن، ئورۇن كودىنى سىكاننېرلىشى كېرەك، باشقۇرغۇچى خادىملار كۈندە ئۈچ قېتىم بازاردا دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ئىنچىكە، پۇختا ئىشلەيدۇ.

مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى، سايباغ رايونى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)دىكى ئالاقىدار تارماقلاردىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە، بۇ رايونلاردىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازارلىرى ئارقا - ئارقىدىن تىجارەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈۋېتىپتۇ، بۇنىڭ ئىچىدە، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى)دا چىجيې يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئون يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى تىجارەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن، تىيانشان رايونىدىمۇ ئىككى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى تىجارەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن.

ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونلۇق (يېڭىشەھەر رايونلۇق) بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارمىقى تەۋەلىكتىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازارلىرىنىڭ تاۋارنى توپ تارقىتىش مەنبەسى، ئوتتۇرىدىكى ھالقا ۋە پارچە سېتىش ئاخىرقى نۇقتىسىغا قارىتا «پۈتۈن زەنجىرلىك، تولۇق قاپلىغان» نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، سودىگەرلەرنىڭ تىجارەتنى قېلىپلاشتۇرۇشىغا يېتەكچىلىك، ھەيدەكچىلىك قىلىپ، مال باھاسىنى ئۆستۈرۈۋېلىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، مال مەنبەسى يېتەرلىك بولۇش، مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرگىلى بولۇش، سۈپىتى يېڭى بولۇش، باھاسى مۇقىم بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.