​يېڭى دەۋردىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى زىممىسىگە ئېلىش كېرەك

日期:2022年12月06日
来源:天山网
【字体:

تيەن شياڭلى ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە سىستېمىسىدا پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى

​يېڭى دەۋردىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى زىممىسىگە ئېلىش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا، ئىختىيارىي مۇخبىر لياڭ چۈننىڭ خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە سىستېمىسىنىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە سۆزلەش دوكلات يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تيەن شياڭلى لېكسىيە دوكلاتى بەردى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى تېخىمۇ ئاڭلىق ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئۈچ جەزمەن»دىن ئىبارەت سىياسىي تەلەپنى باشتىن - ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ھەمكارلىشىش مەسئۇلىيىتى، نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتى، تۈرتكە بولۇش رولىنى ئۈزلۈكسىز يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنىڭ شىنجاڭدا جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىش، ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەش، ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى زىممىگە ئېلىش كېرەك. قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي بوشاشماي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى چىرىكلىك ۋە ناتوغرا ئىستىللارنى چوڭقۇر تۈزەش كېرەك. چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدە قىلىپ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دېلو ئارقىلىق تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دېلو ئارقىلىق تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى پۇختا ئىشلەش كېرەك. قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش، مۇنتىزىملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولغان ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە قوشۇنى بەرپا قىلىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتلىرى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىش، ھەيدەكچىلىك قىلىش، نەتىجە ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بارلىق خادىملارنى تەربىيەلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەشۋىق قىلىش، لېكسىيە سۆزلەشنى پۇختا ئىشلەپ، ئۆگىنىش قىزغىن دولقۇنىنى سىجىل قوزغىشى كېرەك. بالدۇر پىلانلاپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ۋەزىپە تىزىملىكى شەكىللەندۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇقاتلام چىڭىتىپ، ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشتىكى خىزمەت تەپەككۇرى، چارە - تەدبىر ۋە كونكرېت ھەرىكەتكە ھەقىقىي ئايلاندۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى كېرەك.