​شىنجاڭنىڭ تەشكىلات خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك

日期:2022年12月06日
来源:天山网
【字体:

جاڭ جۇ مەسئۇل بولۇپ باشقۇرىدىغان ساھەدە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى​

شىنجاڭنىڭ تەشكىلات خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ جۇ سىنلىق يىغىن شەكلى ئارقىلىق مەسئۇل بولۇپ باشقۇرىدىغان ساھەدە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى.

جاڭ جۇ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلانغان، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ يۈرۈش قىلىۋاتقان ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي. باش شۇجى شى جىنپىڭ بەرگەن دوكلات پارتىيەنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى سىياسىي خىتابنامىسى ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسى. قۇرۇلتاي روھىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە شىنجاڭنىڭ تەشكىلات خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

جاڭ جۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 -قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەشكىلات خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانى، ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇش، گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. قۇرۇلتاي تەشكىلات خىزمىتىگە يۈكلىگەن يېڭى بۇرچ، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى تەلەپكە ئۆلچەم بويىچە ئومۇميۈزلۈك توغرىلىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەش، روھنى تاۋلاشتا قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن كادىرلار قوشۇنىنى زور كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، تىرىشىپ پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي فۇنكسىيەسى ۋە تەشكىلىي فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك رايونى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، تەشكىلات سىستېمىسىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، سىستېمىنى ئەلالاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. تەشكىلات تارماقلىرى ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ياخشى تۇتۇش ۋە ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت قوش مەسئۇلىيەتنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.