ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىدىغان دۆلەت ئىچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن 10نى ئەسلىگە كەلتۈردى

日期:2022年12月05日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ما يىنىڭ خەۋىرى) نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىدىغان دۆلەت ئىچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن ئوننى ئارقا-ئارقىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قاندۇردى.

نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىدىغان دۆلەت ئىچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن ئوننى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قاندۇردى.

سۈرەتنى كارخانا تەمىنلىگەن

بۇ 10 ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۈرۈمچى-شېنجېن، ئۈرۈمچى-لۇڭنەن، ئۈرۈمچى-ۋېنجوۋ، ئۈرۈمچى-ۋۇخەن، ئۈرۈمچى-جېڭجوۋ، ئۈرۈمچى-چۇڭچىڭ، ئۈرۈمچى-ليەنيۈنگاڭ، ئۈرۈمچى-چاڭشا، ئۈرۈمچى-چىڭياڭ، ئۈرۈمچى-ۋەنجوۋ بولۇپ، يۇقىرىقى ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنىڭ ھەممىسى 12-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن بۇرۇن ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، يولۇچىلار يەنە داۋاملىق ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسىنىڭ شىنجاڭ سىرتىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىغا ئولتۇرسا بولىدۇ، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى 12-ئاينىڭ بېشىدا ئارقا-ئارقىدىن جېڭجوۋ-بوئاۋ، ميەنياڭ-خەيكوۋ، جېڭجوۋ-لەنجوۋ، جېڭجوۋ-چىڭداۋ، جېڭجوۋ-نەنچوڭ، جېڭجوۋ-ۋېنجوۋ، ۋېنجوۋ-نەنچوڭ، ۋېنجوۋ-ۋەنجوۋ، ۋۇخەن-جيېياڭ قاتارلىق دۆلەت ئىچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن توققۇزنى قايتا ئېچىپ، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى يولۇچىلارغا نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ھەرىكەت ھالىتىدىكى ئۆزگىرىشكە يېقىندىن دىققەت قىلىشنى ئەسكەرتتى، كونكرېت نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچۇرىنى سېتىش سىستېمىسىدىن ئەمەلىي سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچەم قىلىنىدۇ. يولغا چىقىشتىن بۇرۇن، يولۇچىلار مەنزىلدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سىياسىتىدىن ۋاقتىدا خەۋەردار بولۇشى ھەمدە تەلەپ بويىچە ئالاقىدار ماتېرىياللارنى تەييارلاپ، سەپىرىنىڭ كېچىكىشىدىن ساقلانسا بولىدۇ.