باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى شارائىتىدىكى كاپىتال مەسىلىسى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك

日期:2022年12月04日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى شارائىتىدىكى كاپىتال مەسىلىسى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك

ما شىڭرۇي رىياسەتچىلىك قىلدى

ئەركىن تۇنىياز، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ ئۆگىنىشكە قاتناشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى 12 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزۇپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، تەشۋىق قىلدى، ئىزچىللاشتۇردى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى شارائىتىدىكى كاپىتال مەسىلىسى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، ئۆزلەشتۈردى، يېڭى دەۋر شارائىتىدىكى تۈرلۈك كاپىتال ھەمدە ئۇنىڭ رولىغا بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كاپىتالنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى قانۇن بويىچە قېلىپلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، كاپىتالنىڭ مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش ئامىلى بولۇشتەك ئاكتىپ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلدى.

ئەركىن تۇنىياز، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن قاتارلىقلار كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە قاتناشتى. خې جۇڭيوۋ، ئېلزات ئەخمەتجان خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى شارائىتىدىكى كاپىتال مەسىلىسى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ماركسىزملىق سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ بېيىتىلىشى ۋە راۋاجى، شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، بۇ، بىزنىڭ كاپىتالنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ھەرىكەت قانۇنىيىتىنى توغرا تونۇشىمىز، ئىگىلىشىمىزدە مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى شارائىتىدىكى كاپىتالنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە يېتەكلەشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم بايانلىرىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى ۋە مول ئىچكى خاس مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭغا مۇجەسسەملەنگەن ماركسىزملىق مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇلنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، كاپىتالنىڭ خاراكتېرىگە بولغان چۈشىنىش، كاپىتالنىڭ رولىغا بولغان تونۇش، كاپىتالنىڭ قانۇنىيىتىنى ئىگىلەش ۋە كاپىتالنى يۈرۈشتۈرۈشكە بولغان تەتقىقاتنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا كاپىتالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك كاپىتالنىڭ ھاياتىي كۈچىنى سىجىل ئۇرغۇتۇپ، ئۇنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، جەمئىيەت بايلىقى يارىتىش، خەلقنىڭ بەخت ـ سائادىتىنى ئاشۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە تىرىشىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم بايانلىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ، كاپىتالنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش كېرەك. تۈرلۈك كاپىتالدىن ماسلاشتۇرۇپ ياخشى پايدىلىنىپ، كاپىتالنىڭ ئاكتىپ رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇش كېرەك. دۆلەت، كوللېكتىپ، پۇقراۋى، ئارىلاش، چەت ئەل مەبلىغى قاتارلىق كاپىتالدىن توغرا، ياخشى پايدىلىنىپ، دىققەتنى ئېنېرگىيە، قاتناش، سۇچىلىق قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە ۋە ياشانغانلار كۈتۈنۈش، بالىلارنى بېقىش، داۋالاش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىدىكى مۇھىم نۇقتىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك كاپىتالنى مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلىش كېرەك؛ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، دۆلەت كاپىتالى ۋە دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ كۈچىيىشى، ئەلالىشىشى، زورىيىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ خاس زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىش كېرەك. كاپىتال بازىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى جارى قىلدۇرۇپ، كاپىتالنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە يېتەكلەش كېرەك. «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت ـ سودا مۇھىتى بەرپا قىلىپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، تېخىمۇ كۆپ كاپىتالنىڭ شىنجاڭدا مەبلەغ سېلىپ، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشكە جەلپ قىلىش كېرەك؛ دۆلەت ئىچىدىكى بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازارغا سىڭىشىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، مۇھىم ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك كاپىتالنى پۇرسەت باراۋەر بولۇش، ئادىل كىرىش، تەرتىپلىك رىقابەتلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك؛ كاپىتال بازىرىغا كىرىش ئۆتكىلىنى مەھكەم ئىگىلەپ، تەرتىپسىز كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك؛ قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش ھەرىكىتىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، ئاممىنىڭ مال ـ مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداش كېرەك. نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، كاپىتال ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەۋەلىك بويىچە نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىشتىن بۇرۇن يېتەكلەش، ئىش داۋامىدا ئالدىنى ئېلىش، ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش جىپسىلاشقان پۈتۈن زەنجىرلىك كاپىتال ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك؛ ئالاقىدار تارماقلار ئىش تەقسىماتى بويىچە ھەمكارلىشىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساھەلەرنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ۋە پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش، رىقابەتنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش قاتارلىق ماسلىشىپ، بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشنى كۈچەيتىپ، خەۋپ ـ خەتەرنى بايقىغان ھامان بالدۇر بىر تەرەپ قىلىپ، بالدۇر تۈگىتىپ، سىستېمىلىق خەۋپ ـ خەتەر يۈزبېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار كاپىتال بازىرىغا ئالاقىدار قانۇن، سىياسەت، قائىدە، تۈزۈملەرنى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، كاپىتالنى تونۇش، ئىشلىتىش، باشقۇرۇش ئىقتىدارى ۋە قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك كاپىتالنىڭ ياخشى تەرەققىي قىلىشى، ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچلۈك مۇلازىمەت قىلىشى ۋە تىرەك بولۇشى كېرەك.

جاڭ جۇ، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ مىڭشەن، زۇمرەت ئوبۇل، ياڭ فاسېن، قادېن كەبىن قاتارلىقلار ئۆگىنىشكە قاتناشتى.