− ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىگە پائال ئاتلاندى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ
بۇ قېتىمقى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كۈچ ۋە بايلىقنىڭ بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈشىگە تۈرتكە بولدى. كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، ئۆزى تۇرۇشلۇق جاينىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىگە پائال ئاتلىنىپ، سالاھىيىتىنى نامايان قىلىپ، ھەرىكىتىدە كۆرسىتىپ، ئۈلگە بولۇپ، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق ئەسلىي مەقسەتنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، مۇلازىمەت ئارقىلىق كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىدە پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئاۋانگارتلىق خىسلىتىنى نامايان قىلىپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى شەكىللەندۈردى.
چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇپ، تېز سۈرئەتتە يىغىلىش
يۇقۇم − بۇيرۇق، ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش − مەسئۇلىيەت. بۇ قېتىمقى يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، كورلا شەھىرى يىڭبىن كوچا باشقارمىسى گۇەننۇڭ مەھەللىسى گۇەننۇڭ خۇيجىڭتەي ئولتۇراق رايونىدا ۋاقىتلىق پارتىيە ياچېيكىسى قۇرۇلدى، 15 پارتىيە ئەزاسى ئىچىدە مەھەللە خىزمەتچىلىرى، شۇنداقلا تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلار، پىدائىيلار بار، ئۇلار چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇپ، تېز سۈرئەتتە يىغىلىپ، ئالدىغا ئۆتۈپ قوماندانلىق قىلدى، پارتىيەلىك كادىرلار كېچە ـ كۈندۈز ئولتۇراق رايونلاردا خېسۇەن ئەۋرىشكىسى ئېلىش، ماددىي ئەشيالارنى تەقسىملەپ يەتكۈزۈش قاتارلىق خىزمەتلەرگە قاتنىشىپ، ئاممىنىڭ «تايانچىسى»غا ئايلاندى.
تېز سۈرئەتتە سەپەرۋەر قىلىپ، جەڭ مەيدانىدا كۈچ توپلىدى. كەسكىن، مۇرەككەپ بولغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ۋەزىيىتى ئالدىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى چاقىرىققا پائال ئاۋاز قوشتى، پارتىيەلىك كادىرلار بۇيرۇقنى ئاڭلىغان ھامان ھەرىكەتكە كېلىپ، خەتەرلىك پەيتتە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، «دائىم غېمىدە بولۇش»تەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بىلەن كەنت(مەھەللە)لەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىگە ئاتلىنىپ، يۇقۇم قەيەردە پەيدا بولسا، پارتىيە تەشكىلاتلىرى شۇ يەردە بولۇش، پارتىيە ئەزالىرى شۇ يەردە جەڭ قىلىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردى.
10 ـ ئايدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، ئاپتونوم رايون، بىڭتۇەن، مەركەزنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق ھەرقايسى ئورۇنلىرى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى پائال قوزغىتىپ، كادىرلار، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنى يېقىن ئەتراپتا بولۇش، قولايلىق بولۇش پىرىنسىپى بويىچە ئۈرۈمچىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىگە ياردەم بېرىشكە مەركەزلىك تاللاپ ئەۋەتتى. ئاپتونوم رايوننىڭ قاتناش ـ تىرانسپورت سىستېمىسىدىكى 300دىن ئارتۇق پارتىيەلىك كادىر، ئىشچى ـ خىزمەتچى تېز سۈرئەتتە مەھەللىلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا قاتناشتى؛ بالىلارغا سۈت پاراشوكى سېتىۋېلىش، ياشانغانلارغا ياردەملىشىپ توردا ماددىي ئەشيا زاكاز قىلىپ بېرىش... ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا نازارىتى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى پارتىيەلىك كادىرلار تۆۋەنگە چۈشكەندىن كېيىن، جان ـ دىلى ۋە بارلىق كۈچى بىلەن ئاممىنىڭ غەم ـ ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى؛ جۇڭگو تۇزچىلىق گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ تۇزچىلىق چەكلىك شىركىتى قاتارلىق كارخانىلار يېپىق ئىشلەپچىقىرىشنى يولغا قويۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، ئۆيىدە تۇرۇۋاتقان پارتىيەلىك كادىرلار، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق مەھەللىلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاھالىلەرنى پىدائىيلار مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشكە چاقىرىق قىلدى.
ئۈرۈمچى شەھىرى پۈتۈن شەھەردىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدىكى «تۆت قوشۇن»نى تەشكىللەپ قۇرۇشقا چاقىرىق قىلدى، پارتىيە ئەزالىرى زەربىدارلار ئەترىتى، پىدائىيلار شۆبە ئەترىتى، داۋالاش شۆبە ئەترىتى، تەشۋىقات شۆبە ئەترىتى تېز سۈرئەتتە يىغىلدى؛ يۇقۇم ئالدىدا، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تەپتىش ئورگانلىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار تېز ھەرىكەتكە كەلدى، «كۆك كىيىملىك تەپتىشلەر» «قىزىل كىيىملىك پىدائىيلار»غا سىڭىشىپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، كەنت(مەھەللە)لەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا ياردەملەشتى؛ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرىدىكى 68 ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى، 1000غا يېقىن پارتىيەلىك كادىر، ئىشچى ـ خىزمەتچى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلدى...
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار ئاتاكىدا ئالدىغا ئۆتۈپ، قەيسەرلىك بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، پارتىيە بايرىقىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدە ئېگىز جەۋلان قىلدۇردى.
باتۇرلۇق بىلەن ئاۋانگارتلاردىن بولۇپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلدە كۆرسىتىش
ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) لىيۈشەن كوچا باشقارمىسى فۇيوۋ يولى مەھەللىسىدە ياشانغانلار كۆپ، دورا، بولۇپمۇ سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدىغان دورىلارغا بولغان ئېھتىياج جىددىي ئىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پەن ـ تېخنىكا جەمئىيىتىدىكى پارتىيەلىك كادىر ۋېي لىچۈن ۋە خىزمەتداشلىرى مەھەللىگە چۈشكەندىن كېيىن، ئاھالىلەرگە دورا سېتىۋېلىش، يەتكۈزۈپ بېرىش خىزمىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، دائىم بىر خىل جىددىي ئېھتىياجلىق دورا ئۈچۈن نۇرغۇن دورىخانىغا قاترىدى، يەنە مەھەللىنىڭ ماددىي ئەشيالارنى توشۇش قاتارلىق ئىشلىرىغا ياردەملەشكەن بولۇپ، ھەر كۈنى توختىماي چېپىپ يۈردى. «پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئاچقۇچلۇق پەيتتە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقمىسام بولمايدۇ، بۇ مېنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىم!» دېدى ۋېي لىچۈن.
«مەن پارتىيە ئەزاسى، مەن ئاۋۋال باراي» «قانچىكى قىيىن پەيتكە دۇچ كەلگەنسېرى، پارتىيە ئەزالىرى شۇنچە ئاممىنىڭ يېنىدا بولۇشى كېرەك». بۇ قېتىمقى يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار«يۇقۇم»غا قارشى سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، «مۇلازىمەتچى» «تېز يەتكۈزگۈچى» «توشۇغۇچى» «يېتەكلىگۈچى» بولۇپ، توختىماي ماددىي ئەشيا يەتكۈزۈپ بېرىش، مۇھىتنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش، دوختۇرخانىغا ئاپىرىش، دورا يەتكۈزۈپ بېرىش، سۇ، توك سېتىۋېلىش، پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك چارە ـ ئاماللار بىلەن ئاممىنىڭ غەم ـ ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدە ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلدە كۆرسەتتى.
يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش مەزگىلىدە، شىخو شەھەرلىك مالىيە ئىدارىسىنىڭ باشىسىخۇ يېزىسى كاڭجياجۇاڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى سەي جىشياڭ ھەر كۈنى ماددىي ئەشيالارنى تەقسىملەپ يەتكۈزدى، يەنە ئاغرىپ قالغان يالغۇز تۇرىدىغان ياشانغانلارغا قېلىن يوتقان ـ كۆرپە ۋە كۈندە ئۈچ ۋاق تاماق يەتكۈزۈپ بەردى، «پارتىيەلىك كادىرلار ئىشنى كۆپرەك قىلسا، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقى شۇنچە ئازلايدۇ.» بۇ ئۇنىڭ نىشانى ئىدى؛
ياتاق تەكشۈرۈش، ئوپېراتسىيە قىلىش، يان تېلېفوننىڭ 24 سائەت راۋان بولۇشىنى ساقلاپ، ھەر ۋاقىت ئاممىنى ئاياللار كېسەللىكلىرى جەھەتتە مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش، باشلامچىلىق بىلەن قىيىنچىلىقى بار ئاغرىقلارغا پۇل ئىئانە قىلىش... يۇقۇم ئالدىدا، خوتەن شەھەرلىك ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، 53 ياشلىق مىنەۋەر مويدىن بىرىنچى سەپتە چىڭ تۇرۇپ، تېببىي خادىملارنىڭ مېھرىبانلىقى ئارقىلىق ھاياتلىقنى قوغداپ، ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى ئەمەلدە كۆرسەتتى؛
غۇلجا ناھىيەسى يېڭىتام بازىرى دولان تەۋەلىك رايونى 4 ـ مەھەللىدىكى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ «95 ـ يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان» شۇجىسى ياڭ جىخاۋ ئاممىنىڭ غەم ـ ئەندىشىسى، ھال ـ ئەھۋالىنى ھەر ۋاقىت كۆڭلىگە پۈكۈپ، دورا ۋە ماددىي ئەشيا يەتكۈزۈپ بېرىش بىلەن بىللە، ئاھالىلەرنىڭ قىيىنچىلىق، ئىلتىماس ـ تەلەپلىرىنى ئىگىلىدى، كىمنىڭ ئۆيىگە مەش ئورنىتىش كېرەك، كىمنىڭ ئۆيىدە يەم ـ خەشەك قىس، ئۇ بۇلارنى بىر ـ بىرلەپ خاتىرىلەپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، ئالاھىدە مەزگىلدە چىن ھېسسىياتى بىلەن مۇلازىمەت قىلىش ئارقىلىق ئاممىنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى؛
ئۈرۈمچى گەنچۈەنپۇ ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(سانائەت رايونى)دا جەمئىي 400دىن ئارتۇق پارتىيەلىك كادىر بىرىنچى سەپتە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى، يېپىق ھالقىلىق ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلدى، تۈر قۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى...
بىر پارتىيە ئەزاسى بىر بايراق. كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار ئاۋانگارت بولۇپ، زەربىدارلىق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، ھەرقايسىسى ئۆز ئىش ئورنىدا كېچە ـ كۈندۈز جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، پارتىيە ئىزنىكىنى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە جۇلالاندۇردى.
ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەش
«بۇ بىزنىڭ ئۆز ئائىلىمىز، مەن قوغدىمىسام، كىم قوغدايدۇ» «پارتىيە ئەزالىرىغا توغرىلىنىمەن، ئولتۇراق رايون پىدائىيلار مۇلازىمىتىدە مەن كەم بولسام بولمايدۇ.» يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشتىكى ئالاھىدە مەزگىلدە، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ يېتەكلىشى، تۈرتكىسىدە، ھەر مىللەت ئامما بۇ مەيدان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، يوقىتىش جېڭىگە بەس ـ بەستە قاتنىشىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىش، بىر نىيەتتە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.
ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى مەھەللىلەردە ئاھالىلەر پىدائىيلار قوشۇنىغا بەس ـ بەستە قاتناشتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە، ئوتتۇرىچە يېشى 24 ياشتىن ئاشمايدىغان، ماددىي ئەشيالارنى تېز تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ بېرىدىغان «95 ـ يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان» ئاسپىرانت پىدائىيلار كىچىك شۆبە ئەترىتى، ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ئادۋوكاتلىرى، يەنە يېڭىدىن خىزمەتكە قاتناشقان دوختۇر قاتارلىقلار بار، ئۇلار مەھەللە داۋالاش مۇلازىمەت ئەترىتىگە قاتنىشىپ، ئاھالىلەرنى تېلېفوندا كېسەل كۆرۈش، ئۆيىگە بېرىپ پەرۋىش قىلىش قاتارلىق كەسپىي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، ئاھالىلەرنى داۋالىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
ئۈرۈمچى شەھىرىدىلا ئەمەس، قەشقەر شەھىرى، خوتەن شەھىرى، كۇچا شەھىرى قاتارلىق جايلاردىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىدە، پىدائىيلارنىڭ سىڭدۈرگەن ئەجرى، تۆككەن تەرى ئاز ئەمەس. ئۇلار پارتىيەلىك كادىرلارغا ئەگىشىپ باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى كىچىك ئىشلارنى ياخشى قىلىشقا ياردەملەشتى، بەزىلىرى يەنە يۇقۇمغا قارشى جەڭنىڭ بىرىنچى سېپىدە پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى يازدى. سانسىزلىغان ئاددىي سىيمالار، ئىللىق ياخشى ئىشلار يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتىكى قەتئىي ئىشەنچنى يەتكۈزدى.
نۇر يىغىلىپ مەشئەلگە ئايلىنىدۇ، يورۇقلۇققا قاراپ ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك. كۆپچىلىك قەتئىي ئىشىنىدۇكى، پەقەت پارتىيەلىك كادىرلار بىلەن ئامما بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، بىر نىيەتتە ئويلاپ، بىر يەڭدىن كۈچ چىقارسىلا، چوقۇم يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ.