پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنىڭ جايىدا، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئەقىل ـ پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇش كېرەك

日期:2022年11月23日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى

پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنىڭ جايىدا، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئەقىل ـ پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 11 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسى سىنلىق شەكىلدە كېڭەيتىلگەن يىغىن ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، سىياسىي كېڭەش سىستېمىسىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش يېڭى مۇساپىسىدە، مەسئۇلىيەتنى قەلبكە پۈكۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنى ھەرىكىتىدە كۆرسىتىپ، سىياسىي مەسلىھەت ۋە تەكلىپ بېرىپ، ياخشى تەدبىر كۆرسىتىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، بىرىكمە كۈچنى ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جاسارەت بىلەن ئىتتىپاق ـ ئىناق، ئاۋات ـ باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال ـ خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىس نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىش، ئىگىلەش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىغا يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈش، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇجەسسەملەشتە مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش، سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقان ھەرقايسى ئورۇنلار ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئەزالار، سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدىكى كادىرلار، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىش، ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەش، ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىش چوڭقۇر بولۇش، پۇختا بولۇش، ئۆگىنىش، تەربىيەلەش كاللىغا، قەلبكە سىڭىش، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن تەشۋىق قىلىش، لېكسىيە سۆزلەش، دىققەتنى ئىدىيەۋى يېتەكچىلىككە مەركەزلەشتۈرۈش، كۈچنى مۇجەسسەملەشكە تۈرتكە بولۇپ، مەڭگۈ بوشاڭلىق قىلمايدىغان روھىي ھالەت ۋە توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلىش ھالىتى بىلەن يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشى، يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: «ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەت»نى قەلبكە پۈكۈپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»غا رىشتە باغلاپ، دىققەتنى پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان نۇقتىلىق خىزمەتلەر ھەم تۈرلۈك تەلەپلەرنى چىڭ كۆزلەپ، ۋەزىپە ـ مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، ئىدىيە جەھەتتىن يېتەكلەش، كۈچنى مۇجەسسەملەش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش، تەكلىپ بېرىش، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەش كېرەك. بۇرچ، ۋەزىپىنى چىڭ كۆزلەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا دائىر تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشنى ئاساس، قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەدەمنى پۇختا ئېلىپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم، زور تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش ـ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مول ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، فۇنكسىيەلىك ئورۇننى دەل جايىدا ئىگىلەپ، دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيە سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىك قىلىشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ سىياسىي پىرىنسىپقا باشتىن ـ ئاخىر ئەمەل قىلىپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى قۇرۇلۇشىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپى بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، «ئۈچ جەزمەن»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەت يېڭى ئۈنۈمى ئارقىلىق پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش كېرەك.