پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇش كېرەك

日期:2022年11月23日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگان كادىرلىرى يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى

پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 11 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگان كادىرلىرى يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە قارىتا قايتا ئورۇنلاشتۇرۇش ـ ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى بۇرچ، ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر شەۋكەت ئىمىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش چىڭ كۆزلىنىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش يېڭى مۇساپىسىدە، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يۆنىلىش يەنىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى، قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. بىز سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، كۈچنى مۇجەسسەملەش جەھەتتە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش، بۇرچنى ئېنىق تونۇش، مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىشتە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش، ھەرىكەتتە كۆرسىتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتا ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىشىمىز كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، پارتىيەنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە پۇختا چىڭ تۇرۇپ، باشتىن ـ ئاخىر پارتىيە رەھبەرلىكىنى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى، ھەرقايسى تەرەپلىرى، ھەرقايسى ھالقىلىرىدا ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. «تۆت ئورگان»نىڭ تەلىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ساھەسىدە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلىشى، ئومۇميۈزلۈك قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئومۇمىي يىغىندا بېكىتىلگەن يول، تۈزۈلگەن ئۇلۇغۋار پىلانغا ئاساسەن، ھەر تەرەپلىمە، پۈتۈن ساھە، پۈتۈن جەريان بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، جاسارەت بىلەن ئىتتىپاق ـ ئىناق، ئاۋات ـ باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال ـ خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ باشتىن ـ ئاخىر پارتىيەنىڭ مەركىزىي خىزمىتى بىلەن بىر مەقسەت، بىر يۆنىلىشتە، ماس قەدەمدە بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، مۇھىم ساھەلەردە نىزام چىقىرىشنى كۈچەيتىپ، نىزام چىقىرىش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، نىزامنى يۇقىرى سۈپەتتە چىقىرىش ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ياخشى ئىدارە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارەتچىلىك خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، توغرا نازارەت قىلىش، ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش، قانۇن بويىچە نازارەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نازارەتچىلىك خىزمىتىنىڭ قاتتىقلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ خىزمەت ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، «ئونمىڭ ۋەكىل ئونمىڭ ئائىلىگە كىرىش» باش تېمىلىق ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، خەلق رايىنى قوبۇل قىلىش، خەلقنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتىنى مۇجەسسەملەش خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتا نەمۇنىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.